ۋۇ مىڭجۇ:
قوغۇننىڭ شېرىن تەمىنى خەلققە تەقدىم قىلىمەن
تۆھپىكارلار ھەممە يەردە (8)
ياشلىق مەزگىلىدىكى ۋۇ مىڭجۇنىڭ ئېرى ياڭ چىيوۋ بىلەن بىللە چۈشكەن سۈرىتى.
قوغۇنلۇقتا خىزمەت قىلىۋاتقان ۋۇ مىڭجۇ. □ سۈرەتنى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەمىنلىگەن
□ شەخس ئارخىپى
ۋۇ مىڭجۇ 1930 - يىلى 1 - ئايدا تۇغۇلغان، 1953 - يىلى شىنەن يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنى (ھازىرقى شىنەن داشۆ)نى پۈتكۈزگەن. 1954 - يىلى مەركىزىي كومىتېت يېزا خىزمىتى بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان، 1955 - يىلى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن شىنجاڭغا بېرىشنى تەلەپ قىلغان، ئىلگىرى پىچان ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكا پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن پونكىت باشلىقى، تۇرپان مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1999 - يىلى جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىكىگە سايلانغان. مەملىكەتلىك 1 - ماي ئەمگەك مېدالى، مەملىكەتلىك كۆزگە كۆرۈنگەن كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى مېدالىغا ئېرىشكەن، مەملىكەتلىك ئىلغار خىزمەتچى، مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پەن - تېخنىكا خىزمەتچىسى، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن.
«كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ گۈزەل ئىش، سىز ياراتقان بارلىق نەرسىلەرنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلالىغانلىقىدا.» − ۋۇ مىڭجۇ
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خې جياڭ
4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، تۇرپان شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ قوغۇن تەتقىقات مەركىزى بازىسىدا، ناسىم، خۇاڭ مېڭسۈي، خۇاڭپى 9818 قاتارلىق ئون نەچچە خىل قوغۇن سويما بولغان بولۇپ، بۇ ئاكادېمىك ۋۇ مىڭجۇ كۆپ يىل تاللاپ يېتىشتۈرگەن قوغۇنلارنىڭ جەۋھىرى ئىدى.
ئېتىزلىقتىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا ئىككى قەۋەتلىك بىر ئىمارەت بار بولۇپ، بۇ جايدا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭدا ئۆستۈرۈلگەن قوغۇن - تاۋۇزنىڭ ئون نەچچە مىڭ پارچە ئۇرۇق مەنبەسى ساقلانغانىدى. ۋۇ مىڭجۇ پۈتۈن ئۆمرىدە زېھنىي كۈچىنى شىنجاڭنىڭ قوغۇن - تاۋۇز سورتىنى يېتىشتۈرۈش ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، 62 يىلدا 30 نەچچە خىل سورتنى يېتىشتۈردى، كەسىپداشلىرى يەنە بۇ سورتلاردىن پايدىلىنىپ، «كەلگۈسى ئەۋلادلىرى»نى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ قوغۇن - تاۋۇزلىرىنى ئاجايىپ نۇر چاچقۇزدى.
قايناق ھېسسىيات ئۇرغۇپ تۇرغان يىللار
بۇ يىل 91 ياشقا كىرگەن ۋۇ مىڭجۇ ئادەم تونۇيالمىسىمۇ، لېكىن قوغۇن تېرىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ھېلىھەم ئۇنىڭ ئېسىدە، بەزىدە ئۇ تۇيۇقسىزلا سىرتقا چىقىپ، قوغۇننى چاڭلاشتۇرۇش كېرەك دەپ غۇدۇڭشۇپ قويىدۇ. قوغۇن، ئۇنىڭ كاللىسىدا ئارزخېيمېر كېسىلىگە قارشى قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىۋاتماقتا ئىدى.
«ۋۇ مىڭجۇ شىنجاڭنىڭ قوغۇن - تاۋۇز سورتىنى يېتىشتۈرۈش ئىشلىرىنى ئاچقان. ئۇ قوغۇن سورتى<خانىش>، تاۋۇز سورتى<8424(زاۋجيا)>قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەلا سۈپەتلىك سورتلارنى يېتىشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى» دېدى 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ۋۇ مىڭجۇغا ئەگىشىپ سورت يېتىشتۈرۈشنى ئۆگەنگەن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى قوغۇن تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى يى خۇڭپىڭ.
1930 - يىلى ۋۇ مىڭجۇ خۇبېي ۋۇخەندە تۇغۇلغان، دۆلەتنىڭ تەقدىرى مۈشكۈلات ئىچىدە تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە چوڭ بولغان ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىگە كەلگەن. 1950 - يىلى، ۋۇ مىڭجۇ يېڭى جۇڭگو بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولغان بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار بىلەن شىنەن يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنىگە ئوقۇشقا كىرگەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە كېيىنچە شالغۇت شال ئاتىسىغا ئايلانغان ئاكادېمىك يۈەن لۇڭپىڭ، پىلە قۇرتى ئىلمى ئىرسىيەت سورت يېتىشتۈرۈش مۇتەخەسسىسى ئاكادېمىك شياڭ جۇڭخۇەي قاتارلىقلار بار ئىدى. ئاشۇ قايناق ھېسسىيات ئۇرغۇپ تۇرغان يىللاردا، ئەمەلىي ئىشلەشتەك مەكتەپ ئىستىلى بىر ئەۋلاد ياشلارنى غايىگە قاراپ ئاتلىنىشقا يېتەكلىگەنىدى.
كىچىككىنە تەجرىبە ئېتىزىدا، ئۇرۇق سېلىش، گەندە توشۇش قاتارلىق دېھقانچىلىق ئىشلىرى ۋۇ مىڭجۇنى باش ئەگدۈرەلمىدى. ئۇ «مېنىڭ ئىنتىلىشىم» دېگەن ماقالىسىدە ئەسلەپ مۇنداق يازغانىدى: ئوقۇتقۇچىلار بىزگە بىلىم بېرىپلا قالماي، يەنە ئەجرى بىلەن بىزنىڭ ئەمەلىي ئىشلەش روھىمىزنى يېتىشتۈرىدۇ. مەن 21 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنۈمدە كۈندىلىك خاتىرەمگە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن مۇنداق يازغانىدىم: «كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ گۈزەل ئىش، سىز ياراتقان بارلىق نەرسىلەرنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلالىغانلىقىدا».
1953 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغاچقا، ۋۇ مىڭجۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىپ، شىنەن يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنىدىكى تۇنجى تۈركۈمدە پارتىيەگە كىرگەن ئوقۇغۇچى پارتىيە ئەزاسىغا ئايلانغان. تەقسىمات ئارزۇ جەدۋىلىنى تولدۇرغاندا، ۋۇ مىڭجۇ شىنجاڭغا، ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق چېگرا رايونغا بېرىپ خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى يازغان. ئۇ يېزىلاردا چېنىقىشقا ئىنتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئارزۇسىغا يېتەلمىگەن، 1954 - يىلى ئۇ مەركىزىي كومىتېت يېزا خىزمىتى بۆلۈمىگە كىرىپ خىزمەت قىلغان.
1955 - يىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلۇپ، تۈرلۈك كادىرلار، ئىختىساسلىقلارغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان. ۋۇ مىڭجۇ رەھبەرلەرنى ئىزدەپ تېپىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلىپ، ئاخىر شىنجاڭغا كەلگەن، شۇ يىلى ئۇ 25 ياشتا ئىدى. ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلىپ، شارائىتى جاپالىق پىچان ناھىيەسىگە ماكانلاشقان.
ئەسلىي مەقسىتىنى ئۆزگەرتمەسلىك، ئېتىقادى بىردەك بولۇش
تۇرپاندا ۋۇ مىڭجۇ بىلەن ئالاقە قىلغان ياشانغانلار ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «جاپاغا چىدايتتى، يۇرتداشلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى ياخشى كۆرەتتى، لېكىن كۆپچىلىك پايتەخت ئورگىنىدىن كەلگەن بۇ قىز داشۆ ئوقۇغۇچىسىنىڭ قانچىلىك ۋاقىت تۇرالايدىغانلىقىنى بىلمەيتتى».
تۇرپاننىڭ «ئوت يۇرتى» دېگەن نامى بار، ياز پەسلىدە تېمپېراتۇرىنىڭ 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىشى دائىملىق ئەھۋال. ئاساسىي قاتلامدا ياخشى تېخنىك بولۇش ئۈچۈن، ھەرقانداق دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىشنى بىلىش كېرەك، ۋۇ مىڭجۇ قەتئىي ھالدا ئۆزىنى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىدا يەنىلا دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلالايدىغان «دېھقان» قىلىپ تاۋلاپ چىققان.
ئۇ نان يېيىشكە، قوي گۆشى يېيىشكە ئادەتلەنگەن، يەنە ئۇيغۇر تىلىنى راۋان سۆزلەشنى ئۆگىنىۋالغان.
دىغار يېزىسىدا سۈپىتى ناھايىتى ياخشى بىر خىل قوغۇننىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ، ۋۇ مىڭجۇ بىر خىزمەتدىشى بىلەن بىرلىكتە چۆللۈكنى كېسىپ ئۆتۈپ ئىزدىگەن. كەچ بولغاندا، بۆرىگە ئۇچراپ قېلىشتىن قورقۇپ، داۋاملىق يول يۈرەلمىگەن، ئۇلار خۇمدان ياسايدىغانلاردىن كىگىز ئارىيەت ئېلىپ، تاشلاندۇق گەمىنىڭ يېنىدا ئۇخلىغان.
ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى يېڭى سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ماددىي ئاساسى. سورتنىڭ تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، 1958 - يىلىدىن باشلاپ، ۋۇ مىڭجۇ سۇ ۋە نان ئېلىپ، قۇم - بوران، تومۇز ئىسسىققا قارىماي، پۈتۈن ۋىلايەتتىكى 300دىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنى ئايلىنىپ چىقىپ، تۇرپاننىڭ قوغۇن - تاۋۇزلىرىغا ئارخىپ تۇرغۇزغان.
1962 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ۋۇ مىڭجۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە، تۇرپاندا شۇ جايدىكى بارلىق قوغۇن سورتىنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن سىستېمىلىق ھالدا خۇڭشىنسۈي، شياڭلىخۇاڭ، شياۋچىڭپى قاتارلىق سورتلارنى تاللاپ يېتىشتۈرۈپ چىققان، بۇنىڭ ئىچىدە خۇڭشىنسۈينىڭ سۈپىتى ئەڭ ياخشى بولۇپ، شياڭگاڭ بازارلىرىدا 30 يىل ياخشى سېتىلغان.
«بىر ئەلا سورتنى تاللاپ يېتىشتۈرۈشكە سەككىز يىلدىن ئون يىلغىچە ۋاقىت كېتىدۇ، لېكىن ئادەمنىڭ ئۆمرى چەكلىك بولىدۇ. 1973 - يىلى ۋۇ مۇئەللىم تاللاپ يېتىشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، خەينەنگە بېرىپ <جەنۇبتا كۆپەيتىش شىمالدا يېتىشتۈرۈش> بازىسىنى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.» يى خۇڭپىڭ مۇنداق دېدى: ئۇ خۇددى پەسىل قۇشىغا ئوخشاش، كۈز ۋە قىشتا خەينەنگە بېرىپ، ئەتىياز ۋە يازدا شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ، ئۇزاق يىل سورت يېتىشتۈرۈش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى. 1995 - يىلى ۋۇ مىڭجۇ كوللېكتىپنى باشلاپ يېتىشتۈرگەن قوغۇن - تاۋۇزلار بىر يىلدا ئۈچ پەسىل مېۋە بېرىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ مەزگىلدە، ئۇ تاللاپ يېتىشتۈرگەن «8424 (زاۋجيا)» جياڭسۇ - جېجياڭ ئەتراپىدىكى بالدۇر پىشىدىغان ئەلا سۈپەتلىك تاۋۇزنىڭ ئاساسلىق تېرىلىدىغان سورتىغا ئايلاندى ھەم شىمالدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە تەدرىجىي كېڭەيدى.
ئاپتونوم رايون ۋۇ مىڭجۇنى جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىك نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن ماتېرىيالغا مۇنداق يازغان: شىنجاڭ ھەم پۈتۈن مەملىكەتنىڭ قوغۇن - تاۋۇز ئىشلىرىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇپ، «غەربىي رايون قوغۇن - تاۋۇز شاھى» دەپ ئاتالدى؛ شىنجاڭ قوغۇنىنىڭ يەرلىك سورتلىرىنى يىغىپ - رەتلەپ، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بىر تۈركۈم بايلىقنى قۇتقۇزۇپ قالدى. ئۇ يېتىشتۈرگەن بالدۇر پىشىدىغان، يازدا پىشىدىغان، كۈزدە پىشىدىغان يۈرۈشلۈك قوغۇن سورتلىرىنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى ئىلگىرى شىنجاڭدىكى تاۋار قوغۇن ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونلارنىڭ %80ىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، تۇرپان، پىچان ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا بىر تۈركۈم قوغۇن ئارقىلىق بېيىش كەنتلىرى بارلىققا كەلدى.
2017 - يىلى، 87 ياشقا كىرگەن ۋۇ مىڭجۇ كۆزى قىيمىغان ھالدا خىزمىتىدىن بوشىغان.
پۇشايمانسىز بىر ئۆمۈر ئۆزىنى بېغىشلاش
ۋۇ مىڭجۇ بىر ئۆمۈر ئۆزىنى «شېرىن كەسىپ»كە بېغىشلىدى، سورت يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ تۇرپان مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى. 62 يىلدىن بۇيان، ئۇ بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىدا بولۇشقا تېگىشلىك قەتئىي ئىرادە، ئەقىل - پاراسەت ۋە جاپالىق ئەجىر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ غايىسى ۋە ئېتىقادىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
ۋۇ مىڭجۇنىڭ ئوغلى ياڭ شيا مۇنداق دېدى: «ئاپام ئىلگىرى بىر ئادەمنىڭ ئىنتىلىشى پەقەت دۆلەت، خەلقنىڭ مەنپەئىتى بىلەن بىردەك بولغاندىلا، ئاندىن كۆپچىلىكنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلەيدۇ، يەنە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە بولىدۇ دېگەنىدى».
ئېرى ياڭ چىيوۋ ۋۇ مىڭجۇنىڭ داشۆدىكى ساۋاقدىشى بولۇپ، ۋۇ مىڭجۇ شىنجاڭغا بېرىپ خىزمەت قىلىشنى قارار قىلىپ، يولغا چىقىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن ئاندىن ياڭ چىيوۋغا دېگەنىدى. ياڭ چىيوۋ كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا مەدەت بېرىپ: «سىز ئاۋۋال بېرىڭ، مەن ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن سىزنى ئىزدەپ بارىمەن» دېگەنىدى.
1958 - يىلى چاغاندا، ياڭ چىيوۋمۇ پىچان ناھىيەسىگە كېلىپ خىزمەت قىلدى. ئەينى چاغدا، ئاسپىرانتلىقنى پۈتكۈزگەن ياڭ چىيوۋ پۈتۈن شىنجاڭدىكى بارلىق دېھقانچىلىق تېخنىكا پونكىتلىرى بويىچە ئوقۇش تارىخى ئەڭ يۇقىرى كىشى ئىدى. ئۇ ئىنگلىز تىلى ۋە رۇس تىلىنى پىششىق بىلەتتى، چەت ئەلنىڭ ئىلمىي ژۇرناللىرىدا خوتۇنىنىڭ ئىشلىرىغا ياردىمى بار ماقالىلەرنى كۆرسە، ئۆزى تەرجىمە قىلىپ ئۇنىڭغا بېرەتتى. خوتۇنىنىڭ تەتقىقاتى قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە، بىلىملىك ۋە قابىلىيەتلىك ياڭ چىيوۋ ھەمىشە خوتۇنىغا ئەقىل كۆرسىتىپ، ئامال تېپىپ بېرەتتى. ۋۇ مىڭجۇ بەزىدە بەك ئالدىراش بولۇپ كەتكەندە ئېرىگە تېلېفون قىلىپ، قوغۇنلۇققا بېرىپ چاڭلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىشنى ئېيتاتتى، چۆللۈكتە 40 - 30 كىلومېتىر يول يۈرۈشكە توغرا كەلسىمۇ، ياڭ چىيوۋ دائىم خۇشاللىق بىلەن باراتتى.
ئېرىنىڭ قوللىشى بىلەن، ۋۇ مىڭجۇ كەسپىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەپسۇس، 57 ياشلىق ياڭ چىيوۋ ئاشقازان راكى سەۋەبىدىن ۋۇ مىڭجۇدىن بالدۇرلا ئايرىلدى.
ئېرى كۆز يۇمۇش ئالدىدا، ۋۇ مىڭجۇ كۆڭلىدە ئۇزاقتىن بۇيان ساقلاپ كېلىۋاتقان گەپنى قىلىپ:«لاۋياڭ، مېنى دەپ شىنجاڭغا كېلىپ، ئارتۇقچىلىقىڭىزنى جارى قىلدۇرالمىدىڭىز، سىز بۇنىڭغا پۇشايمان قىلامسىز؟» دەپ سورىغاندا، ياڭ چىيوۋ خاتىرجەم ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ: «بۇ بىزنىڭ ئورتاق كەسپىمىز، مەن پۇشايمان قىلمايمەن» دېگەنىدى.
ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا، ياڭ چىيوۋ تەسلىكتە ئۈچ بارمىقىنى چىقىرىپ، كۈلۈپ تۇرۇپ ۋۇ مىڭجۇنىڭ «ئۇدا ئۈچ قېتىم چېمپىيون بولغانلىقى»نى تەبرىكلىدى − شۇ كۈنى خانىش، فۇرۇڭ، يۈ جىندىن ئىبارەت ۋۇ مىڭجۇ يېتىشتۈرگەن ئۈچ يېڭى قوغۇن سورتى تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئۆتكەنىدى.
ئېرى قازا قىلىپ بەش كۈندىن كېيىن، ۋۇ مىڭجۇ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە قايتىشنى قارار قىلدى. قىزى ياڭ جۈن ئاپىسىدىن بىرنەچچە كۈن كۆپرەك تۇرۇشنى ئۆتۈندى، ۋۇ مىڭجۇ: «مەن دادىڭىزدىن نېمىنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىم، مېنىڭ كەسپىمدە ئۇنىڭ ئۈمىدى بار، مەن دەرھال قايتىپ خىزمەت قىلسام ئاندىن دادىڭىزغا يۈز كېلەلەيمەن» دېدى.
ۋۇ مىڭجۇ ئاپا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىنىڭ بالىلىرىغا بەك كۆپ قەرزدار ئىكەنلىكىنى بىلەتتى، چوڭ ئوغلى ياڭ شيا تۇغۇلۇپ ئۈچ ئاي بولغاندا، ئۇ ئۇنى يۇرتىغا ئاپىرىپ قويدى، قىزى ياڭ جۈن تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئۇنى بېقىپ باقمىدى. بالىلار كىچىك ۋاقتىدا ئىزچىل تاغىسى، ھاممىسىنى دادىسى، ئاپىسى ئورنىدا كۆرەتتى.
ئۇنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ئۆزگەرمىدى، ئۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا شىنجاڭغا بېرىپ خىزمەت قىلىشنى قارار قىلغان چاغدىكى ئېتىقادى − خەلققە ئۆزىنى بېغىشلاشنى ئىزچىل ساقلاپ كەلدى.
ئۇنىڭ دۇنياسى ناھايىتى كىچىك بولۇپ، پەقەت قوغۇن - تاۋۇزلا بار ئىدى، نىشانى پەقەت يۇرتداشلارنىڭ ھوسۇلىنى، كىرىمىنى كۆپەيتىش ئىدى.
ئۇنىڭ تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ياشلارنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىن پېشقەدەم مۇتەخەسسىسلەردىن ئېشىپ كېتىشىنى، ۋەتەننىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى.
ياڭ شيا مۇنداق دېدى: «مانا بۇ مېنىڭ ئاپام، ئۇ شۇ دەۋردىكى پۇشايمانسىز ھالدا ۋەتەن ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئۆزىنى بېغىشلىغان شىنجاڭغا بارغان ياشلارنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى».