تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ ئۈلگىسى

جاڭ سىدې:

خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ ئۈلگىسى

كۆمۈر كۆيدۈرۈۋاتقان جاڭ سىدې (سولدا). □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى لىكې

«مەن ئەمدىلا ئوپېراتسىيە قىلىنغاچقا ئېتىزغا چىقالمىدىم، تەلىيىمگە بىرنەچچە ياش ياردەملىشىپ زىرائەتلەرنى تېز يىغىشىپ بەردى.» 5 - ئاي جاڭ سىدېنىڭ يۇرتى سىچۇەن نەنچۇڭ شەھىرى يىلۇڭ ناھىيەسىدىكىلەر قىچا ئورۇيدىغان، مايسا ئېتىزىنى ئاغدۇرىدىغان دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلى بولۇپ، ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىدىكى 11 نەپەر پارتىيە ئەزاسىنىڭ ياردىمىدە، يېشى 70تىن ئاشقان شېڭجياگوۋ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تاڭ چېڭدې ئائىلىسىنىڭ قىچا ئۇرۇقلىرى ئامبارغا كىرگۈزۈلدى.

3 - ئايدىن بۇيان، يىلۇڭ ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگىنىدىكى 186 نەپەر ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان 230 كەنتنى ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇپ، 37 كەنت (مەھەللە) پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن قوشماقلىشىپ ئورتاق قۇرۇپ، 118 مەسىلىنى توپلىدى ھەم ھەل قىلدى. دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، ئەلرايىنى ئىگىلەپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى، يىلۇڭدا كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاساس قىلىپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈپ، جاڭ سىدېنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

جاڭ سىدې 1915 - يىلى 4 - ئايدا داباشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى بىر كەمبەغەل ئىجارىكەش دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۇ «مىڭ ئائىلىنىڭ سۈتى»نى ئىچىپ، «يۈز ئائىلىنىڭ كىيىمى»نى كىيىپ چوڭ بولغان، باققان ئانىسى ئۇنىڭ يۇرتداشلارنىڭ مېھىر - شەپقىتىنى مەڭگۈ ئەستە ساقلىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا «سىدې» دەپ ئىسىم قويغان. 1933 - يىلى 2 - ئايدا، جۇڭگو ئىشچى - دېھقان قىزىل ئارمىيەسى 4 - يۆنىلىش ئارمىيەسى سىچۇەن - شەنشى ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىنى قۇرغان. 1933 - يىلى 12 - ئايدا، جاڭ سىدې قىزىل ئارمىيەگە قاتنىشىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا كىرگەن. 1935 - يىلى، جاڭ سىدې قىزىل 4 - يۆنىلىش ئارمىيەسىگە ئەگىشىپ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ، ئۈچ قېتىم ئادەم ئاياغ باسمىغان قارلىق تاغ، ئوتلاقنى بېسىپ ئۆتكەن.

ئۇزۇن سەپەر مەزگىلىدە، جاڭ سىدې باتۇر، زېرەك بولۇپ، ئۆزى يالغۇز سۇ كېچىپ دەريادىن ئۆتۈپ، دۈشمەننىڭ كېچىك كېمىسىنى قولغا چۈشۈرۈپ، قىزىل ئارمىيەنىڭ جيالىڭجياڭ دەرياسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈشىگە شارائىت يارىتىپ بەرگەن؛ غەربىي سىچۇەندىكى ماۋجوۋ رايونىدا، ئۇ ئۆزى يالغۇز دۈشمەننىڭ ئىككى پىلىموتىنى قولغا چۈشۈرۈپ، جەڭچىلەر تەرىپىدىن «كىچىك يولۋاس» دەپ تەرىپلىنىپ، بىرمەھەل قىزىق پاراڭ تېمىسىغا ئايلانغان. 1936 - يىلى 10 - ئايدا، جاڭ سىدې قىسىمغا ئەگىشىپ شىمالىي شەنشىگە بارغان، 1937 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.

جاڭ سىدې خەلق مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بۇرچىنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەممىدە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرغان ھەم ئەمەلىيەت داۋامىدا بۇنى قىلچە بىپەرۋالىق قىلماي ئىزچىللاشتۇرغان. يەنئەن مەزگىلىدە، ئاشلىق ئېغىر دەرىجىدە يېتىشمەيتتى، خەۋەرلىشىش بەنجاڭى بولۇش سۈپىتى بىلەن جاڭ سىدې بەندىكى جەڭچىلەرنىڭ كۆپرەك يېيىشى ئۈچۈن، ھەر قېتىم تاماق يېگەندە ھەمىشە يېرىمىنى يەپ بولۇپلا تاماق قاچىسىنى ئۈن - تىنسىز قويۇپ، چېلەكنى كۆتۈرۈپ سۇ توشۇغىلى ماڭاتتى، باشقىلارنىڭ كۆپرەك غىزالىنىشىنى ئويلايتتى.

1942 - يىلى 11 - ئايدا قىسىم باشقىدىن تەشكىللەنگەن، جاڭ سىدې تەشكىلنىڭ تەقسىماتىغا بويسۇنۇپ، مەركەز مۇھاپىزەتچىلەر تۇەنىنىڭ 1 - ليەنىگە يۆتكىلىپ جەڭچى بولۇپ، ماۋ زېدۇڭنىڭ ئىچكى مۇھاپىزەتچىلەر بەنىدە مۇھاپىزەت ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان. ئۇ دائىم سەپداشلىرىغا ياردەملىشىپ كىيىملىرىنى ياماپ، يۇيۇپ، چىغ چورۇق توقۇپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىگە باشلامچىلىق بىلەن ياردەم بەرگەن. 1944 - يىلى، جاڭ سىدې چوڭ ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى بولۇپ سايلانغان. 1944 - يىلى 7 - ئايدا، شىمالىي شەنشىدىكى ئەنسەيشيەن ناھىيەسىگە بېرىپ تاغدا ياغاچ كۆمۈر كۆيدۈرگەن. ئۇ جاپادىن، ھېرىپ - چارچاشتىن، مەينەتچىلىكتىن قورقماي، ھەر قېتىم كۆمۈر تارتىپ چىقىرىشتا ئالدى بىلەن قۇدۇققا كىرىپ مەشغۇلات قىلغان.

1944 - يىلى 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، جاڭ سىدې سەپدىشىنى باشلاپ تاغقا چىقىپ خاڭ كولاۋاتقاندا، خاڭنىڭ تورۇسى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، ئۇ سەپدىشىنى غار ئېغىزىدىن ئىتتىرىپ چىقىرىۋېتىپ، ئۆزى ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالغان. سەپدىشى قۇتقۇزۇپ قېلىنغان، جاڭ سىدې قۇتقۇزۇشقا ئۈلگۈرمەي، 29 يېشىدا قۇربان بولغان.

يولداش ماۋ زېدۇڭ جاڭ سىدېنىڭ ماتەم مۇراسىمىدا «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىگەن، ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيەمىز ۋە كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى 8 - ئارمىيە، يېڭى 4 - ئارمىيە − ئىنقىلابىي قوشۇن. بىزنىڭ بۇ قوشۇنىمىز پۈتۈنلەي خەلقنى ئازاد قىلىشنى، تەلتۆكۈس خەلق مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى كۆزلەيدۇ.» «يولداش جاڭ سىدې خەلق مەنپەئىتى ئۈچۈن قۇربان بولدى، ئۇنىڭ ئۆلۈمى تەيشەن تېغىدىنمۇ قەدىرلىك».

قىزىل تومۇر ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدۇ، قىزىل گېن ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈلىدۇ. جاڭ سىدېنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش روھى بۈگۈنكى كۈندە يۇرتىنىڭ قىزىل بەلگىسى بولۇپ قالدى، يىلۇڭ ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ «جاڭ سىدېچە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش كىچىك شۆبە ئەترىتى» «ئىگە - چاقىسىز يېتىم بالىلار»غا ئىللىقلىق يەتكۈزدى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى يىلۇڭ ناھىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ «جاڭ سىدې كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت ئەترىتى» كارخانىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش، سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىشىگە ياردەم بەردى... «جاڭ سىدې» نامى بېرىلگەن نۇرغۇن مۇلازىمەت ئەترىتى جەمئىيەتتىكى ئاجىز كىشىلەر توپىغا ياردەم بېرىش - يۆلەش قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، پارتىيە بايرىقىنى ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ يۇرتىدا ئېگىز جەۋلان قىلدۇردى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.