تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى يېڭى ئۈمىد ئېلىپ كەلدى

5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، قۇرۇلۇش خادىملىرى G7 بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ باركۆل شيالاۋبا بۆلىكىدىكى كۆۋرۈكتە تىنچ يۈك سىنىقى ئېلىپ بارماقتا. □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

سىكاننېرلاپ مەخسۇس تېمىلىق ماقالىنى كۆرۈڭ

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لۇ فېڭباۋ، جاۋ شىيا

5 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 25 - كۈنىگىچە، «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G7)نىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدىكى تۇنجى بېكەتتىن يولغا چىقىپ، ئارا تۈرۈك، باركۆل، مورى، گۇچۇڭ، جىمىساردىن ئۆتۈپ ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى. يول بويى، خەۋەر قىلىش كوللېكتىپىنىڭ ئەزالىرى يول قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ لىنىيە بويىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم رولىنى زىيارەت قىلىپ، بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ياساپ تۇتاشتۇرۇشنىڭ لىنىيە بويىدىكى پۇقرالارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شۇ جاينىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى پۇرسەت ۋە ئۈمىد ئېلىپ كەلگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

قولايلىق يول

5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ۋۇتۇڭ داچۈەندىن مورىغىچە بولغان بۆلىكىنىڭ يول يۈزى قۇرۇلۇشى پۈتۈنلەي تاماملاندى، بۇ، بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى شىنجاڭ بۆلىكىنىڭ پۈتۈنلەي تۇتاشتۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىپلا قالماي، ئومۇمىي مۇساپىسى تەخمىنەن 2768 كىلومېتىر كېلىدىغان بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭمۇ پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

«ۋۇتۇڭ داچۈەندىن مورىغىچە بولغان بۆلەكتە 6 - ئاينىڭ ئاخىرى قاتناش باشلىنىدۇ، شۇ چاغدا شىنجاڭغا پۈتۈن كۈن كىرىپ چىقىدىغان چوڭ يول شەكىللىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ شىمالىي يولى ئومۇميۈزلۈك پۈتىدۇ» دېدى جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بېيجىڭ - شىنجاڭ تۈرىنىڭ مەسئۇلى دا ۋېنبىن.

گۇچۇڭ ناھىيەسى خۇيتۇڭ تىرانسپورت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى دۇەن شىيەن ھەر كۈنى بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلىنىشىغا تەقەززا بولدى: «قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، بىزنىڭ يۈك ئاپتوموبىلىمىز بۇ يولدىن تېز سۈرئەتتە شىنجاڭدىن چىقالايدۇ.» خۇيتۇڭ تىرانسپورت شىركىتىنىڭ 1000دىن ئارتۇق يۈك ئاپتوموبىلى بار، تىرانسپورت بازىرى شىنجاڭ ۋە ئىچكىرىدىكى ئاساسلىق شەھەرلەرنى قاپلايدۇ، ھەر يىلى گۇچۇڭ ناھىيەسىدىن زور مىقداردا تاش ماتېرىيال، ئۇن قاتارلىق ماللارنى توشۇيدۇ.

دۇەن شىيەن مۇنداق بىر ھېسابات قىلدى: گۇچۇڭ ناھىيەسىدىن تاش ماتېرىيال توشۇپ شىئەن شەھىرىگە بېرىشنى مىسالغا ئالساق، نۆۋەتتە يۈك ئاپتوموبىللىرى گۇچۇڭ ناھىيەسىدىن يولغا چىقسا، 200 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئۆلكە يولىدىن ئۆتۈپ، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىغا كىرگەندىن كېيىن ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى(G30 )غا چىقىپ شىئەنگە قاراپ ماڭىدۇ، يەككە قېتىملىق كىرا ھەققى 12 مىڭ يۈەن. ھالبۇكى گۇچۇڭ ناھىيەسىدىن بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدىكى مىڭشۈي ئارقىلىق شىنجاڭدىن چىقىپ شىئەنگە بارغاندا، مۇساپە قىسقىرايدۇ، يەككە قېتىملىق توشۇش ھەققىنىڭ 2000 يۈەن تۆۋەنلىشىدىن ئۈمىد بار.

يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى جاڭ لۇڭمۇ بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلىنىشىغا تەقەززا بولدى. ئۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە گۇچۇڭ ناھىيەسىدىن ئېۋىرغول رايونىغا مال توشۇساق، ئومۇمىي مۇساپە 460 كىلومېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئاز، ئۆلكە يولى كۆپ، يولدا يۈك ئاپتوموبىللىرى كۆپ، ئاسان توسۇلۇپ قالىدۇ. «ئەڭ ئۇزاق بولغاندا مەن يولدا بىر كېچە - كۈندۈز توسۇلۇپ قالغان. بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ياسىلىپ تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىلنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇم» دېدى ئۇ.

بېيىش يولى

5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى ئېگىنبۇلاق يېزىسىنىڭ يۆلياڭدى كەنتىدىكى ۋاڭشۇيۈەن پۇقراۋى قونالغۇسىنىڭ مەسئۇلى ليۇ شۇچىن تازىلىق قىلىپ بولۇپ، مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلدى.

يۆلياڭدى كەنتى 2018 - يىلى 3 - تۈركۈمدىكى «جۇڭگودىكى ئەنئەنىۋى كەنتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاتناش، سەپەرگە چىقىشنىڭ تېخىمۇ قولايلىقلىشىشىغا ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپ ساياھەتچى بۇ قەدىمىي كەنتكە بېرىپ، سەھرا مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى.

بۇلتۇر، ليۇ شۇچىن ئۆز ھويلىسىنى پۇقراۋى قونالغۇغا ئۆزگەرتىپ، بۇ يىل 5 - ئايدا تىجارەت باشلىدى. «بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلگەن تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئارقىلىق مورىغا بىۋاسىتە بارالايدۇ، بۇنىڭ بىلەن يۆلياڭدىغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، بىزنىڭ كىرىمىمىز چوقۇم ئاشىدۇ» دېدى ئۇ.

گۇچۇڭ ناھىيەسى جېبىكى بازىرى جاڭبا كەنتىنىڭ بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بىلەن بولغان ئارىلىقى 10 كىلومېتىرمۇ كەلمەيدۇ، قاتناش قولايلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە جامبۇلاق مەنزىرە رايونىغا يېقىن. نۆۋەتتە، پۈتۈن كەنت بويىچە 26 پۇقراۋى قونالغۇ، 14 دېھقانلار ئارامگاھى بار.

2018 - يىلى، جاڭبا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ۋاڭ شياۋجۈن پۇقراۋى قونالغۇ ئېچىپ، «ساياھەت تامىقى» يېيىشكە باشلىدى. بۇ يىل ئۇ ھويلىسىغا بالدۇرلا كۆكتات تېرىپ، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش تەييارلىقىنى قىلدى. «يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بارغانسېرى قولايلىقلاشتى، ساياھەتچىلەر چوقۇم كۆپىيىدۇ، مەن بۇ يىل ياخشى ئىشلەپ، كۆپرەك پۇل تېپىشىم كېرەك» دېدى ئۇ.

جېبىكى بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بەي شېڭچۇن مۇنداق تونۇشتۇردى: جاڭبا كەنتى بۇ يىل يەنە ئۆي ئاپتوموبىلى لاگېرى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، «جامبۇلاقنى ساياھەت قىلىش، جاڭبا كاۋىپى يېيىش، جاڭبا پۇقراۋى قونالغۇسىدا قونۇش» ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسىنى كۈچەپ يارىتىپ، بۇ يىل كىشى بېشى ساپ كىرىمنى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇشقا تىرىشىدۇ.

ئۈمىد يولى

«بىز بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلىنىشىنى ئىزچىل ئارزۇ قىلىپ كەلگەنىدۇق، قاتناش باشلانغاندىن كېيىن باركۆلدە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلىدۇ، شۇ يەردىكى ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى قولايلىشىپلا قالماي، ساياھەت، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق كەسىپلەرمۇ تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالىدۇ» دېدى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك قاتناش - تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جېڭىسبېك توقجېك.

بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئادەم ئېقىمى، ئاپتوموبىل ئېقىمى ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە ئۈمىد ۋە ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ.

بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ئاراتۈرۈك ناھىيەسىنىڭ باي يېزىسىنى كېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، باي يېزىسى ئىلگىرىكى قاتناشنىڭ «ئارقىدا قالغان جاي»ى بولۇشتىن، بىردىنلا شىنجاڭغا كىرىش - چىقىش چوڭ يولىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلىنىدۇ.

«بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بىزگە تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە ئۈمىد ئېلىپ كېلىدۇ» دېدى باي يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لىڭ يۈنجى.

چوڭ تىپتىكى ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرى باي يېزىسىغا مەبلەغ سېلىپ، ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پىلانلىدى، باي يېزىسى بۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ يېنىدىكى كۆلىمى 230 مو كېلىدىغان ئەشيا ئوبوروتى باغچە رايونىنى پىلانلاپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى.

بۇ، باي يېزىسىدىكى دېھقان يىن شىياغا سودا پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى، ئۇ ئاپتوموبىل رېمونتخانىسى ئېچىشنى پىلانلىدى: «يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۇتاشتۇرۇلسىلا، ئۆتكەن - كەچكەن ئاپتوموبىللار كۆپىيىپ، تىجارىتىم چوقۇم ياخشى بولىدۇ».

تەرەققىيات پۇرسىتى كۆپىيىپ، باي يېزىسىدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ قارىشىدا ئاستا - ئاستا ئۆزگىرىش بولدى. يەر بىلەن نەچچە ئون يىل ھەپىلەشكەن رەشىدەم تۇرغۇن بۇ يىل ھويلىسى ۋە ئۆيىنى ئۆزگەرتىپ، پۇقراۋى قونالغۇ ئاچتى، ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 كىشىنىڭ ياتاق، تاماق ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ھازىر قاتناش باشلىنىشقا ئاز قالدى، مەنمۇ <ساياھەت پۇلى> تاپىمەن» دېدى ئۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.