تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ ئەمەلىي ئىش قىلدى

تارباغاتاي ۋىلايىتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى

تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ ئەمەلىي ئىش قىلدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە

«5 - ئاينىڭ بېشىدا، مەن ھەقسىز بەرگەن 20 چۈجىنى تاپشۇرۇۋالدىم، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ توخۇلارنى سېتىۋېتىپ، يەنە چۈجە سېتىۋېلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن» دېدى 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى چاغانكۆل يېزىسى چاغانكۆل كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مۇقامىتقان جۇمابېك.

چۈجە بېرىپ، ئاممىنى ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەش تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشقانلىقىنىڭ بىر ئىخچام كارتىنىسى. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، تارباغاتاي ۋىلايىتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىپ، ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلدى.

ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ تەرەققىياتنى كۆزلەش

«پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بىز ئۆگىنىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چىڭ كۆزلەپ، <نېمىنى ئۆگىنىش>نى ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈپ، <قانداق ئۆگىنىش>نى ئىلمىي پىلانلاپ، <قانداق قىلىش>نى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتۇق. <مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن> تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشنى مەقسەت ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدۇق، كېڭەيتتۇق» دېدى 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۆ بىن.

«مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، تارباغاتاي ۋىلايىتى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىدا «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى سەككىز تۈرلۈك كونكرېت ۋەزىپىگە ئىنچىكىلەشتۈردى ھەم يولغا قويۇش لايىھەسى، ۋەزىپە تەقسىملەش لايىھەسى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش لايىھەسىنى تۈزدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، تارباغاتاي ۋىلايىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش خىزمىتى نىشان - ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىن ئىبارەت «چوڭ ئۆگىنىش، چوڭ مۇھاكىمە قىلىش» ۋاقتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئۆگىنىش يىغىنى قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچ - قۇۋۋىتىنى جارى قىلدۇردى، ئورتاق تەتقىق قىلدى ۋە مۇھاكىمە قىلدى.

شۆ بىن مۇنداق بىلدۈردى: تارباغاتاي ۋىلايىتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

ياخشى ئىشلارنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلىش

«بىزنى ئۇزاق يىل قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان مەسىلىلەر ئاخىر ھەل قىلىندى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، كەنت <ئىككى كومىتېت>ىنىڭ پۇقرالار ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن ياخشى ئىشلىرىغا ئىنتايىن رەھمەت ئېيتىمىز» دېدى 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ساۋەن شەھىرى كوناساۋەن بازىرى بەيجاجاڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ياڭ جۇڭيۈەن.

ساۋەن شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىنىڭ كوناساۋەن بازىرى بەيجاجاڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن زىيارەت قىلىش جەريانىدا، ئېتىز ئارىسىدىكى ئاساسلىق يولنىڭ كەنت ئاھالىلىرى يەر تېرىشتا ئىشلىتىدىغان ئاپتوموبىللار چوقۇم ئۆتىدىغان يول ئىكەنلىكىنى، لېكىن يولنىڭ تار ئىكەنلىكىنى، يامغۇر ياغقان كۈنلەردە يول يۈزىنىڭ پاتقاق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى، ھەر يىلى قار - مۇز ئېرىگەندە نورمال يۈرۈشكە تەسىر يېتىدىغانلىقىنى، بۇ يولنى ياساشنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى ئىگىلىدى.

ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، بىر ھەپتىدىن كېيىن، ئۇزۇنلۇقى 4.5 كىلومېتىر، كەڭلىكى ئالتە مېتىر كېلىدىغان شېغىل يول ياسىلىپ، 180 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ تەخمىنەن 10 مىڭ مودىن ئارتۇق يېرىدە تېرىقچىلىق قىلغان چاغدىكى ئادەم ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈش مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ، ئاممىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى 7 مىليون 260 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ساپ توكلۇق ئاممىۋى ئاپتوبۇستىن ئوننى سېتىۋېلىپ، 25 ئاممىۋى قاتناش بېكىتى شىپاڭى (تاختا)، ئۈچ توك قاچىلاش تۈۋرۈكىنى يېڭىدىن قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يول يۈرۈش مۇھىتىنى ياخشىلىدى؛ شىخو شەھىرى بەيياڭگوۋ بازىرى يول بويىدىكى چارۋا يولى، كۆۋرۈكلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئۆلچەپ، رېمونت قىلىش، پۇختىلاش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چارۋىچىلارنىڭ ئوتلاق كۆچۈش يولىدا يۈرۈش تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

نۆۋەتتە، تارباغاتاي ۋىلايىتى قانات يايدۇرۇۋاتقان ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش جەمئىي 90 بولۇپ، 133 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى.

دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش

«4 - ئاينىڭ بېشىدا، مەھەللە كادىرلىرىنىڭ ياردىمىدە، مەن قاراماي شەھىرىدىكى بىر ساياھەت مۇلازىمەت مەركىزىدىن خىزمەت تاپتىم، ئايلىق مائاشىم 3500 يۈەن» دېدى 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تولى ناھىيەسىنىڭ تۆمۈرتام بازىرى جۇڭغار مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئېلزات جېڭىس.

جۇڭغار مەھەللىسى جۇغراپىيەلىك شارائىت ۋە سۇ مەنبەسى شارائىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش قىيىن بولغانىدى. بۇ مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسى «ئەقىل يېتىشتۈرۈش + ماھارەت يېتىشتۈرۈش، ئىچكى راۋانلاشتۇرۇش + تاشقى ئالاقە، ياردەم بېرىش، يۆلەش + يېتەكلەش» شەكلى ئارقىلىق، مەھەللىدىكى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

«بىز مەھەللە ئەمگەك كۈچى بايلىقى بازىرىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئۇنى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى مۇھىم تۇتقا قىلدۇق؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، قاراماي شەھىرى ۋە ئەتراپتىكى كارخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆۋرۈك سالدۇق ھەم ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلدۇق» دېدى تولى ناھىيەسى تۆمۈرتام بازىرى جۇڭغار مەھەللىسى ئەمگەك كۈچى بايلىقى بازىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ زىرۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.