تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

خەلق مۇزىكانتى

شيەن شىڭخەي:

خەلق مۇزىكانتى

شيەن شىڭخەينىڭ سۈرىتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دېڭ رۇيشۈەن

ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن «خەلقئارا مۇزېي كۈنى»دە، ھەرقايسى جايلاردىكى مۇزېيلار بەس - بەستە مول مەزمۇنلۇق كۆرگەزمە ۋە پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى، تارىخ ۋە مەدەنىيەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بۇ مەيدان - سارايلار كىشىلەر بەس - بەستە بارىدىغان جايغا ئايلاندى. گۇاڭجوۋ شەھىرىنىڭ پەنيۈي مۇزېيىدىكى شيەن شىڭخەينىڭ ھاياتى كۆرگەزمە زالى يېقىندا تېخىمۇ كۆپ ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى كۈتۈۋالدى. كىشىلەر خەلق مۇزىكانتى شيەن شىڭخەينىڭ كۈرەش ھاياتىغا ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، ئىنقىلابىي روھىنى ھېس قىلدى.

شيەن شىڭخەي، جۇڭگونىڭ يېقىنقى ھازىرقى زاماندىكى ئۇلۇغ مۇزىكانت، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى. ئۇنىڭ ئەسلىي يۇرتى گۇاڭدۇڭ پەنيۈ بولۇپ، ئاۋمېندىكى بىر نامرات كېمىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. يەتتە ياشقا كىرگەندە، شيەن شىڭخەي ئانىسى بىلەن مالايادا چياۋمىن بولۇپ تىرىكچىلىك قىلغان، سىنگاپوردا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە مەكتەپ ئوركېستىرىنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشقان. 1918 - يىلى، ئۇ ۋەتەنگە قايتىپ لىڭنەن داشۆسى قارىمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئىسكىرىپكا ئۆگەنگەن، 1926 - يىلىدىن كېيىن بېيجىڭ داشۆسىنىڭ مۇزىكا ئۆگىتىش ئورنى، دۆلەتلىك سەنئەت كەسپىي تېخنىكومىنىڭ مۇزىكا فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 1928 - يىلى، شيەن شىڭخەي شاڭخەي دۆلەتلىك مۇزىكا كەسپىي تېخنىكومىغا كىرىپ ئىسكىرىپكا ۋە پىيانىنو ئۆگەنگەن ھەم «ئومۇملاشقان مۇزىكا» ناملىق مۇزىكا ھەققىدىكى داڭلىق قىسقا ئوبزورىنى ئېلان قىلغان.

1929 - يىلى شيەن شىڭخەي پارىژغا بېرىپ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئوقۇغان، داڭلىق ئىسكىرىپكىچى پانى ئوبېدوفېل ۋە داڭلىق كومپوزىتور پائۇل دۇكاسنى ئۇستاز تۇتقان. 1931 - يىلى ئۇ پارىژ مۇزىكا شۆيۈەنىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ، شياۋرا كانتورۇمنىڭ كومپوزىتورلۇق سىنىپىدا ئوقۇغان. فىرانسىيەدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، ئۇ «شامال» «مۇساپىرلار كۈيى» «d مىنورلۇق ئىسكىرىپكا مۇزىكىسى» قاتارلىق ئون نەچچە پارچە ئەسەرنى ئىجاد قىلغان.

1935 - يىلى ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، شيەن شىڭخەي ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، جەڭگىۋارلىققا ئىگە نۇرغۇن ئاممىۋى ناخشىلارنى ئىجاد قىلغان ھەم تەرەققىيپەرۋەرلىك مەزمۇنىدىكى فىلىم «ئۇلۇغۋار ئىرادە» «ياشلار مارشى»، دىراما «تىرىلىش» «گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر» قاتارلىقلارغا مۇزىكا ئىشلەپ بەرگەن. ئۇ يەنە شاڭخەي ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش ئويۇن قويۇش 2 - ئەترىتىگە قاتناشقان. 1935 - يىلىدىن 1938 - يىلىغىچە، «ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئارمىيە مارشى» «قارشىلىق كۆرسەتمەسلىكتىن قورقىمىز» «پارتىزانلار مارشى» «يولنى بىز ئاچىمىز» «چەكسىز سىبىرىيە» «ۋەتەننىڭ بالىلىرى» «دۈشمەن ئارقا سېپىگە بېرىش» «تەيخاڭشەن تېغىدا» قاتارلىق تۈرلۈك ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلغان. 1938 - يىلى، شيەن شىڭخەي يەنئەنگە بېرىپ لۇشۈن سەنئەت شۆيۈەنى مۇزىكا فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان ھەم «ئاياللار داشۆسى»دە قوشۇمچە دەرس ئۆتكەن، ئوقۇتۇشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، ئۆچمەس داڭلىق ئەسەر «خۇاڭخې ئومۇمىي خورى» ۋە «ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي خورى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان.

1940 - يىلى 5 - ئايدا، شيەن شىڭخەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ، چوڭ تىپتىكى ھۆججەتلىك فىلىم «يەنئەن ۋە 8 - ئارمىيە»گە مۇزىكا ئىشلەپ بەرگەن، كېيىن ئۇرۇش، قاتناش توسالغۇسى تۈپەيلىدىن تۇرۇپ قېلىپ قايتىپ كېلەلمىگەن. ئارىلىقتا، ئۇ سىمفونىيەلىك مۇزىكا «مىللەتنىڭ ئازادلىقى» «مۇقەددەس جەڭ»، ئوركېستىرلىق گۇرۇپپا مۇزىكا «مەنجياڭخۇڭ»، ئوركېستىرلىق مۇزىكا «جۇڭگو راپسودىيەسى» ھەمدە ئىسكىرىپكا مۇزىكىسى «گوجىر − بىدەي» قاتارلىقلارنى ئىشلىگەن، ھازىر ئۇنىڭ 300گە يېقىن ئەسىرى توپلاندى؛ ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە «نيې ئېر − جۇڭگودىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن مۇزىكىلارنىڭ ئىجادچىسى» «جۇڭگو مۇزىكىسىنىڭ مىللىي شەكلى توغرىسىدا» قاتارلىق نۇرغۇن مۇزىكا ئىلمىي ماقالىلىرىنى يېزىپ، 35 پارچىسىنى ئېلان قىلغان.

ئۇزاق مۇددەت چارچاش ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئۆپكە كېسىلى ئېغىرلىشىپ، 1945 - يىلى شيەن شىڭخەي كېسەل سەۋەبىدىن موسكۋادا ۋاپات بولغان.

2009 - يىلى شيەن شىڭخەي «يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان 100 قەھرىمان نەمۇنىچى شەخس» بولۇپ سايلانغان.

خۇاڭخې دەرياسى ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئەسلەپ، شىڭخەي روھىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇردى. بۈگۈنكى كۈندە گۇاڭجوۋدا بۇ شەھەر ۋە شەھەر ئاھالىلىرى كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق بۇ ئۇلۇغ خەلق مۇزىكانتىنى خاتىرىلەپ، شىڭخەي روھىغا ۋارىسلىق قىلماقتا.

جۇجياڭ دەرياسى ئوراپ تۇرغان ئېرشا ئارىلىدا، شيەن شىڭخەينىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان شىڭخەي مۇزىكا زالىدا نۇرغۇن قېتىم لەرزان مۇزىكىلار ئورۇنلىنىپ، بۇ جاينى شەھەرنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت يەر بەلگىسىگە ئايلاندۇردى؛ 1985 - يىلى گۇاڭجوۋ مۇزىكا شۆيۈەنىنىڭ نامى شىڭخەي مۇزىكا شۆيۈەنىگە ئۆزگەرتىلىپ، «شىڭخەي روھى»نى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان سەنئەت مەخسۇس ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈردى؛ 2005 - يىلى 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، شيەن شىڭخەي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە، پەنيۈ مۇزېيىدا مەخسۇس كۆرگەزمە زالى تەسىس قىلىنىپ، شيەن شىڭخەينىڭ ئىنقىلابىي روھى ۋە قالتىس كۈيلىرى نامايان قىلىندى...

«شيەن شىڭخەي ئۆزىنىڭ بارلىقىنى دۆلەت ۋە مىللەتكە بېغىشلىدى، ئۇنىڭ ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ.» پەنيۈ مۇزېيىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى شياۋ خۇا مۇنداق دېدى: مۇزېي مەخسۇس كۆرگەزمە زالى تەسىس قىلىش، «يېڭى دەۋر قىزىل مەدەنىيەت دەرسخانىسى»، سەييارە ھېكايە ئېيتىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە شيەن شىڭخەينىڭ ھاياتىي ئىش ئىزلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، «قەتئىي تەۋرەنمەسلىك، ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلەش، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ۋەتەننى سۆيۈش، ئۆزىنى بېغىشلاش»تىن ئىبارەت «شىڭخەي روھى»نى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇاڭجوۋ، 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.