تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

تىز پۈكمەس ئايال قەھرىمان

جياڭ جۇيۈن:

تىز پۈكمەس ئايال قەھرىمان

جياڭ جۇيۈننىڭ سۈرىتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ دى

سىچۇەن ئۆلكىسى زىگۇڭ شەھىرى دائەن رايونىنىڭ ھەممىلا يېرىدە «قىزىل قىيا» رومانىدىكى جياڭ ھەدىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان يەر - جاي ناملىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ: جياڭ ھەدە باشلانغۇچ مەكتىپى، جياڭ ھەدە ئوتتۇرا مەكتىپى، جياڭ ھەدە كەنتى، جياڭ ھەدە مەيدانى.

بۇ جاي جياڭ ھەدە پېرسوناژىنىڭ ئەسلىي ئوبرازى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، مەشھۇر ئىنقىلابىي قەھرىمان جياڭ جۇيۈننىڭ يۇرتى. «بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، جياڭ ھەدىنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغانلار ئىنتايىن كۆپ، ھەر كۈنى دېگۈدەك نەچچە يۈز كىشى، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر كۈندە 1000دىن ئارتۇق كىشى كېلىدۇ» دېدى زىگۇڭ شەھىرى دائەن رايونى جياڭ ھەدە كەنتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ پىڭ.

1920 - يىلى، جياڭ جۇيۈن داشەنپۇ بازىرىنىڭ جياڭجياۋەندىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. تۇرمۇشنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن، گۆدەك جياڭ جۇيۈن ئانىسىغا ئەگىشىپ چۇڭچىڭغا تۇغقانلىرىنى پاناھ تارتىپ بارغان، كېيىن شۇ جايدىكى بىر پايپاق زاۋۇتىدا ئۈچ يىلغا يېقىن بالا ئىشچى بولۇپ ئىشلىگەن. باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، جياڭ جۇيۈن جاپاغا چىداپ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئۈچ يېرىم يىلدىلا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بارلىق دەرسىنى تاماملىغان.

ئارقىدىن، جياڭ جۇيۈن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ چۇڭچىڭ نەنئەن ئوتتۇرا مەكتىپى، جۇڭگو گۇڭشۆ قارىمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ، جۇڭخۇا كەسپىي مەكتىپى ۋە سىچۇەن داشۆسىدە ئوقۇغان. 1939 - يىلى، تېخى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان جياڭ جۇيۈن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. 1940 - يىلى كۈزدە، ئۇ جۇڭخۇا كەسپىي مەكتىپىدە ئوقۇغان ھەم بۇ مەكتەپنىڭ يەر ئاستى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللۇقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ياش ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.

1943 - يىلى، پارتىيە تەشكىلاتى ئۇنى ئەينى چاغدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان پېڭ يۇڭۋۇنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ، خەۋەرلىشىش، ئالاقىلىشىش خىزمىتىنى ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ ئىككىسى يالغان ئەر - خوتۇن بولۇپ «ئائىلە» قۇرۇپ، ئۇنى چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەخپىي ئورگىنى ۋە يەر ئاستى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىستىل تۈزىتىش ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش مەركىزى قىلغان. 1945 - يىلى، جياڭ جۇيۈن پېڭ يۇڭۋۇ بىلەن رەسمىي توي قىلغان، كېيىن چۇڭچىڭدا قېلىپ پېڭ يۇڭۋۇنىڭ خىزمىتىگە ھەمكارلىشىپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئىچكى - تاشقى ئالاقە خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان، يولداشلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى سەمىمىيلىك بىلەن «جياڭ ھەدە» دەپ ئاتىغان.

1947 - يىلى، جياڭ جۇيۈن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى چۇڭچىڭ شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ بېكىتىپ ئەۋەتىشى بىلەن، داشۆ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشقا تەشكىللەشكە مەسئۇل بولغان. ئېرى پېڭ يۇڭۋۇنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدە، جياڭ جۇيۈن يەنە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى چۇڭچىڭ شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ يەر ئاستى مەتبۇئاتى − «ئىلگىرىلەش گېزىتى»نىڭ ئالاقىلىشىش ۋە تەشكىللەش، تارقىتىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان. شۇ يىلى، شەرقىي سىچۇەن پارتىيە تەشكىلاتى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى يېزا قوراللىق كۈرىشىگە يۆتكەشكە باشلىغان، پېڭ يۇڭۋۇ يۇقىرى دەرىجىلىكنىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن شەرقىي سىچۇەنگە بېرىپ قوراللىق كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شەرقىي سىچۇەن ۋاقىتلىق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە تۆۋەنكى شەرقىي سىچۇەن يەرلىك خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. جياڭ جۇيۈن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شەرقىي سىچۇەن ۋاقىتلىق كومىتېتى ھەم تۆۋەنكى شەرقىي سىچۇەن يەرلىك خىزمەت كومىتېتىنىڭ ئالاقىچىسى سالاھىيىتىدە ئېرى بىلەن بىللە كۈرەشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىگە ئاتلانغان.

1948 - يىلى، پېڭ يۇڭۋۇ قوراللىق قوزغىلاڭ تەشكىللىگەندە بەختكە قارشى قۇربان بولغان. جياڭ جۇيۈن قايغۇ - ھەسرەتكە بەرداشلىق بېرىپ، قەتئىيلىك بىلەن ئېرىنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان.

1948 - يىلى 6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، خائىننىڭ ساتقىنلىق قىلىشى بىلەن، جياڭ جۇيۈن بەختكە قارشى ۋەنشيەن ناھىيەسىدە قولغا ئېلىنىپ، چۇڭچىڭ جازىدۇڭ تۈرمىسىگە قامالغان. گومىنداڭ جۈنتۇڭ ئىشپىيونلىرى يولۋاس ئورۇندۇق، ئاسما ئارقان، تىكەنلىك پولات قامچا، ئىلمەكلىك تۆمۈر تاياق، توك بىلەن قىيناش... قاتارلىق تۈرلۈك دەھشەتلىك جازالارنى قوللانغان، ھەتتا رەھىمسىزلەرچە ئۇنىڭ ئون بارمىقىغا بامبۇك زىخچە سانجىپ، بۇ ياش ئايال كومپارتىيە ئەزاسىنى بويسۇندۇرۇپ، يەر ئاستى پارتىيە تەشكىلاتىنى قولغا چۈشۈرۈشنى خام خىيال قىلغان. دۈشمەننىڭ قاتتىق ئۇرۇشى، قىيىن - قىستاققا ئېلىشى ئالدىدا، جياڭ جۇيۈن باشتىن - ئاخىر قەتئىي تىز پۈكمىگەن، «سىلەر مېنىڭ قولۇمنى سۇندۇرۇۋېتىپ، كاللامنى ئالساڭلار بولىدۇ، لېكىن تەشكىلاتقا ئېرىشىشنى خام خىيال قىلماڭلار.» «دەھشەتلىك جازالاپ قىيناش ئىنتايىن ئەرزىمەس بىر سىناق. بامبۇك زىخچە بامبۇكتىن ياسالغان، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىرادىسى بولسا پولاتتەك مۇستەھكەم!»

1949 - يىلى 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، چۇڭچىڭ ئازاد بولۇش ئالدىدا، جياڭ جۇيۈن گومنىداڭ جۈنتۇڭ ئىشپىيونلىرى تەرىپىدىن جازىدۇڭ تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلگەن، شۇ يىلى ئۇ 29 ياشتا ئىدى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، جياڭ جۇيۈننىڭ ئىش ئىزلىرى كېيىن خەتەردىن قۇتۇلغان تۈرمىداشلىرى تەرىپىدىن رومان قىلىپ يېزىلىپ، ئارقا - ئارقىدىن سەھنىلەشتۈرۈلگەن، كىنو - تېلېۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلەنگەن.

2007 - يىلى، زىگۇڭ شەھىرى داشەنپۇ بازىرى جياڭجياۋەنگە جايلاشقان جياڭ ھەدىنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى سىرتقا رەسمىي ئېچىۋېتىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يەر سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىغا ئايلاندى، ھەر يىلى زور تۈركۈم پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما بۇ يەرگە كېلىپ ئۇنى ئەسلەپ ياد ئېتىدۇ.

2009 - يىلى 9 - ئايدا، جياڭ جۇيۈن «يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان 100 قەھرىمان نەمۇنىچى شەخس» بولۇپ سايلانغان.

«كەنتىمىزدىكى پۇقرالار باشقا جايلارغا بارغاندا دائىم پەخىرلەنگەن ھالدا مەن جياڭ ھەدە كەنتىدىن دېيىشىدۇ.» جاڭ پىڭ مۇنداق دېدى: «جياڭ ھەدە يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان ئاياللار ئىچىدىكى مەشھۇر شەخس!»

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چىڭدۇ، 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.