تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

سادىق، باتۇر، قورقماس بولۇپ، ئاداققىچە جان تىكىپ ئېلىشىش

«ليۇلاۋجۇاڭ ليەنى»:

سادىق، باتۇر، قورقماس بولۇپ، ئاداققىچە جان تىكىپ ئېلىشىش

بۇ، جياڭسۇ ئۆلكىسى خۇەيئەن شەھىرىنىڭ خۇەييىن رايونىغا جايلاشقان 82 ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ خاتىرە مۇنارى (ماتېرىيال سۈرەت). □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ليۇ جىمېي، گاۋ يۈجياۋ

جياڭسۇ ئۆلكىسى خۇەيئەن شەھىرىنىڭ خۇەييىن رايونىغا جايلاشقان ليۇلاۋجۇاڭ 82 ئىنقىلابىي قۇربان قەبرىستانلىقىدا يېشىل قارىغايلار قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، يېشىل ئارچىلار بۈك - باراقسان ئۆسكەنىدى.

82 ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ ھەيۋەتلىك خاتىرە مۇنارى ۋە «ليۇلاۋجۇاڭ ليەنى»نىڭ قىپقىزىل ليەن بايرىقىغا نەزەر سالغان ھالدا، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 82 - جىتۇەنجۈنى مەلۇم لۈيى «ليۇلاۋجۇاڭ ليەنى»نىڭ سىياسىي جىداۋيۈەنى ياڭ جىن ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە 78 يىل ئىلگىرىكى ئاشۇ «قانلىق جەڭ»نى سۆزلەپ بېرىۋاتقاندا، قەلبى يەنىلا قاتتىق ھاياجانغا چۆمدى.

«ليۇلاۋجۇاڭ ليەنى»نىڭ ئاساسى جياڭسۇ فېڭشيەن ناھىيەسى 4 - رايونىدىكى بىر پارتىزانلار ئەترىتى بولۇپ، 1938 - يىلى 11 - ئايدا تەشكىللەپ قۇرۇلغان، 1941 - يىلى 2 - ئايدا يېڭى 4 - ئارمىيە 3 - شى 7 - لۈ 19 - تۇەن 2 - يىڭىنىڭ 4 - ليەنى قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن.

1943 - يىلى 3 - ئايدا، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسى جياڭسۇنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى خۇەيخەي ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تايانچ بازىسىغا قارىتا كەڭ كۆلەمدە «تازىلاش» ئېلىپ بارغان، 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ياپونىيە ئارمىيەسى، قورچاق ئارمىيەنىڭ 1600نەچچە ئەسكىرى ليۇتاڭخې دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدا تۇرۇشلۇق خۇەيخەي رايونلۇق پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك ئورگىنىنى بۆلۈنۈپ مۇھاسىرىگە ئېلىۋالغان.

خۇەيخەي رايونلۇق پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگىنى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەر يۆتكىلىشىنى قوغداش ئۈچۈن، 4 - ليەندىكى 82 ئوفىتسېر - ئەسكەر ليەنجاڭ بەي سىسەي، جىداۋيۈەن لى يۈنپېڭنىڭ باشلامچىلىقىدا باتۇرلۇق بىلەن ھەرقايسى يوللاردىكى دۈشمەنلەرگە توسۇپ زەربە بەرگەن.

شۇ كۈنى، ياپونىيە ئارمىيەسى، قورچاق ئارمىيە 2 - قېتىم مۇھاسىرىگە ئالغاندا، 4 - ليەن ياپونىيە ئارمىيەسى، قورچاق ئارمىيە بىلەن خۇەيياڭنىڭ شىمالىدىكى لاۋجاڭجى، جۇدۇجۇاڭ ئەتراپىدا ئۇچرىشىپ قالغان. يېرىم كۈن كەسكىن جەڭ قىلىپ، 4 - ليەن گۇگۇم چۈشكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ، لاۋجاڭجىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ليۇلاۋجۇاڭ رايونىغا يۆتكەلگەن.

3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى سەھەردە، ياپونىيە ئارمىيەسى، قورچاق ئارمىيە 3 - قېتىم مۇھاسىرىگە ئالغان، 4 - ليەن قەيسەرلىك بىلەن ياپونىيە ئارمىيەسى، قورچاق ئارمىيەنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئاساسىي قوشۇن ۋە پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ بىخەتەر يۆتكىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغان، ئەمما پۈتۈن ليەن ياپونىيە ئارمىيەسى، قورچاق ئارمىيەنىڭ قاتمۇقات مۇھاسىرىسىگە چۈشۈپ قالغان.

گەرچە نەچچە قېتىم مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقماقچى بولغان بولسىمۇ، بىردەك مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان 4 - ليەن قاتتىق مۇداپىئەلىنىشنى قارار قىلغان. ياپونىيە ئارمىيەسى ۋە قورچاق ئارمىيە ئوت كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ 4 - ليەننىڭ ئىستىھكامىنى ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك توپقا تۇتقان ھەم ئاتلىق چوڭ ئەترەتنى ئىشقا سېلىپ ھۇجۇم قىلغان. ئۇدا بىرنەچچە سائەتلىك بومباردىماندا، 4 - ليەننىڭ ئەسكەرلىرى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراپ، ئاخىرىدا ئاران 20 نەچچە ئادىمىلا قالغان.

دۈشمەننىڭ بىز تەرەپتىن پايدىلىق ئۇچۇرغا ئىگە بولۇۋېلىشىغا يول قويماسلىق ئۈچۈن، ليەنجاڭ بەي سىسەي بارلىق ھۆججەتلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، دۈشمەن بىلەن نەيزىۋازلىق جېڭى قىلىشقا تەييارلىق قىلغان.

پۈتۈن جەڭدە، 4 - ليەن 12 سائەت قان كېچىپ جەڭ قىلغان، ئوق تۈگىسە نەيزە سانجىغان، مىلتىقنىڭ پاينىكى بىلەن ئۇرغان، كىچىك گۈرجەك بىلەن چاپقان... 170تىن ئارتۇق دۈشمەننى ئۆلتۈرگەن، 200دىن ئارتۇق دۈشمەننى يارىلاندۇرغان، ئاخىرىدا ئوق - دورا ۋە ئوزۇق - تۈلۈك تۈگەپ، ئادىمى كۆپ دۈشمەنگە تەڭ كېلەلمىگەچكە، ھەممىسى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

شۇ جايدىكى پۇقرالار 82 ئىنقىلابىي قۇربانغا قەبرە قاتۇرغان ھەم 82 مۇنەۋۋەر پەرزەنتىنى تاللاپ 4 - ليەننى قايتىدىن تەشكىللەپ قۇرغان، يېڭى 4 - ئارمىيە 3 - شى 7 - لۈسى بۇ ليەنگە «ليۇلاۋجۇاڭ ليەنى» دەپ نام بەرگەن.

قەھرىمانلار يۇرتىدا قەھرىمانلارنىڭ روھى بار، قەھرىمانلارنىڭ ئەۋلادلىرى قايتىدىن يولغا چىقتى. ھەر يىلى 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ليۇلاۋجۇاڭ رايونى ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بولغان قەھرىمانلارنى خاتىرىلەش پائالىيىتى تەشكىللەپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىدۇ. «ليۇلاۋجۇاڭ ليەنى»مۇ شۇ كۈنى داغدۇغىلىق ليەنگە كىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئەسلەش، قەھرىمانلارنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى ياد ئېتىشكە يېتەكلەيدۇ.

«مەن ليۇلاۋجۇاڭ يېزىسىدا ئۆسۈپ يېتىلدىم، <ليۇلاۋجۇاڭ> ليەنىدە ئەسكەر بولدۇم. مەن چوقۇم ئۇرۇش ماھارىتىنى جاپالىق مەشىق قىلىپ، ۋەتەن ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشقا تىرىشىمەن!» ليۇلاۋجۇاڭلىق جەڭچى جېڭ ئاۋخۇي يانچۇقىدىن پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسىنى ئېلىپ، سالماقلىق بىلەن 82 ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ خاتىرە مۇنارى ئالدىغا قويدى.يېڭى دەۋرگە كىرگەندە، «ليۇلاۋجۇاڭ ليەنى»نىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىزباسارلىرى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە. 2017 - يىلىدىن بۇيان، ليەندۈي پارتىيە ياچېيكىسى ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى تەرىپىدىن «ئىلغار پارتىيە تەشكىلاتى» بولۇپ باھالاندى، ليەندۈي ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى تەرىپىدىن «چوڭ خىزمەت كۆرسەتكەن 3 - ليەن» چە ليەندۈي بولۇپ باھالاندى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۆت قېتىم كوللېكتىپ خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ ئەنگە ئېلىندى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.