تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«شىنجاڭ گېزىتى»دىكى ئاشۇ كىچىك ھەجۋىي رەسىملەر

ھېكايىلەر توپلىمى (15)

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ھەجۋىي رەسىم رەسسامى لۇ شاۋفېي ئىجاد قىلغان ھەم «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلدۇرغان ھەجۋىي رەسىملەر. □ خۇاڭ لى سۈرەت بىلەن تەمىنلىگەن

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چۇنخۇا

«ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30 -، 40 - يىللىرىدا، <شىنجاڭ گېزىتى>دىكى كىچىك ھەجۋىي رەسىملەر كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. ھەجۋىي رەسىمنىڭ ئاپتورى لۇ شاۋفېي بولۇپ، ئۇ ھەر كۈنى بىر پارچە ھەجۋىي رەسىم ئىجاد قىلىپ، گېزىتتە ئېلان قىلدۇراتتى، بۇنى ئۈچ يىلدىن كۆپرەك داۋاملاشتۇرغان.» شىنجاڭ گېزىتى گېزىت تارىخى سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى خۇاڭ لى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ گېزىت تارىخىنى سۆزلىگەندە، ئاشۇ ھەجۋىي رەسىملەرنى ھەمىشە ئىشتىياق بىلەن تىلغا ئالىدۇ.

لۇ شاۋفېي دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق ھەجۋىي رەسىم رەسسامى. 1939 - يىلى 1 - ئايدا، ئۇ داڭلىق گېزىتچى، ئەينى چاغدىكى شىنجاڭ گېزىتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سا كۇڭنىڭ تەكلىپى بىلەن شىنجاڭغا كەلگەن، كېيىن شىنجاڭ گېزىتخانىسىدا ھەجۋىي رەسىم خىزمىتىگە مەسئۇل گۈزەل سەنئەت مۇھەررىرى بولغان.

18 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نۇرغۇن ھەجۋىي رەسىم ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى قۇرۇلغان. ھەجۋىي رەسىم رەسساملىرى قەلەمنى قورال قىلىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇشنىڭ «ھەجۋىي رەسىم جېڭى»نى باشلىغان. لۇ شاۋفېي شاڭخەيدىكى ئەڭ دەسلەپكى ھەجۋىي رەسىم ئىجتىمائىي تەشكىلاتىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇ يې چيەنيۈ، ۋاڭ دۇنچىڭ قاتارلىق بىر تۈركۈم ياش ھەجۋىي رەسىم خىزمەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش ھەجۋىي رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش ھەجۋىي رەسىم تەشۋىقات ئەترىتىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرغان.

شاڭخەيدىن شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن، «شىنجاڭ گېزىتى»دە، لۇ شاۋفېي رەسىم قەلىمى ئارقىلىق «ياپون قاراقچىلىرى بىلەن ھايات - ماماتلىق ھەجۋىي رەسىم جېڭى قىلىپ، دۈشمەنگە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش» ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى تولۇق ئىپادىلىگەن. لۇ شاۋفېي كۈندۈزى ئۆلكىلىك قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان، كەچتە گېزىتخانىغا قايتىپ خىزمەت قىلىپ، شۇ كۈندىكى مۇھىم، زور ئاخبارات ۋەقەلىرىگە ئاساسەن ھەجۋىي رەسىم ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلغان. ئۇنىڭ ھەجۋىي رەسىملىرىنىڭ ئۇسلۇبى ئاددىي، كۆركەم بولۇپ، ھەم ئاممىباب، چۈشىنىشلىك ئىدى، ھەم كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالاتتى. 1939 - يىلى 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ «رەسىم كۆرگەزمىسى ئالاھىدە سانى»دا لۇ شاۋفېينىڭ ھەجۋىي رەسىم ئەسىرى «ياپون قاراقچىلىرى قېرىنداشلىرىمنى ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرگەن پاجىئەلىك ئەھۋال» ئېلان قىلىنىپ، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان.

لۇ شاۋفېينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى»دە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى قىزغىنلىقىنى تولۇق ئىپادىلىيەلىشىدىكى سەۋەب، ئۇ چاغدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» ئاللىقاچان ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇشنى تەشۋىق قىلىدىغان ئاممىۋى پىكىر بازىسىغا ئايلانغانىدى. 1938 - يىلى ۋاڭ شياۋچۇەن، لى زۇڭلىن قاتارلىق توققۇز كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى پارتىيەنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭ گېزىتخانىسىدا خىزمەت قىلغان. 1939 - يىلى، جوۋ ئېنلەي بىلىكىدىكى يارىنى داۋالىتىش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىش يولىدا دىخۇا (بۈگۈنكى ئۈرۈمچى)دىن ئۆتكەندە ۋاڭ شياۋچۇەن بىلەن كۆرۈشكەن. «ئۇ گېزىتنىڭ تەشۋىقاتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، مەندىن گېزىتخانىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشنى تەلەپ قىلدى، بىزگە گېزىتنى پارتىيەمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى بىر ئاخبارات بازىسى قىلىش توغرىسىدا ئېنىق يوليورۇق بەردى.» ۋاڭ شياۋچۇەننىڭ «ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە شىنجاڭ گېزىتخانىسىدا» دېگەن ئەسلىمىسىدە شۇنداق خاتىرىلەنگەن.

لۇ شاۋفېي شىنجاڭ گېزىتخانىسىدا ئۈچ يىلدىن كۆپرەك خىزمەت قىلغان، بۇ ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت دەل «شىنجاڭ گېزىتى» پارتىيەنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ سىياسىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، بارلىق ئىلغار كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۈچۈن كەڭ كۆلەمدە ئاممىۋى پىكىر پەيدا قىلغان مەزگىل ئىدى. شياڭگاڭلىق بىر ئوقۇرمەن خېتىدە: «سىلەرنىڭ گېزىتىڭلارنىڭ مەيدانى ئېنىق، پىكرى ئادىل ئىكەن، ئۇنى <شىنخۇا گېزىتى>نىڭ ئاچا - سىڭىل نۇسخىسى دېيىشكە بولىدىكەن» دېگەنىدى.

ئەينى چاغدا، لۇ شاۋفېينىڭ ھەجۋىي رەسىملىرىنىڭ تەسىر كۈچى ناھايىتى زور بولۇپ، دىخۇا كوچىلىرىدىكى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەجۋىي رەسىملىرىنىڭ كۆپىنچىسى «لۇ شاۋفېينىڭ ئۇسلۇبى» ئىدى. نۇرغۇن كىشى ئۇنىڭ گېزىتتە ئېلان قىلىنغان ھەجۋىي رەسىملىرىنى قىيىۋېلىپ توپلام قىلىۋالغانىدى. لۇ شاۋفېي گېزىت ئۈچۈن ھەجۋىي رەسىم ئىجاد قىلىش بىلەن بىللە، «شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئىبارەت بۇ سۇپىدىن پايدىلىنىپ ھەجۋىي رەسىم ئىجادىيىتى مەسىلىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شىنجاڭ ئۈچۈن رەسىم سىزىش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن.

1939 - يىلى 11 - ئايدا، شىنجاڭ مەدەنىيەت جەمئىيىتى تۇنجى قېتىملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، 1000غا يېقىن ئەسەر توپلىغان، لۇ شاۋفېينىڭ ئەسەرلىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئىدى. بۇ قېتىمقى رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، مەدەنىيەت جەمئىيىتى شىنجاڭدىكى تۇنجى گۈزەل سەنئەت ژۇرنىلى − تام گېزىتى «دەۋر»نى چىقارغان. بۇ ھەجۋىي رەسىم ژۇرنىلىغا لۇ شاۋفېي مەسئۇل بولغان. ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىر تۈركۈم ياش گۈزەل سەنئەت خىزمەتچىلىرى «دەۋر»نى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى تەشۋىق قىلىدىغان بازا قىلغان، «دەۋر» ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە ھەجۋىي رەسىم ژۇرنىلىغا ئايلانغان. ئەينى چاغدا، «دەۋر» نەنمېندىكى شەھەر مەركىزىگە ئېسىلغان بولۇپ، كۆرگىلى كەلگەن ئاممىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. شەكلى جانلىق، ئۇسلۇبى ئۆتكۈر، تىغ ئۇچى بىۋاسىتە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارىتىلغان بۇ خىل ھەجۋىي رەسىم ئەسەرلىرى شىنجاڭنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى تەشۋىقاتىدىكى كۈچلۈك قورالغا ئايلانغان.

«شىنجاڭ گېزىتى»دىكى ئاشۇ كىچىك ھەجۋىي رەسىملەر شىنجاڭنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى ھەجۋىي رەسىم سەنئىتى شەكلىدە تەشۋىق قىلىش مۇقەددىمىسىنى ئېچىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تاشقى خورلۇققا تاقابىل تۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ قۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىغا گۇۋاھ بولدى.

(ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.