تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى %14.1 ئاشتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى تۆت ئايدا، شىنجاڭنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.1 ئېشىپ، سانائەت ئىقتىسادى سىجىل ياخشىلانغان.

بۇ يىلدىن بۇيان، خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق، پولات - تۆمۈر، رەڭلىك مېتال قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەپ تېزلىتىپ، ئۈنۈمنى سىجىل ياخشىلىغان. 1 - پەسىلدە، شىنجاڭدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33.4 ئاشقان، پايدا ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.1 ھەسسە ئاشقان.

سانائەتتىكى ئالدىن يولغا قويۇش كۆرسەتكۈچى سۈپىتىدە، توك ئىشلىتىش مىقدارى، تۆمۈريول تىرانسپورت مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىشى رايون ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىش دەرىجىسىنى ياندىن ئەكس ئەتتۈرگەن. ئالدىنقى تۆت ئايدا، شىنجاڭنىڭ توك تارقىتىش مىقدارى 150 مىليارد 75 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.9 ئاشقان؛ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى 114 مىليارد 522 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.6 ئاشقان؛ شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈك يەتكۈزۈش مىقدارى 60 مىليون 341 مىڭ 200 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.5 ئاشقان.

4 - ئايدا، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى كەينى - كەينىدىن قۇرۇلۇش قىلىش مەزگىلىگە كىرگەن، سانائەت سېلىنمىسى تېز ئېشىش يۈزلىنىشىنى سىجىل ساقلىغان. ئالدىنقى تۆت ئايدا، شىنجاڭنىڭ سانائەت سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 3.3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. شىنجاڭدىكى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش بويىچە 50 مۇھىم، زور تۈرنىڭ ئىلگىرىلىشى ئوڭۇشلۇق بولغان، ئومۇمىي ئىش باشلاش نىسبىتى %70تىن كۆپرەككە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىش باشلانغان، قىسمەن تۈرلەر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ياكى سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.

ئالدىنقى تۆت ئايدا، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتى بىردەك مۇسبەت ئاشقان. ئون چوڭ نۇقتىلىق سانائەت ساھەسى ئىچىدە، خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، توقۇمىچىلىق، رەڭلىك مېتال، پولات - تۆمۈر، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق ساھەلەردىكى سانائەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىشنى ساقلىغان، نېفىت، كۆمۈر كەسپى تەكشى، مۇقىم ئېشىشنى ساقلىغان.

بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ يۈرۈشۈشىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى يۈرۈشتۈرۈش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.