تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

«قەھرىمان ھايات» ئائىلە دۆلەت تىنچ - ئامان

ما بېنجەي:

«قەھرىمان ھايات» ئائىلە دۆلەت تىنچ - ئامان

ما بېنجەينىڭ سۈرىتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ مىن

«يولداش ما بېنجەي ھايات!» بۇ، 1944 - يىلى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى مىللەت قەھرىمانى ما بېنجەي ۋاپات بولغاندىن كېيىن، يولداش ماۋ زېدۇڭ ئۇنىڭغا ئاتاپ يازغان تەزىيەنامە. بۈگۈنكى كۈندە، ما بېنجەينىڭ يۇرتى خېبېي شيەنشيەن ناھىيەسىدە قەھرىمانلىق روھى يەنىلا ئۇزاققىچە ساقلىنىپ، كىشىلەرنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە.

ما بېنجەي 1902 - يىلى خېبېي ئۆلكىسى شيەنشيەن ناھىيەسىنىڭ دۇڭشىنجۇاڭدىكى بىر نامرات خۇيزۇ دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1921 - يىلى، ما بېنجەي شەرقىي شىمالدا ھەربىي سەپكە قاتناشقان، ئۇرۇشتا باتۇرلۇق كۆرسەتكەچكە، شەرقىي شىمال ھەربىي تەلىم - تەربىيە مەكتىپىدە ئوقۇشقا تاللانغان. 1924 - يىلى، ئۇ ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتكۈزۈپ، پەيجاڭلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن، كېيىن يەنە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ليەنجاڭ، يىڭجاڭ، مۇئاۋىن تۇەنجاڭ بولغان. 1929 - يىلى مىللىي ئىنقىلاب ئارمىيەسىنىڭ ۋاقىتلىق تەشكىللەنگەن 1 - جۈن 21 - شى 4 - تۇەنىنىڭ تۇەنجاڭى بولغان. 1931 - يىلى 18 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، گومىنداڭ جاھىللىرى «چەت ئەل زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇشتا، جەزمەن ئالدى بىلەن ئىچكى قىسىمنى تىنچلاندۇرۇش كېرەك» دېگەن ئەكسىيەتچىل سىياسەتتە چىڭ تۇرغاچقا، ما بېنجەي غەزەپلىنىپ، ھەربىيلىكتىن چېكىنىپ ئەمىلىدىن ۋاز كېچىپ، يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن.

لۇگۇچياۋ ۋەقەسىدىن كېيىن، دۆلەت خەۋپتە قېلىپ، خەلق دەپسەندە قىلىنغاندا، ما بېنجەي ئۆز كەنتىدىكى ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلارنى خۇيزۇلار ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش پىدائىيلار ئەترىتى بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، قەيسەرلىك بىلەن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشىلىق كۆرسىتىشكە تەشكىللىگەن. 1938 - يىلى 4 - ئايدا، ما بېنجەي قىسىمنى باشلاپ 8 - ئارمىيەگە قاتناشقان، ئۇنىڭ قوشۇنى ئوتتۇرا خېبېي ھەربىي رايونى خۇيزۇ تەلىم - تەربىيە باش ئەترىتىگە ئۆزگەرتىلگەن، ما بېنجەي باش ئەترەت باشلىقى بولغان. شۇ يىلى 10 - ئايدا، ما بېنجەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ئۇ پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسىدا مۇنداق يازغان: «مەن چىن كۆڭلۈمدىن بارلىقىمنى ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بېغىشلايمەن، خۇيزۇلارنىڭ ئازادلىقى ۋە پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىدىغان ئۇلۇغ ئىشلارغا بېغىشلايمەن».

1939 - يىلى، خۇيزۇ تەلىم - تەربىيە باش ئەترىتى 8 - ئارمىيە 3 - زۇڭدۈيى خۇيزۇ تارماق ئەترىتى قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن، ما بېنجەي سىلىڭيۈەن بولغان. ئۇنىڭ باشلامچىلىقىدا، ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن خۇيزۇ تارماق ئەترىتىنىڭ جەڭگىۋارلىقى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، قوشۇن تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ 2000دىن كۆپرەك ئادەمگە يېتىپ، ئوتتۇرا خېبېيدىكى بىرقەدەر بالدۇر دالا ئۇرۇشى قىلغان جەڭگە ماھىر سەرخىل قوشۇنغا ئايلانغان.

1940 - يىلىنىڭ بېشىدىن 1941 - يىلى 7 - ئايغىچە، ما بېنجەي باشچىلىقىدىكى خۇيزۇ تارماق ئەترىتى جەنۇبتىن شىمالغا، غەربتىن شەرققە قاراپ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەپ، ئۇرۇشتا كۆپ قېتىم تۆھپە كۆرسىتىپ، ئوتتۇرا خېبېي ھەربىي رايونى تەرىپىدىن «ھەممە جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان، قۇدرەتلىك، يېڭىلمەس، يىمىرىلمەس پولات قوشۇن» دەپ تەرىپلەنگەن. 1942 - يىلى 8 - ئايدا، خۇيزۇ تارماق ئەترىتى بۇيرۇققا بىنائەن خېبېي، شەندۇڭ، خېنەن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى تايانچ بازىسىغا يېتىپ كەلگەن، ما بېنجەي خېبېي، شەندۇڭ، خېنەن ھەربىي رايونى 3 - شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ سىلىڭيۈەنلىكىگە، قوشۇمچە خۇيزۇ تارماق ئەترىتىنىڭ سىلىڭيۈەنلىكىگە تەيىنلەنگەن.

1937 - يىلىدىن 1944 - يىلىغىچە، ما بېنجەي ئۆزى باشچىلىقىدىكى خۇيزۇ، خەنزۇ جەڭچىلەرگە قوماندانلىق قىلىپ، ياپون ئارمىيەسى ۋە قورچاق قىسىملار بىلەن جەڭ قىلىپ، كۆۋرۈكلەرنى پارتلىتىپ، يوللارنى بۇزۇپ، يوشۇرۇن زەربە بېرىپ، ئوتتۇرا خېبېي تۈزلەڭلىكى، بوخەي ساھىللىرىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ جەڭ قىلىپ، خېبېي، شەندۇڭ، خېنەندىكى كەڭ دۈشمەن ئارقا سېپىدىكى جەڭ مەيدانلىرىدا تېز ئىلگىرىلەپ، 870 قېتىمدىن ئارتۇق چوڭ - كىچىك جەڭ قىلىپ، ياپون ئارمىيەسى ۋە قورچاق قىسىملارنىڭ 36 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى يوقىتىپ، دۈشمەننى شەپىنى ئاڭلىسىلا يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان، يولداش ماۋ زېدۇڭ تەرىپىدىن «ھەممە جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان خۇيزۇ تارماق ئەترىتى» دەپ تەرىپلەنگەن.

ئۇزاق مەزگىل ئايلىنىپ جەڭ قىلغاچقا، ما بېنجەي ھاردۇق يېتىپ ئاغرىقچان بولۇپ قالغان، 1944 - يىلى 1 - ئايدا، خۇيزۇ تارماق ئەترىتى بۇيرۇققا بىنائەن يەنئەنگە ئاتلىنىشتىن ئىلگىرى، ئۇ ئاغرىق ھالەتتىمۇ قىسىمغا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم سەپەرۋەرلىك دوكلاتى بېرىپ، يولداشلارغا: «پارتىيەگە ئەگىشىپ، ماۋ جۇشىغا ئەگىشىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇڭلار!» دەپ تاپىلىغان. شۇ يىلى 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ما بېنجەي بەختكە قارشى 42 يېشىدا ۋاپات بولغان.

يىللار ئۆتتى، ئۇرۇش ئىس - تۈتەكلىرى كەلمەسكە كەتتى؛ ئائىلە دۆلەت گۈللەندى، ئاساس مۇستەھكەملىنىپ، دۆلەت تىنچ بولدى. قەھرىمانلارنىڭ ئىسسىق قېنى ئۇلار شۇ مەقسەتتە كۈرەش قىلغان جۇڭخۇا تۇپرىقى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتتى. 1954 - يىلى، ما بېنجەينىڭ جەسىتى غەربىي شەندۇڭنىڭ شىنشيەن ناھىيەسىدىكى جاڭلۇجىدىن شىمالىي جۇڭگو ھەربىي رايونى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا يۆتكەپ كېلىنىپ دەپنە قىلىندى. 2009 - يىلى، ما بېنجەي يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان 100 قەھرىمان نەمۇنىچىنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى.

2001 - يىلى 8 - ئايدا، ما بېنجەي خاتىرە سارىيى شيەنشيەن ناھىيەسىنىڭ بېنجەي خۇيزۇ يېزىسى بېنجەي شەرقىي كەنتىدە قۇرۇلدى، 2008 - يىلى 8 - ئايدا كېڭەيتىپ قۇرۇلدى. ما بېنجەينىڭ قىلىچ تۇتۇپ، ئات مىنگەن جەسۇر قامەتلىك مىس ھەيكىلى خاتىرە سارىيى مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. خاتىرە سارىيىدىكى تارىخ خاتىرىلەنگەن كونا سۈرەتلەر، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بۇيۇملار ما بېنجەي ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى خۇيزۇ تارماق ئەترىتىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن دۈشمەننى يوقاتقانلىقىدەك ئىش ئىزلىرىنى قايتا نامايان قىلىپ تۇرىدۇ. ھازىرغا قەدەر، ما بېنجەي خاتىرە سارىيى 1 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئېكسكۇرسىيەچىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، مۇھىم ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى ۋە پاكلىق تەربىيەسىدىكى «كۆرۈشكە تېگىشلىك جاي»غا ئايلاندى.

«كەنتىمىز تەرەققىي قىلدى، كەنتتىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلاندى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قەھرىمانلارغا ئېيتىپ بېرىشىمىز كېرەك.» بېنجەي شەرقىي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ما شيەنيۇڭ ما بېنجەي خاتىرە سارىيىنى دائىم يوقلاپ تۇرىدۇ. بېنجەي شەرقىي كەنتى، بېنجەي غەربىي كەنتى مۇسۇلمانچە گۆش يېمەكلىكلىرىنى پىششىقلاشنى ئەنئەنىۋى كەسىپ قىلغان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ زورايدى. نۆۋەتتە، ئىككى كەنتتە گۆش ساقلاش، پىششىقلاش، توڭلىتىش ئىسكىلاتىدىن 113ى، ياغ زاۋۇتىدىن تۆتى بار بولۇپ، يىلىغا 300 مىڭ توننا كالا، قوي گۆشى پىششىقلايدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى شەكىللەندى. كەسىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن، كەنتتە ئۆلكە، شەھەر دەرىجىلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان باشلامچى كارخانىلار ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلۇپ، شىمالىي جۇڭگو رايونىدىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى يىغىش - تارقىتىش ئورنىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولدى.

ما بېنجەي يۇرتىدا قىزىل تەربىيە، ئېكسكۇرسىيە، تەتقىقات، ئوقۇتۇش، سانائەت ساياھىتى، مال سېتىۋېلىش، ئىستىراھەت قاتارلىقلار بىر گەۋدىلىشىپ كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىش بولماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىجياجۇاڭ، 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.