تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يوشۇرۇن ھەم ئۇلۇغ قىزىل قاتناش لىنىيەسى

قىزىل ئىزنالار (13)

8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئەسلىي ئورنى (5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تارتىلغان). □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جيا چۇنشيا

«ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى ياردەم قىلغان ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى قىزىل قاتناش لىنىيەسى ئارقىلىق يەنئەنگە توشۇلغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كادىرلىرى ۋە خەلقئارادىكى دوستلارمۇ مۇشۇ قاتناش لىنىيەسى ئارقىلىق يەنئەن بىلەن موسكۋا ئارىسىدا بېرىپ كەلگەن.» 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، شىنجاڭ ئارخىپ سارىيىنىڭ چوڭ زالىدا، ئاپتونوم رايونلۇق قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش دوختۇرخانىسىدىكى 50تىن ئارتۇق تېببىي خىزمەتچى چۈشەندۈرگۈچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بۇ يوشۇرۇن ھەم ئۇلۇغ قىزىل قاتناش لىنىيەسى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئەسلىمىلىرىنى قايتا ئەسلىدى.

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمال ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىكى چوڭ ئارقا سەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەت ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى ساقلاشتىكى مۇھىم يول ئىدى. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ تىرىشچانلىقىدا، شىنجاڭ خەلقئارانىڭ جۇڭگوغا ياردەم قىلغان ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇيدىغان مۇھىم يولغا ئايلىنىپلا قالماي، بەلكى يەنئەن بىلەن موسكۋا ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ بىخەتەر «كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە»گە ئايلىنىپ، تاشقى خورلۇققا تاقابىل تۇرۇش، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇپ ھاياتلىق يولى ئىزدەشتىن ئىبارەت ھەققانىي ئۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

قىزىل قاتناش لىنىيەسىنى ئېچىش

ياپيېشىل دەرەخلەرنىڭ سايىسىدە، جۇڭگو - رۇسىيە ئۇسلۇبى بىرلەشتۈرۈلگەن، توپا - ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئىككى قەۋەتلىك ئوچۇق سېرىق رەڭلىك كىچىك بىنا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ غالىبىيەت يولىدا جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، مانا بۇ «8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئەسلىي ئورنى.» 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، مۇخبىر بۇ كىچىك بىناغا كىرگەندە، ئەينى يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە ياردەم بەرگەن جىددىي ۋە ئالدىراش كۆرۈنۈشنى كۆرگەندەك بولدى.

1937 - يىلى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلىغاندىن كېيىن، ھەر ساھەدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، مىللەتنى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دىخۇا(بۈگۈنكى ئۈرۈمچى شەھىرى)دا 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنى تەسىس قىلدى.

«8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى ھەم 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى رەھبەرلىك ئورگىنى بولغان.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېي (شەھەرلىك ئىنقىلابىي تارىخ خاتىرە ئورۇنلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزى) پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇزېي باشلىقى تۇرسۇن قىزىربېك مۇنداق دېدى: 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ بىر ئالاھىدە ۋەزىپىسى بار، ئۇ بولسىمۇ يەنئەندىن موسكۋاغا بارىدىغان قىزىل قاتناش لىنىيەسىنى ئېچىش ۋە قوغداش.

نېمە ئۈچۈن قىزىل قاتناش لىنىيەسى ئېچىلىدۇ؟ تۇرسۇن قىزىربېك چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونالنىڭ بىر ياچېيكىسى بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى دائىم موسكۋاغا بېرىپ يىغىنغا قاتنىشاتتى، يەنە دائىم كادىرلارنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆگىنىش ياكى داۋالىنىش، دەم ئېلىشقا ئەۋەتەتتى، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونال تەرەپمۇ پات - پات جۇڭگوغا كادىر ئەۋەتىپ خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلاتتى. شۇنداق قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوشنا بولغان شىنجاڭ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونال بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئالاقىلىشىشىدىكى مۇھىم قاتناش يولىغا ئايلاندى.

خەلقئارا يول لىنىيەسىنى ئېچىش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي، ھەربىي ئىشلار ۋە تېخنىكا جەھەتتە كۆپ تەرەپلىمە تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. 1937 - يىلى، چېن يۈن شىنجاڭغا كېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق تۇنجى نۆۋەتلىك پارتىيە ۋەكىلى بولدى، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن شېڭ شىسەي بىرلىك سېپىنىڭ قۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بەردى. شىنجاڭدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، چېن يۈن شىنجاڭدىكى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ خەلقئارا قاتناش لىنىيەسىنىڭ راۋانلىقىنى پائال قوغداپ، خەلقئارا جۇڭگوغا ياردەم قىلغان ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپلا قالماي، يەنە يەنئەندىن شىنجاڭ ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا بارىدىغان قىزىل قاتناش لىنىيەسىنى ئاچتى.

ئۇچىسىغا ھەربىي فورما، پۇتىغا ئۆتۈك كىيگەن چېن يۈن قەددىنى تىك تۇتۇپ، كۈلۈمسىرىگىنىچە يىراقلارغا نەزەر سېلىپ تۇراتتى... 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى ئەسلىي ئورنىنىڭ ھويلىسىدا چېن يۈننىڭ مىس ھەيكىلى قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيەچىنى بۇ يەرگە كېلىپ ئەجدادلارنىڭ ئىزىنى بويلاپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلماقتا.

«چېن يۈن گەرچە شىنجاڭدا يەتتە ئايلا خىزمەت قىلغان، تۇرمۇش كەچۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا ياردەم بېرىش، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونال ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىدە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ شانلىق ئوبرازىنى تىكلىگەن» دېدى تۇرسۇن قىزىربېك.

خەلقئارا قاتناش لىنىيەسىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، غەربىي شىمالدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان شىنجاڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئالدىنقى سېپىدىن يىراق، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوشنا بولغاچقا، دۆلىتىمىزنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ چوڭ ئارقا سېپى بولۇپلا قالماي، يەنە دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارادىكى فاشىزمغا قارشى كۈچلەر ياردەم قىلغان ماددىي ئەشيالارنى قوبۇل قىلىشىنىڭ مۇھىم خەلقئارالىق يولىغا ئايلانغان.

«ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ياردەم ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش شىنجاڭنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قوشقان بىر چوڭ تۆھپىسى.» شىنجاڭ ئارخىپ سارىيىنىڭ مۇئاۋىن ساراي باشلىقى تۇڭ لۇ مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا، شىنجاڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا خەلقئارا يولدىن ئىككى لىنىيە بار ئىدى، بىرى، تاشيول بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى سارىئوزەكتىن جۇڭگودىكى قورغاس، دىخۇا ئارقىلىق لەنجوۋغا تۇتىشىدۇ؛ يەنە بىرى، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئالمائاتادىن جۇڭگودىكى غۇلجا، دىخۇا ئارقىلىق لەنجوۋغا تۇتىشىدۇ.

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلىغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق، جۇڭگو - سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقئارا قاتناش - تىرانسپورت لىنىيەسىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىندى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 1937 - يىلىدىن 1941 - يىلىغىچە، جۇڭگونىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى جەڭ مەيدانىدىكى %80 خەلقئارا ياردەم ماددىي ئەشياسى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى %90تىن كۆپرەكى شىنجاڭدىكى مۇشۇ خەلقئارا چوڭ يول ئارقىلىق توشۇلغان.

«ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى نۇرغۇن خىزمەتنى ئىشلىگەن. بىرىنچىدىن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە خەلقئارا قاتناش - تىرانسپورت لىنىيەسىنى ياساش ۋە ئاسراش خىزمىتىگە ئاتلىنىشنى تەشۋىق قىلغان ۋە سەپەرۋەر قىلغان؛ ئىككىنچىدىن، تاشيول كۈتۈۋېلىش پونكىتى ۋە ۋاقىتلىق ئاۋىياتسىيە پونكىتىدا جۇڭگوغا ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇيدىغان خادىملارغا ئەتراپلىق، ئىنچىكە مۇلازىمەت قىلغان» دېدى تۇڭ لۇ نۇرغۇن تارىخىي ماتېرىيال ئارقىلىق تونۇشتۇرۇپ.

1938 - يىلى 2 - ئايدا، شېڭ شىسەينىڭ تەلىپى بويىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «يېڭى ئەسكەرلەر يىڭى»دىن بىر تۈركۈم كادىرلارنى ئاجرىتىپ، ئاممىنى يول ياساش، يول ئاسراشقا تەشكىللەپ، خەلقئارا قاتناش لىنىيەسىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. 1938 - يىلى 2 - ئايدىن 1941 - يىلى كۈزگىچە، ماۋ زېمىن شىنجاڭ مالىيە نازارىتىنىڭ خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان مەزگىلدە، جۇڭگو - سوۋېت خەلقئارا تىرانسپورت لىنىيەسىگە ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى بارلىق ھۆججەتلەرنىڭ ئالدىغا قويۇپ، قاچان كەلسە شۇ چاغدا بېجىرىشنى، كېچە - كۈندۈز دېمەي بېجىرىشنى تەلەپ قىلدى.

1938 - يىلىدىن كېيىن، خەلقئارا تىرانسپورت لىنىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، كوممۇنىستلار شىنجاڭنىڭ ئىدىيە ساھەسىدە سىجىل ئۆرلەۋاتقان «ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش» «ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى»نىڭ تەشۋىقات قىزغىن دولقۇنىنى قوزغىدى.

«جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىشى ۋە تۈرتكىسىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ئۈزلۈكسىز ئويغىنىپ، تاشقى خورلۇققا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشتەك تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بارلىققا كېلىپ، خەلقئارا قاتناش - تىرانسپورت لىنىيەسىنى قۇرۇپ ۋە ئۇنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن ئۆزگىچە تۆھپە قوشقان» دېدى تۇڭ لۇ.

ئەڭ بىخەتەر «كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە»

8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يەنئەندىن شىنجاڭ ئارقىلىق موسكۋاغا بارىدىغان قىزىل قاتناش لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى «سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ماددىي ئەشيا توشۇلىدىغان ۋە خادىملار بېرىپ - كېلىدىغان يول»نى ساقلاپ قالدى، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونال ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىدىيە، خادىم، ماددىي ئەشيا ھەم ئاخبارات قاتارلىق كۆپ تەرەپتىكى قوللىشىغا ئېرىشتى.

«شىنجاڭدىن يەنئەنگە توشۇلغان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئالدىنقى سېپىگە توشۇلغان ماددىي ئەشيالار ياپون ئارمىيەسىگە قاتتىق زەربە بولغان» دېدى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تارىخ تەتقىقات يۇرتىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى مەي يۈخۇا.

قىزىل قاتناش لىنىيەسى راۋان بولغاچقا، 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونال، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ھەمدە ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر كوممۇنىستىك پارتىيەلىرى رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋېلىش ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىشكە مەسئۇل ئۆتەڭ بېكەت بولۇپ قالدى.

8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئەسلىي ئورنىدىكى كىچىك ھويلىدا تۇرۇپ، بۇ ئوچۇق سېرىق رەڭلىك كىچىك بىنانى كۆرسىتىپ، تۇرسۇن قىزىربېك ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بەزى رەھبەرلىرى ۋە مۇھىم كادىرلىرى، مەسىلەن، جوۋ ئېنلەي، رېن بىشى، ۋاڭ جياشياڭ، سەي چاڭ، دېڭ يىڭچاۋ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەردە ئىزلىرىنى قالدۇرغان.

«قىزىل قاتناش لىنىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى شىنجاڭنى خەلقئارا جۇڭگوغا ياردەم بەرگەن ماددىي ئەشيالارنى توشۇيدىغان مۇھىم يولغا ئايلاندۇرۇپلا قالماي، بەلكى يەنئەن بىلەن موسكۋا ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ بىخەتەر <كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە>گە ئايلاندۇرۇپ، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونالنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرغان، بۇ ئارقىلىق پۈتكۈل جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەن» دېدى مەي يۈ خۇا.

ۋاقىت ئۇچقاندەك ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە، بۈگۈنكى كۈندە، 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئەسلىي ئورنىنىڭ يېنىدا، 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيىنىڭ يېڭى سارىيىدا كۆرگەزمە ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتىدۇ. ئەسلىي ئورنىنىڭ ئەسلىي قىياپىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ بۇرۇنقى كۆرۈنۈشى قايتا نامايان قىلىندى.

ئەسلىي ئورنى بىلەن يېڭى ساراي بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ شىنجاڭدا پۈتكەن تىللاردا داستان بولغۇدەك ھەيۋەتلىك سەھىپىسىنى ئورتاق چۈشەندۈرۈپ بەرمەكتە، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى قان تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، كۈرەش يېڭى مۇساپىسىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە ئىلھاملاندۇرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.