تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماي، ئۆلسىمۇ تىز پۈكمەي قىيادىن سەكرەش

لاڭياشەن تېغىدىكى بەش قەھرىمان:

ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماي، ئۆلسىمۇ تىز پۈكمەي قىيادىن سەكرەش

بۇ، لاڭياشەن تېغى چىپەنتو چوققىسىدىكى «لاڭياشەن تېغىدىكى بەش قەھرىمان خاتىرە مۇنارى» (2017 - يىلى 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى يۈ شياۋچۈەن، ليۇ يىنو

«ما باۋيۈ!» «بار!» «خۇ دېلىن!» «بار!» «خۇ فۇسەي!» «بار!» «سۇڭ شۆيى!» «بار!» «گې جېنلىن!» «بار!»

بۇ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە 74 - جىتۇەنجۈنى مەلۇم لۈسىدىكى «لاڭياشەن تېغىدىكى بەش قەھرىمان ليەنى» ھەر كۈنى كەچتە يوقلىما قىلغاندىكى كۆرۈنۈش. ھەر قېتىملىق يوقلىمىدا، ئالدى بىلەن «بەش قەھرىمان»دىن باشلاپ يوقلىما قىلىش ئۇلار كۆپ يىللاردىن بۇيان قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەنئەنە.

ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ بىردەك ئاۋازدا «بار» دەپ بەرگەن جاۋابى كېچە ئاسمىنىنى يېرىپ ئۆتۈپ، باش يازدىكى تومۇزغىنىڭ چىرىلدىغان ئاۋازىنى توختىتىپ، مۇخبىرلارنى 1941 - يىلىدىكى لاڭياشەن تېغىغا قايتۇرۇپ باردى...

«8 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى، ياپونىيە ئارمىيەسى، قورچاق ئارمىيەنىڭ 70 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى سەنشى - چاخار - خېبېي چېگرا رايونىغا قارىتا مىسلىسىز كۆلەمدە چوڭ <تازىلاش> ئېلىپ باردى. سەنشى - چاخار - خېبېيدىكى ئارمىيە، خەلق <تازىلاش>قا قارشى پائال كۈرەش قىلدى، لاڭياشەن تېغىدىكى جەڭ دەل مۇشۇ چاغدا بولغان.» ليەندۈي يېڭى شەرەپ ئۆيىنىڭ ئېچىلىشىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان ليەندۈي جىداۋيۈەنى جۇ چىسەي كۆرگەزمە تاختىسىدىكى سارغىيىپ كەتكەن كونا سۈرەتلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۆزى يېڭى ئەسكەرلەرگە كۆپ قېتىم سۆزلەپ بەرگەن بۇ ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى.9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ياپونىيە ئارمىيەسى، قورچاق ئارمىيەنىڭ 3500 نەچچە ئەسكىرى يىشيەن ناھىيەسىدىكى لاڭياشەن تېغىغا قورشاپ ھۇجۇم قىلغان. يىشيەن ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان لاڭياشەن تېغى ئەتراپىدا، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىمىزنىڭ خادىملىرى، پارتىزانلار ئەترىتى ۋە ئامما بولۇپ 40 - 30 مىڭ ئادەم بار ئىدى، سەنشى - چاخار - خېبېي ھەربىي رايونى 1 - شۆبە ھەربىي رايونى 1 - تۇەنىنىڭ 7 - ليەنى بۇيرۇققا بىنائەن پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگىنى، قىسىملار ۋە ئاممىنىڭ يۆتكىلىشىنى قوغدىغان.

9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ۋەزىپىنى تاماملىغان 7 - ليەننىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى ئارقا - ئارقىدىن سىرتقا چېكىنگەن، ليەنجاڭ ئەڭ ئاخىرقى قوغداش ۋەزىپىسىنى 2 - پەي 6 - بەندىكى بەش جەڭچى − بەنجاڭ ما باۋيۈ، مۇئاۋىن بەنجاڭ گې جېنلىن ۋە ئەسكەرلەردىن خۇ دېلىن، خۇ فۇسەي، سۇڭ شۆيىگە تاپشۇرغان.

ياپونىيە ئارمىيەسى، قورچاق ئارمىيەنىڭ 500دىن كۆپرەك ئەسكىرى چىپەنتو چوققىسىغا ھۇجۇم قوزغىغان، دۈشمەنلەرنى تاغدا يەنىلا ئارمىيەمىزنىڭ ئاساسىي كۈچى بار دېگەن ئويغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ما باۋيۈ قاتارلىق بەش جەڭچى قەيسەرلىك بىلەن توسۇپ زەربە بەرگەن.

«ياپونىيە ئارمىيەسى ئوققا تۇتۇش ۋە توپقا تۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئارقا - ئارقىدىن ھۇجۇم قىلغان. 6 - بەننىڭ جەڭچىلىرى چىپەنتو چوققىسى مۇھىم ئۆتكىلىنى چىڭ ساقلاپ، دۈشمەن بىلەن بەش سائەت كەسكىن جەڭ قىلىپ، تۆت قېتىملىق ھۇجۇمىنى چېكىندۈرۈپ، قىسىم ۋە ئاممىنىڭ بىخەتەر يۆتكىلىشى ئۈچۈن ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرگەن».

جۇ چىسەي كۆرگەزمە تاختىسىدىكى لاڭياشەننىڭ يەر شەكلى خەرىتىسىنى كۆرسەتكەندە، ئاشۇ تاللاش پەيتى قايتا نامايان بولدى.

«چىپەنتو چوققىسىدا ئىككىلا يول بار بولۇپ، بىرى قىسىم ۋە ئامما يۆتكىلىۋاتقان يۆنىلىشتىكى يول، بىرى چىپەنتو چوققىسى − ئۈچ تەرىپى تىك يار بولغان ھالاكەت يولى ئىدى. قىسىم بىلەن ئاممىنى قوغداش ئۈچۈن، بەش جەڭچى چوققىغا چىقىدىغان يولنى تاللاپ ئاتلاندى».

ئەڭ ئاخىرقى بىر پاي ئوقنى ئېتىپ تۈگەتكەن، ئەڭ ئاخىرقى بىر تال گىراناتنى تاشلاپ بولغاندىن كېيىن، دۈشمەنلەرگە قارىتىپ تاش ئاتقان... ئەڭ ئاخىرقى پەيتتە، باتۇرلار ئۆلسىمۇ تىز پۈكمەي، قورال - ياراغلارنىڭ ھەممىسىنى بۇزۇۋېتىپ، قىيادىن سەكرىگەن.

ما باۋيۈ، خۇ دېلىن، خۇ فۇسەي ئۈچەيلەن قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. گې جېنلىن، سۇڭ شۆيى ئىككىيلەن قىيادىن سەكرىگەندىن كېيىن، تىك قىيادىكى دەرەخ شېخىغا ئېسىلىپ قېلىپ، بەختكە يارىشا ھايات قالغان.

1941 - يىلى 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، سەنشى - چاخار - خېبېي ھەربىي رايونىنىڭ سىلىڭيۈەنى، قوشۇمچە جېڭۋېيسى نيې رۇڭجېن، سىياسىي بۆلۈمنىڭ مۇدىرى شۇ تۇڭ، مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ لياڭسەي بىرلىكتە بويرۇق ئىمزالاپ ئېلان قىلىپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى ئۇلاردىن ئۆگىنىشكە چاقىرىق قىلغان.

لۈنىڭ جېڭۋېيسى خو رۇي مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «بىز باشتىن - ئاخىر قىزىل گېننى تەربىيە ئۈلگىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ كوللېكتىپ شەرەپ تۇيغۇسى ۋە بۇرچ - مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتتۇق. <ئۆلۈمگە پىسەنت قىلمايدىغان، ئۆلسىمۇ تىز پۈكمەيدىغان> لاڭياشەن تېغىدىكى بەش قەھرىمان روھى <لاڭياشەن تېغىدىكى بەش قەھرىمان ليەنى>نىڭ ليەندۈي روھىنى تىكلىدى، شۇنداقلا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ قان تومۇرىغا سىڭىپ كەتكەن قىزىل گېنغا ئايلاندى».«لاڭياشەن تېغىدىكى بەش قەھرىمان ليەنى»نىڭ شەرەپ ئۆيى پات يېقىندا ئېچىلىدۇ، ما باۋيۈنىڭ يۇرتى خېبېي يۈشيەن ناھىيەسى لاڭياشەن تېغىدىكى بەش قەھرىماننىڭ ھېكايىسى سۈرەتلەنگەن ئۆزگىچە قەغەز قىيمىنى ليەندۈيگە تەقدىم قىلدى...

شەرەپ ئۆيىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان «بەش قەھرىمان»نىڭ ھەيكىلى، سارغىيىپ كەتكەن كونا سۈرەتلەر، تەپسىلىي، جانلىق يازمىلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ يىللاردىكى تىللاردا داستان بولغۇدەك ھېكايىلەرنى تەسىرلىك بايان قىلىپ تۇراتتى، مانېۋىر - مەشىق مەيدانىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بۇ خىل روھنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ يېڭى مۇساپىگە ئاتلاندى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇاڭجوۋ، 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.