تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنى ۋە جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايانسا مىللەت قەد كۆتۈرىدۇ، پەن - تېخنىكا كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدىغان مۇھىم پەيتتە، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 20 - قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ 15 - قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى ۋە جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى داغدۇغىلىق ئېچىلدى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىدىغان بىر قېتىملىق كاتتا يىغىن.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللەردە پەن - تېخنىكا ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى خۇلاسىلىدى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئىسلاھاتىنىڭ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىنى تەھلىل قىلدى، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇردى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلىرى ۋە جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا قارىتا سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، ناھايىتى كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە، قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، بىزنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىمىزگە تايىنىش، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ غەلىبىلىك يۈرۈش قىلىشىمىزغا نىسبەتەن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، پارتىيەمىز پەن - تېخنىكا ئىشلىرىغا باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، پەن - تېخنىكا ئىشلىرى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىدا باشتىن - ئاخىر ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇردى. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىدە يادرولۇق ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ پەن - تېخنىكا ئىشلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنياۋى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكى ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتتى. بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى مىقدار جۇغلانمىسىدىن سۈپەت جەھەتتىكى ھالقىشقا، نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن سىستېما ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە يۈزلەنمەكتە، ئاساسىي تەتقىقات ۋە دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىشتا مۇھىم ئىلگىرىلەش، ئىستراتېگىيەلىك يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدە يېڭى ھالقىش، يۇقىرى دەرىجىلىك كەسىپلەردە يېڭى بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلدى، پەن - تېخنىكا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك پەن - تېخنىكا ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، دۆلەت مۇداپىئەسى پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشتا مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. دۆلىتىمىز پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا قولغا كەلتۈرگەن يېڭى، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، دۆلىتىمىزنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، دۆلىتىمىزدىكى كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى زور نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ.

ۋەزىيەتنى كۆزىتەلەيدىغانلار دانادۇر، ۋەزىيەتنى تىزگىنلىيەلەيدىغانلار غالىبتۇر. بۈگۈنكى دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز ئۆزگەرمەكتە، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق كۆرۈنەرلىك كۆپەيمەكتە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن دۆلەت ئىچى - سىرتى مۇھىتىدا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولماقتا. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك كۈچ سىنىشىشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا ئايلىنىپ، پەن - تېخنىكا ئېگىزلىك نۇقتىسىنى چۆرىدىگەن رىقابەت مىسلىسىز كەسكىنلەشتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىز جەزمەن كۈچلۈك كۈلپەت ئېڭىنى ساقلاپ، تولۇق ئىدىيە تەييارلىقى ۋە خىزمەت تەييارلىقىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.» شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، ھازىرقى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئىسلاھاتى ئۇچقاندەك ئالغا ئىلگىرىلەپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ كەڭلىك دەرىجىسى روشەن كېڭىيىۋاتىدۇ، چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى روشەن چوڭقۇرلاۋاتىدۇ، سۈرئەت روشەن تېزلىشىۋاتىدۇ، ئېنىقلىق دەرىجىسى روشەن كۈچىيىۋاتىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ھەمدە تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىلدىكى تەرەققىياتى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىشكە تېخىمۇ جىددىي تەلەپ قويدى، ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ھەل قىلىش لايىھەسىگە ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ ئېھتىياجلىق، يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى كۈچەيتىشكە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. ۋەزىيەت كىشىنى ئالدىراتماقتا، خىرىس كىشىنى ئالدىراتماقتا، بۇرچ كىشىنى ئالدىراتماقتا. دۆلىتىمىزدىكى كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان روھ، كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى دەسسىتىدىغان جاسارەت، قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان ئىرادە بىلەن دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىپ، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈزلىنىپ، چوڭ ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، پۇرسەتنى ئالدىن ئىگىلەپ، مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلىگەندىلا، ئاندىن دەۋر يۈكلىگەن مۇھىم ۋەزىپىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئالالايدۇ.

پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ تىرىكى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسىي ئىقتىدارغا ئايلاندى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش. دۆلىتىمىز پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ بىرىنچى چاسا سېپىگە كىرىشتە يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىشى، جەزمەن پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قەدىمىنى تېزلىتىشى كېرەك. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا 2035 - يىلىغا بارغاندا يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا كىرىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانى بېكىتىلدى، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى يادرولۇق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە خاس كۈرىشى بولىدۇ، بىر دەۋرنىڭ بىر دەۋرگە خاس مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلىنىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشنىڭ بۇرغىسى چېلىندى. يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ مۇساپىدە، «دۆلەتكە ئۆزۈمنى بېغىشلاشتا، ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىن يانمايمەن» دەيدىغان جاسارەت بىلەن مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، «باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىش»تەك ئىجادچانلىق روھىنى ئۇرغۇتۇپ، باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلساقلا، بىز چوقۇم دۇنيادىكى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.