تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

چېن چۈەنگو بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو بورتالا شەھىرىنىڭ ئوتبۇلاق بازىرى كۆكخوتخور كەنتىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ۋارىس سۇپىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئوقۇش، ئائىلە كىرىمى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆڭۈل بۆلۈپ سورىدى. □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

چېن چۈەنگو بورتالا چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونىغا كېلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كارخانا مەسئۇللىرى، ھەر مىللەت خىزمەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش - يۆلەشنى ياخشى تۇتۇپ، يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن تەرتىپلىك يۆتكەپ، سىرتقا چىقىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارقىلىق كىرىمنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

بورتالا شەھىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق ئېلېكتىرونلۇق كەسىپلەر باغچىسى «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، سودا ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىگە ئىگە كەسىپلەر توپىنى شەكىللەندۈردى. چېن چۈەنگو سانائەت رايونىغا ماكانلاشقان كارخانىلارنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەسىپنى زورايتىش، كۈچەيتىشكە ئىلھاملاندۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، ھۆكۈمەت مۇلازىمىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ياخشى مۇھىتنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو بورتالا شەھىرىنىڭ چىندېل كوچا باشقارمىسى دۇڭفاڭخۇڭ مەھەللىسىگە كېلىپ، بازا قۇرۇلۇشى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئامما بىلەن ئالاقە باغلايدىغان كۆۋرۈك ۋە رىشتە، شەھەر ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم نۇقتا ۋە يانداش بايلىقلارنى كوچا، مەھەللىلەرگە يۈزلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، بېجىرىشنى قولايلاشتۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەندىشىسىنى، باش قېتىنچىلىقىنى، غېمىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو بورتالا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە ئەمەلىي مەشىق سىنىپىغا كىرىپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، دەرس تەسىس قىلىش، ئوقۇش - ئوقۇتۇش، ئۆگىنىش، تۇرمۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەپ، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق تېخنىكا - ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

بورتالا شەھىرىنىڭ ئوتبۇلاق بازىرى كۆكخوتخور كەنتىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ۋارىس سۇپىنىڭ ئۆيىدە، چېن چۈەنگو ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئوقۇش، ئائىلە كىرىمى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆڭۈل بۆلۈپ سورىدى، ئۇلارنى ئەمگەكچان بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ، كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇپ بېيىپ، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلاشقا ئىلھاملاندۇردى.

چېن چۈەنگو يەنە كۆكخوتخور كەنتى مەسچىتىگە بېرىپ دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، كەڭ دىنىي ساھەدىكى زاتلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، جەمئىيەت مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى داۋاملىق قوغداشقا پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش جەريانىدىكى سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى پائال يېتىلدۈرۈپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى كۈچەپ ياخشى قىلىپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەپ كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەشۋىق - تەربىيە ۋە بەرپا قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دىننىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت تارىخ» تەشۋىق - تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈش، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈش، قەلبلەرگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى تۇتۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەقەلىرى يۈزبېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.