تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەنگەن «قەلب يولى»

□ شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

ئالتە ئۆلكىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى خۇددى شىنجاڭدىن «ۋەتىنىمىزنىڭ يۈرىكى» بېيجىڭغا تۇتىشىدىغان «چوڭ تومۇر»غا ئوخشاش يول بويىدىكى ھەيۋەتلىك تاغ - دەريالارنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا جەمئىيەت ئۆزگىرىشى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مەنىۋى جان تومۇرىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيدىغان «قەلب يولى»غا تېخىمۇ ئوخشايدۇ، بۇ «قەلب يولى» تارىخ بىلەن تۇتاشقان، دەۋر بىلەن بىر يۆنىلىشتە.

«مەدەنىيەت يىلتىزىنى ئىزدەش سەپىرى» خەۋەر قىلىش باش تېمىسى قىلىنغان «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش»نىڭ 3 - قىسمى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى. يول بويى، ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا مېڭىپ، ئىلگىرى قۇملۇقتا كۆتۈرۈلگەن تەنھا ئىس - تۈتەك، چياڭزۇ نېيىدە ياڭرىغان يۇرتنى ئەسلەش كۈيى، تۆگە كولدۇرمىسى ياڭرىغان قەدىمىي يىپەك يولىنى ئۆلچىدى، مىڭ يىللىق ئۇرۇش سىگنالى ئوتى خۇددى ۋاقىتنى كېسىپ ئۆتكەندەك، پارلاق مەدەنىيەت مىراسلىرىغا مۇجەسسەملەنگەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى قان تومۇرىنى «قەدىمدىن ھازىرغىچە» تۇتاشتۇرغانىدى.

بۇ، «بىر - بىرىدىن ئايرىلالماسلىق، ئۆزئارا سىڭىشىپ كېتىش»نىڭ تارىخىي دەلىلى. ماشىنىلار ئۇچقاندەك ئۆتۈشۈپ تۇرۇۋاتقان بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ھاياجان بىلەن تارىخنىڭ مول مەزمۇنلۇق بەتلىرىنى ۋاراقلىماقتا ئىدى. تېز سۈرئەتلىك يولنىڭ شىنجاڭ بۆلىكى بويىدا، بىز جۇڭخۇا مىللىتى تارىخى غايەت زور دولقۇنىنىڭ تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىن ئۆركەشلەپ ئۆتۈپ قالدۇرغان قەدىمىي ئىزنالىرىنى كۆردۇق: بۇنىڭدىن 1900 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرىكى رېنشاڭ ئابىدىسى ۋە پېيسېن ئابىدىسى باركۆل يايلىقىدا، باركۆل كۆلى بويىدا قەد كۆتۈرۈپ، شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى چېگرا رايون ئەمەلدارلىرىنىڭ تاشقى دۈشمەنلەر بىلەن باتۇرانە جەڭ قىلىپ، يۇرت - ماكانىنى قوغدىغانلىقىدەك ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى بايان قىلىپ تۇراتتى؛ «تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى تۆت مەشھۇر شەخس»نىڭ بىرى بولغان لو بىڭۋاڭ ئارا تۈرۈك قوشۇنى تۇرۇشلۇق جاي، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى داخې قەدىمىي شەھىرىدە قەلەم تەۋرىتىپ «لەنشەن تېغى ئېتىكىدە تەسلىم بولغان لى لىڭدەك، بۈيۈك خەن سۇلالىسىنى ئىزاغا قويما» دېگەن مىسرالارنى پۈتۈپ، ساداقەتمەنلىككە تولغان ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلغان؛ جىمىسار ناھىيەسىگە جايلاشقان بېشبالىق قەدىمىي شەھەر خارابىسى ئىككى خەن، ۋېي، تاڭ قاتارلىق كۆپلىگەن سۇلالىلەرنىڭ تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدە سىياسىي، ھەربىي ئىشلار ۋە مەدەنىيەت مەركىزى تەسىس قىلغان شانلىق تارىخىغا «جان كىرگۈزدى»... تارىخ ئەسلىمىسىنى ۋاراقلىساق، كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدىغىنى، دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ مىللەت بۈيۈك بىرلىكى ئەندىزىسى، بۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تۈرتكە بولىدىغان كۈچ مەنبەسى.

بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ «مەنىۋى قان تومۇرى» بىلەن باشتىن - ئاخىر تومۇرداش بولغان تارىخىي جاۋاب. بۇ يولدىكى قەدىمىي ئىزنالاردا «بىر بەلباغ، بىر يول» مۇھىم لىنىيەسىدىكى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يېڭىلانغان شانلىق مەدەنىيلىك چاقناپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىلەردە «جۇڭخۇا مىللىتى روھىنى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق يېتىلدۈرگەنلىكى، ۋارىسلىق قىلغانلىقى، تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى، ئۇنىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ قېنى ۋە روھىغا چوڭقۇر سىڭىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلانغانلىقى» شەرھلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ «قەلب يولى»نى بويلاپ ماڭغاندا، شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى ۋە مەدەنىيلىك تەرەققىياتى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى يۆگىمە رەسىمگە ئوخشاش ئاستا - ئاستا ئېچىلىپ، بىزنى «قان بىلەن گۆشتەك يۇغۇرۇلۇش»نى كۆرۈش، ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى؛ يول بويىدىكى گۈزەل مەنزىرە، ئېسىل تائاملار بىزگە «ئونمىڭ چاقىرىملىقتىكى بىردەكلىك»نى ئەسكە ئالدۇردى، بىلدۈردى؛ لىنىيە بويىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرى بىزگە «بىر گەۋدىلەشكەن خۇاشيا»نى چوڭقۇر چۈشەندۈردى. يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سالغىنىمىزدا، شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم بولغان، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتقان، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقان دەۋر قىياپىتىنى كۆردۇق، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق - ئىناق، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈشىنىڭ مەنبەسى − جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ھېسسىيات تايانچى، قەلب ماكانى ۋە مەنىۋى يۇرت - ماكانى ئىكەنلىكى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختىلاشنىڭ مۇستەھكەم ئۇل تېشى ئىكەنلىكى، تېخىمۇ مۇھىمى «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش»نىڭ چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنى ئىكەنلىكىنى تاپتۇق.

بۇ گۇمانلىنىشقا بولمايدىغان تارىخىي يەكۈن. دەرەخ ھەرقانچە ئېگىز بولسىمۇ يىلتىزى بولىدۇ، «مەدەنىيەت يىلتىزىنى ئىزدەش سەپىرى» شۇنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگو مۇقەددەس زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى؛ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسىدە، شىنجاڭنىڭ تەقدىرى باشتىن - ئاخىر ئۇلۇغ ۋەتەن ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلانغان؛ جۇڭگونىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇش تارىخىي تەرەققىياتىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنى، گۈزەل تاغ - دەريالىرىنى ئورتاق ئاچتى، ئۇزاق تارىخ، شانلىق مەدەنىيەتنى ئورتاق ياراتتى، كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى ئورتاق بەرپا قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پۇختا تەرەققىيات قەدىمى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش، گۈزەل تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش يېڭى مەنزىرىسى نامايان قىلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇلدى.

كېمىنىڭ كۈچى يەلكەندە، ئادەمنىڭ كۈچى قەلبتە. يول بويى كۈچلۈك ھاياجان مەۋج ئۇردى، يول بويى زەپەر مارشى ياڭرىدى. تارىختىن كەلگۈسىگە تۇتاشقان بۇ «قەلب يولى»دا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما يانچۇقىنى تومپايتىپلا قالماي، روھىمۇ جۇشقۇنلۇققا تولدى، ئۇلار جەزمەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن گۈزەل شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.