لو بىڭخۇي:
ئىنسانىيەتنىڭ بەختى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش
لو بىڭخۇينىڭ سۈرىتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يۇڭ
يۈننەن ئۆلكىسى جاۋتۇڭ شەھىرى يىلياڭ ناھىيەسىگە جايلاشقان جياڭجۈن لو بىڭخۇي خاتىرە سارىيى ھەر كۈنى نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيەچىنى جەلپ قىلىدۇ.
«جياڭجۈننىڭ شانلىق ئىش ئىزلىرى ھەربىر ئېكسكۇرسىيەچىنى تەسىرلەندۈرىدۇ. يېقىنقى مەزگىلدە، بىز سىچۇەن گۇلىن ناھىيەسىدىكى قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەردە چىشۈي دەرياسىدىن تۆت قېتىم ئۆتكەنلىك مۇزېيى، يۈننەن ۋېيشىن ناھىيەسىدىكى زاشى يىغىنى خاتىرە سارىيى بىلەن بىرلىكتە ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، كىشىلەرنى قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل روھنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردۇق» دېدى جياڭجۈن لو بىڭخۇي خاتىرە سارىيىنىڭ باشلىقى ۋاڭ كېشىڭ تونۇشتۇرۇپ.
لو بىڭخۇي، 1897 - يىلى يۈننەن يىلياڭدا بىر كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1915 - يىلى يۈننەن قوشۇنىغا كىرىپ ئەسكەر بولغان، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلغانلىقتىن ئەسكەرلىكتىن يىڭجاڭلىققا ئۆستۈرۈلگەن، يۈەن شىكەيگە جازا يۈرۈش قىلىپ دۆلەتنى قوغداش ئۇرۇشى ۋە شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. قوشۇندىكى چىرىكلىك ئەھۋالىدىن نارازى بولغانلىقتىن ۋە كونا تۈزۈمگە بولغان ئۆچمەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇ ناھايىتى تېزلا ئىلغار ئىدىيەنى قوبۇل قىلىپ، 1929 - يىلى 7 - ئايدا يوشۇرۇن ھالدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. شۇ يىلى 11 - ئايدا، ئۇ قىسىمنى باشلاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، جۇڭگو ئىشچى - دېھقان قىزىل ئارمىيەسىگە قاتنىشىپ، تۇەنجاڭ، لۈجاڭ، زۇڭدۈيجاڭ، جۈنجاڭ قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
مەركىزىي سوۋېت رايونىدىكى نەچچە قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش»قا قارشى جەڭدە، ئۇ جانلىق، ھەرىكەتچان ئىستراتېگىيە، تاكتىكا قوللىنىپ، قىسىمغا قوماندانلىق قىلىپ لۇڭگاڭ، گۇاڭچاڭ، ليەنتاڭ، خۇاڭپى، ساۋتەيگاڭ قاتارلىق جەڭ - ئۇرۇشلارغا قاتنىشىپ، ئۇدا جەڭ قىلىپ ئۇدا غەلىبە قىلغان. خەتەرلىك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش داۋامىدا، ھەم پاراسەتلىك، ھەم جاسارەتلىك بولۇپ، كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەن، مەركىزىي ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېت تارقاتقان 2 - دەرىجىلىك قىزىل يۇلتۇز مېدالىغا ئېرىشكەن.
5 - قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش»قا قارشى تۇرۇش جېڭى باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ قىزىل 9 - جۈنتۇەننىڭ جۈنتۇەنجاڭى بولۇپ، قىسىمنى باشلاپ گۇاڭچاڭنى قوغداش جېڭىگە قاتناشقان، ھەم شىمالغا يۈرۈش قىلىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئاۋانگارت ئەترەتنىڭ جەڭگە ئاتلىنىپ مىنجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈشىنى مۇھاپىزەت قىلغان. 1934 - يىلى 10 - ئايدا قىسىمنى باشلاپ ئۇزۇن سەپەرگە قاتناشقان، يول بويى كۆپ قېتىم ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىپ، مەركەز ئورگىنى ۋە قىزىل ئارمىيە ئاساسىي كۈچىنىڭ شىمالغا يۈرۈش قىلىشىنى مۇھاپىزەت قىلىپ، قالتىس قوماندانلىق سەنئىتىنى نامايان قىلغان. مەركىزىي ھەربىي كومىتېت قىزىل 9 - جۈنتۇەننى «ئىستراتېگىيەلىك چەۋەنداز قىسىم» دەپ تەرىپلىگەن.
ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلانغان دەسلەپكى مەزگىلدە، لو بىڭخۇي 8 - ئارمىيەنىڭ مۇئاۋىن سەنمۇجاڭى نامى بىلەن 8 - ئارمىيەنىڭ ۋۇخەندىكى ئىش بېجىرىش ئورنىدا بىرلىك سەپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1939 - يىلى يېڭى 4 - ئارمىيە 1 - جىدۈيىنىڭ مۇئاۋىن سىلىڭيۈەنى، 5 - جىدۈيىنىڭ سىلىڭيۈەنى بولۇپ، قىسىمنى باشلاپ شەرقىي ئەنخۇي ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تايانچ بازىسىنى ئاچقان. 1940 - يىلىدىن كېيىن جياڭبېي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى، قوشۇمچە 5 - جىدۈينىڭ سىلىڭيۈەنى، 2 - شىنىڭ شىجاڭى، قوشۇمچە خۇەينەن ھەربىي رايونىنىڭ سىلىڭيۈەنى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، خۇەينەن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تايانچ بازىسىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان.
ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، لو بىڭخۇي يېڭى 4 - ئارمىيەنىڭ 2 - مۇئاۋىن جۈنجاڭى، قوشۇمچە شەندۇڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن سىلىڭيۈەنى بولغان. ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا ئالدىنقى سەپكە بېرىپ ئۇرۇش قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرغان. 1946 - يىلى 6 - ئايدا، لو بىڭخۇينىڭ كېسىلى تۇيۇقسىز يامانلىشىپ بەختكە قارشى ۋاپات بولغان.
لو بىڭخۇي ئۆمۈرلۈك زېھنىي كۈچىنى سەرپ قىلىپ: «ھەقىقىي تۈردە ئۆزۈمنىڭ بارلىق مەنپەئىتىمنى باتۇرلۇق بىلەن قۇربان قىلىپ، ئەڭ سەمىمىي تىرىشچانلىقىم بىلەن مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئەركىنلىكى، ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، بولۇپمۇ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئازادلىقى ۋە مەنپەئىتى ئۈچۈن، ھەقىقەت، ھەققانىيلىق، ئادىللىق بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ بەختى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ھاياتىمدىكى ئەڭ خۇشاللىنارلىق ئىش» دېگەن ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرغان.
جياڭجۈن لو بىڭخۇينىڭ ئوغلى، شاڭخەي ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ھەربىي - سىياسىي داشۆسى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى لو شىنئەننىڭ قەلبىدە، ئاتىسى ئۇ مەڭگۈ ئىزىنى باسىدىغان ۋە ئۆگىنىدىغان ئۈلگە. ئاتىسى قۇربان بولغان ئاشۇ يىلى، ئۇ تېخى ئۈچ ياشقىمۇ كىرمىگەنىدى. يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، لو شىنئەن ئاتىسىنى چۈشىنىشكە ھەم ئۆمۈرلۈك ئىشى قىلىشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتلاندى؛ كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇ ئىزچىل تەرەپ - تەرەپكە بېرىپ ئاتىسىنىڭ جەڭ قىلغان ئىزلىرىنى ئىزدىدى.
جياڭجۈن لو بىڭخۇينىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى يۇرتىدىكى خەلق ئېسىدە چىڭ ساقلىدى، دائىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىرتتىن كەلگەن ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە خالىس چۈشەندۈرگۈچى بولۇپ، جياڭجۈننىڭ ھېكايىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، قەلبىدىكى ھۆرمەت ۋە ئىپتىخارلىقنى ئىپادىلەيدۇ.
5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، يىلياڭ ناھىيەلىك مىللەتلەر ئوتتۇرا مەكتىپى «جياڭجۈن روھىنى شانلىق نۇر چاچقۇزۇپ، قىزىل مۇنبەت تۇپراقتا يېڭى سەھىپە پۈتۈش» باش تېما تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. تولۇق 1 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى نيۇ سىسى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «كىچىكىمدىنلا جياڭجۈننىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى ئاڭلىغانىدىم، ھازىر جياڭجۈننى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندىم. بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىز تەستە قولغا كەلگەن، بىز قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە ۋەتەنگە تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز».
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۇنمىڭ، 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى)