تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ شىنجاڭغا كىرىش

قىزىل ئىزنالار (14)

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 2 - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەنلىك خاتىرە مۇنارى ئالدىدا ئوقۇتقۇچى سۆزلەپ بەرگەن ئىنقىلابىي ھېكايىلەرنى ئاڭلىماقتا (4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تارتىلغان). ئانار بۇلۇت شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

 ئانار بۇلۇت شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ

5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئۈرۈمچى خەلق مەيدانى ياپيېشىل دەرەخلەر بىلەن ئورالغان بولۇپ، قۇشلار ۋىچىرلىشىپ سايراپ تۇراتتى. ياشانغان كىشىلەر دەرەخ سايىسىدا چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ چاي ئىچىشكەچ پاراڭلىشىۋاتاتتى، ياشلار كىتاب ئوقۇۋاتاتتى. دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا، شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچى بۇ يەرگە پەقەت مەيداندىكى «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەنلىك خاتىرە مۇنارى»غا ئېھتىرام بىلدۈرۈش ئۈچۈنلا كەلگەنىدى.

«شىنجاڭنىڭ ئازادلىقى بولمىسا، نەدىمۇ بىزنىڭ ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشىمىز بولسۇن. تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلىغاندا، ئاندىن تېخىمۇ ياخشى ئالغا ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ» دېدى ئىلىدىن كەلگەن ساياھەتچى فاڭ لىڭ.

خاتىرە مۇنارى خەلق مەيدانىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، ئىگىلىگەن كۆلىمى 900 كىۋادرات مېتىر، ئومۇمىي ئېگىزلىكى 32.6 مېتىر. مۇنار گەۋدىسىنىڭ شىمال تەرىپىگە يولداش ۋاڭ جېننىڭ: جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەنلىك خاتىرىسى، دېگەن بېغىشلىمىسى ئويۇلغان. مۇنار گەۋدىسىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە يولداش ۋاڭ ئېنماۋنىڭ: خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى شىنجاڭغا كىرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئازادلىقىنىڭ يېڭى تارىخىي مەزگىلىنى ئاچتى، دېگەن بېغىشلىمىسى ئويۇلغان.

يول بويى بوران - چاپقۇن ئەۋجىگە چىقتى، يول بويى زەپەر مارشى ياڭرىدى. يىللار تارىخنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ، بۇ ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان خاتىرە مۇنارىغا زەڭ سېلىپ قارىسىڭىز، شىنجاڭنى ئازاد قىلىشتىكى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان كۆرۈنۈشلەر ئۈزلۈكسىز كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ، دىققىتىڭىز ئاشۇ ۋاقىتلارغا ئاغدۇرۇلىدۇ، ناھايىتى ئېنىق، جانلىق...

شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنىشى

1949 - يىلى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»نى ۋاراقلىسىڭىز، «شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز» دېگەن باش ماقالە بىلەن «پۈتۈن شىنجاڭ خەلق دېموكراتىيەسى سېپىگە قايتتى − شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قوماندان، ئەسكەرلەر ھەقىقەتكە قايتقانلىقىنى جاكارلىدى» دېگەن ماقالە 1 - بەتنىڭ كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان يېرىگە بېرىلگەنلىكىنى كۆرىسىز.

ئازادلىق! بۇ تارىخنىڭ تاللىشى، خەلقنىڭ تاللىشى!

1949 - يىلى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، 1 - دالا ئارمىيەمىز خېشىغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلدى: 1 - بىڭتۇەن چىڭخەي شىنىڭدىن قوشۇن باشلاپ شىمالغا يۈرۈش قىلىپ، چىليەنشەن تېغىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ جاڭيېغا ھۇجۇم قىلسۇن؛ 2 - بىڭتۇەن لەنجوۋ - شىنجاڭ تاشيولى ھەم ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىنى بويلاپ غەربكە يۈرۈش قىلسۇن؛ 6 - جۈن ئوڭ تەرەپتىن ۋۇچاۋلىڭ چوققىسى، تېڭگېلى قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى داجىڭدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ غەربكە يۈرۈش قىلسۇن؛ 3 -، 4 - جۈننىڭ قوشۇمچە دالا ئارمىيەسى توپچىلار تۇەنى، ئۇرۇش ئاپتوموبىلى يىڭى سول تەرەپتىن بىۋاسىتە ۋۇۋېي، جيۇچۇەنگە قاراپ ئىلگىرىلىسۇن. 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئىككى بىڭتۇەن جاڭيېدا ئۇچراشتى. 100 مىڭ كىشىلىك قۇدرەتلىك قوشۇن جيۇچۇەن، ئەنشى ئەتراپىغا توپلىنىپ، شىنجاڭ دەرۋازىسى ئالدىدا تەييار تۇردى.

ھەربىي ھەيۋە ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تىنچلىق سىياسىتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىدە، تاۋ جىيۆ، بۇرھان قاتارلىقلار 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، 26 - كۈنى ئايرىم - ئايرىم ھەقىقەتكە قايتقانلىقى توغرىسىدا تېلېگرامما يوللاپ تەنتەنىلىك ھالدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: گومىنداڭ گۇاڭجوۋ ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزىمىز، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەھبەرلىكىگە بويسۇنىمىز، رەئىس ماۋ زېدۇڭ ئوتتۇرىغا قويغان تىنچلىق شەرتىنى قوبۇل قىلىمىز، يەرلىكنىڭ تەرتىپىنى ساقلايمىز، بۇيرۇق كۈتىمىز. شىنجاڭ تىنچ ئازاد قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى!

شىنجاڭدىكى ئارمىيە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ھەقىقەتكە قايتقانلىقى توغرىسىدا تېلېگرامما يوللىغانلىق خەۋىرى تارقىلىشى بىلەن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممە شادلىققا چۆمدى، «ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى شاد - خۇراملىققا چۆمدى، بۇ، بۇ ئۆلكىدە ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغانىدى».

9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ماۋ زېدۇڭ، جۇ دې تاۋ جىيۆ، بۇرھانغا مۇنداق جاۋاب تېلېگراممىسى يوللىدى: «بىز سىلەرنىڭ مەيدانىڭلارنى توغرا دەپ قارايمىز»، «بۇ خىل پوزىتسىيە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، بىز ئىنتايىن مەمنۇن. سىلەرنىڭ ئارمىيە، ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە يەرلىكنىڭ تەرتىپىنى ساقلىشىڭلارنى ھەم ھازىر شىنجاڭغا كىرىشكە تەييار تۇرۇۋاتقان خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، كونا تۈزۈمنى بىكار قىلىپ، يېڭى تۈزۈمنى يولغا قويۇپ، يېڭى شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز».

ھەيۋەتلىك چوڭ ھەربىي يۈرۈش

بۇ يىل 89 ياشقا كىرگەن جياڭجۈن يۈەن گوشياڭ 1949 - يىلى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىش زور قوشۇنىغا قاتناشقان، ئۇ 2 - جۈن سىياسىي بۆلۈمىدە سۈرەتكە تارتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، داڭلىق قىزىل فوتوگراف ئىدى. «بۇ، 1949 - يىلى 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، جيۇچۇەن داشياۋ مەيدانى، قىسىم ئاپتوموبىلغا چىقىپ يولغا چىقىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ» دېدى يۈەن گوشياڭ ئۆزى تارتقان سۈرەتنى مۇخبىرغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ.

10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 2 - جۈن 4 - شىسى بىلەن ئۇرۇش ئاپتوموبىلى 5 - تۇەنى بىرونېۋىك يىڭى شىنجاڭغا كىرىشتىكى ئاۋانگارت قىسىم بولۇش سۈپىتى بىلەن، گەنسۇنىڭ يۈمېندىن يولغا چىقىپ، ئاپتوموبىل بىلەن غەربكە يۈرۈش قىلدى. 2 -كۈنى، 2 - جۈن قوماندانلىق ئىشتابى، 5 - شى گەنسۇنىڭ جيۇچۇەندىن ئايرىلىپ شىنجاڭغا يۈرۈش قىلدى. 2 -، 6 - جۈننىڭ ئات - قېچىر دادۈيىمۇ كەينىدىنلا جيۇچۇەندىن غەربكە يۈرۈش قىلدى. ئارقىدىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ياردەم قىلغان تىرانسپورت ئايروپىلانلىرى جيۇچۇەنگە يېتىپ كېلىپ، شىنجاڭغا كىرىدىغان قىسىملارنى توشۇشقا ياردەم بەردى. نەچچە ئون مىڭ كىشىلىك قوشۇن، بىرنەچچە يولدىكى زور قوشۇن خۇددى ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دولقۇندەك غەربكە يۈرۈش قىلىپ، شىنجاڭغا قاراپ ھەيۋەتلىك چوڭ ھەربىي يۈرۈشنى باشلىدى.

پېشقەدەم جەڭچى جاڭ مىڭرۇ ئەسلىمىسىدە ئەينى يىلىدىكى ھەربىي يۈرۈش كۆرۈنۈشىنى مۇنداق سۈرەتلىگەن: «ئۇ بىر پارچە نەقەدەر ھەيۋەتلىك تارىخىي يۆگىمە رەسىم - ھە − ئاسماندا ئايروپىلان (سوۋېت ئىتتىپاقى ياردەم قىلغان) گۈركىرەپ ئۇچاتتى، يەردە ئاپتوموبىل سىگنال بېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەيتتى، ئېگىز، يوغان ئاتلار بېشىنى كۆتۈرۈپ كىشنىشەتتى، بايراقلار شامالدا جەۋلان قىلاتتى...»

قىسىمنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىل يېتىشمىگەنلىكتىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچىسى كونا بولغانلىقتىن، ماڭغان ۋاقتى قانچە ئۇزارغانسېرى داۋاملىق ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىرى شۇنچە ئازىياتتى. كەينىدىن ماڭىدىغان قىسىملارنى توشۇپ، شىنجاڭغا كىرىپ مۇداپىئەنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋەزىپىسىنى تېز ئورۇنداش ئۈچۈن، 2 - جۈن قىسمى يەنجىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، پىيادە يۈرۈش قىلىپ، ئاقسۇ، قەشقەرگە قاراپ ئاتلانغان.

ھاۋا سوغۇق، كىيىم يېلىڭ بولسىمۇ، لېكىن خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماي توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىگەن، يۈەن گوشياڭ مۇخبىرغا بىر پارچە رەڭسىز سۈرەتنى كۆرسەتتى: ئۇچىسىغا پاختىلىق ھەربىي كىيىم كىيگەن، پۇتىغا لاتا خەي كىيگەن، گوجەي ئورىغان، ئوزۇق - تۈلۈك خالتىسىنى ئېسىۋالغان بىر توپ ئايال جەڭچى ھەربىي يۈرۈش قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار نەزەرىنى ئالدىغا تاشلىغانىدى، چىرايىدىن قەتئىيلىك چىقىپ تۇراتتى. ئۇلار 2 - جۈن تەلىم - تەربىيە تۇەنىنىڭ ئايال جەڭچىلىرى ئىدى.

ئايال جەڭچى ياڭ جيالى ئۇلارنىڭ بىر ئەزاسى ئىدى. ھۆججەتلىك فىلىم «مېنىڭ ئاتا - ئانام: تارىم ئويمانلىقىدىكى ئارال خاتىرىلىرى»دە، ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى مەنزىرىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن: ھەر كۈنى 50 كىلومېتىر تېز ھەربىي يۈرۈش قىلىشتىن ھەر كۈنى 70 كىلومېتىر جىددىي ھەربىي يۈرۈش قىلىشقىچە، ھەربىر كىشىنىڭ تاپىنىغا قاپارتما چىقىپ كەتتى. بىر كۈن مېڭىپ، بىر قاپارتما ساقايماي تۇرۇپلا يەنە بىر يېڭى قاپارتما چىقاتتى، مۇشۇنداق بولۇپ ئۈستى - ئۈستىلەپ قاپارتما چىقىپ كېتەتتى.

2 - جۈننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىشى بىلەن بىللە، 6 - جۈنمۇ نەچچە تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئايروپىلاندا، ئاپتوموبىلدا شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توشۇلدى. 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، 6 - جۈننىڭ ئالدىن يۈرەر يىڭى ئايروپىلان بىلەن دىخۇا(ھازىرقى ئۈرۈمچى)غا يېتىپ كەلدى. 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، 1 - بىڭتۇەن قوماندانلىق ئىشتابى، 6 - جۈن 17 - شىنىڭ 50 - تۇەنى، شىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار ھەم جۈنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار دىخۇاغا يېتىپ كەلدى. 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ۋاڭ جېن قاتارلىقلار ئايروپىلان بىلەن دىخۇاغا يېتىپ كەلدى. 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى دىخۇادىكى ئارمىيە، ھۆكۈمەت ھەم جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەر داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ۋاڭ جېن سۆز قىلىپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسىنىڭ بىرتۇتاش پىلانلىشى ۋە رەھبەرلىك قىلىشى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى.

يۈەن گوشياڭ تارتقان يەنە بىر گۇرۇپپا سۈرەتتە، ھەرمىللەت ئاممىنىڭ ئازادلىق ئارمىيەنى خۇشال - خۇرام كۈتۈۋالغانلىقى، نازۇ نېمەتلەر مول بولۇپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىق كۆرۈنۈشى كۆز ئالدىمىزدا جانلىق گەۋدىلەندى. يۈەن گوشياڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «1949 - يىلى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، قەشقەر ئازاد قىلىندى، قىسىم بىر كەنتتىن ئۆتكەندە، يۇرتداشلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. بوۋايلار ياڭاق، جىگدە قاتارلىقلارنى ئاپتوموبىلغا تاشلىدى، مومايلار تۇخۇملارنى جەڭچىلەرنىڭ يانچۇقلىرىغا سېلىپ قويدى، ياشلار ئۇسسۇل ئوينىدى، بالىلار ناخشا ئېيتتى، يول بويى داقا - دۇمباق، مۇزىكا ساداسى ئۈزۈلمىدى. ئۇ كۆرۈنۈشلەرنى ھازىر ئويلىساممۇ قەلبىم ھاياجانغا تولىدۇ!»

گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇش

«ئۇ ۋاقىت قىش بولۇپ، ھاۋا ئىنتايىن سوغۇق بولسىمۇ، لېكىن بىزنىڭ قەلبىمىز ئوتتەك قىزىق ئىدى. كۆپچىلىك كۆك رەڭلىك پاختىلىق ئوقۇغۇچىلار فورمىسى كىيىپ، ئۈستىگە ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان چاپاننى كىيىپ، <ماۋجۇشى ياشىسۇن> <كوممۇنىستىك پارتىيە ياشىسۇن> دەپ ئۈنلۈك توۋلاپ، تەرتىپ بويىچە پارات مۇنبىرى ئالدىدىن ئۆتتى.» ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك نازارىتىنىڭ 91 ياشقا كىرگەن سابىق مۇئاۋىن نازىرى شەن شاڭجىنىڭ كاللىسىدا ھازىرغىچە ئۇنتالمىغان بىر كۆرۈنۈش بار.

1949 - يىلى 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. ئارقىدىن، دىخۇادا قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئەينى ۋاقىتتا تېخى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان شەن شاڭجى ئامما نامايىشىغا قاتناشقانىدى.

ۋاقىت ئاشۇ قىشقا قايتۇرۇلدى.

1949 - يىلى 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، پېڭ دېخۇەي ۋە جاڭ جىجۇڭ قاتارلىقلار بىرلىكتە جيۇچۇەندىن ئايروپىلان بىلەن دىخۇاغا يېتىپ كەلدى. ئارقىدىن، ھەرقايسى مىللەت، ھەرقايسى قاتلام، ھەرقايسى تۇرۇشلۇق قوشۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى ھەم دىخۇادىكى ھەر ساھە دېموكراتىك زاتلار ۋەكىللىرى قاتناشقان كېڭىشىش يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش، قوشۇننى تەرتىپكە سېلىش ۋە مالىيە - ئىقتىساد قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كېڭەشتى. 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى بۇرھان رەئىسلىكىدىكى شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاشنى تەستىقلىدى. شۇ كۈنى، پېڭ دېخۇەي سىلىڭيۈەن قوشۇمچە جېڭۋېي بولغان، ۋاڭ جېن، تاۋ جىيۆ، سەيپىدىن ئەزىزى مۇئاۋىن سىلىڭيۈەن بولغان شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقىمۇ جاكارلاندى. شۇ كۈنى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 1 - بىڭتۇەن قىسىملىرى بىلەن يەرلىك قىسىملار ئۇچرىشىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، پېڭ دېخۇەي، جاڭ جىجۇڭ، ۋاڭ جېن قاتارلىقلار كېلىپ بىۋاسىتە كۆزدىن كەچۈردى.

بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق سىياسىي جەھەتتە قەد كۆتۈرۈپ ئازاد بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىسىگە ئايلاندى.

شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنىش جەريانىدا، شىنجاڭغا كىرگەن قىسىملار ماددىي ئەشيا نىسبەتەن كەمچىل، يول يىراق، قەھرىتان سوغۇق بولغان شارائىتتا، تۈرلۈك قىيىنچىلىق، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىش، قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىق ۋە ئۇدا جەڭ قىلىش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، قىزىل بايراقنى تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىغا قادىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى تەتقىقات 1 - باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ۋېي يۇڭلۇڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنىش تارىخى بىزگە شۇنداق چوڭقۇر ئىلھام بېرىدۇكى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىش، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش بارلىق قىيىنچىلىق، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىشىمىزدىكى ئىدىيەۋى قورال، شۇنداقلا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مەنىۋى ئۆتكۈر شەمشەر. «دەۋر ئۆزگىرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىل روھقا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۆزگەرمىدى. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىش بىزنىڭ ئېتىقادنى چىڭىتىپ، مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن يېڭى بىر دۇنيا يارىتىشتەك جاسارەت ئارقىلىق داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزگە ئېھتىياجلىق».

بۇ قېتىمقى «1 - ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى مەلۇم تارماق ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، بىللە مۇڭدىشىپ، تۇغقانلىق مېھرىنى ئىزھار قىلىشتى. بۇ تارماق ئەترەتتىكى شىگۈەن تەن لىجيې مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنغانلىق ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەت ۋە سەمىمىي ئىتتىپاقلىق ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى غەلىبە ئەڭگۈشتەرى. بىز ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك مېھىر - مۇھەببىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.