تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

​جەنۇبتىن شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىدا ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بولۇش

پېڭ شۆفېڭ:

​جەنۇبتىن شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىدا ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بولۇش

پېڭ شۆفېڭنىڭ سۈرىتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جەي جو

«بىز چوقۇم جياڭجۈن پېڭ شۆفېڭنىڭ ئىنقىلابىي روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن پارتىيەگە تەلپۈنۈپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، چوڭ بولغاندىن كېيىن ۋەتەنگە ياراملىق ئادەم بولىمىز!» يېقىندا، خېنەن ئۆلكىسى جېنپىڭ ناھىيەسىدىكى پېڭ شۆفېڭ خاتىرە سارىيىدا ئېكسكۇرسىيەگە كەلگەن بىر توپ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى جياڭجۈن پېڭ شۆفېڭنىڭ سۈرىتى ئالدىدا تەنتەنىلىك قەسەم بەردى.

ھايات - ماماتقا قارىماي، جەنۇبتىن شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىدا، ئەقىل - پاراسەت ۋە باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك تۆھپە يارىتىپ، ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بولدى... خاتىرە سارىيىدا تەسىرلىك ھېكايىلەر، قىممەتلىك سۈرەتلەر ئارقىلىق «كوممۇنىستلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسى» جياڭجۈن پېڭ شۆفېڭنىڭ شانلىق ھاياتى خاتىرىلەنگەنىدى.

پېڭ شۆفېڭ، 1907 - يىلى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېنپىڭ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. بۈيۈك ئىنقىلاب مەزگىلىدە، پارتىيەنىڭ تەسىرى ۋە تەربىيەسىدە، ئۇ ماركسىزم - لېنىنىزمنى قوبۇل قىلغان. 1925 - يىلى 6 - ئايدا، پېڭ شۆفېڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا كىرگەن؛ 1926 - يىلى 9 - ئايدا كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزاسىدىن كومپارتىيە ئەزاسىغا ئايلانغان؛ 1930 - يىلى 5 - ئايدا سوۋېت رايونىغا ئەۋەتىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جياڭشى ئۆلكىلىك ھەربىي رايوننىڭ جېڭۋېيسى، قىزىل ئارمىيە داشۆسىنىڭ جېڭۋېيسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

1932 - يىلى 9 - ئاينىڭ باشلىرىدا، قىزىل 3 - جۈنتۇەنىنىڭ شىجاڭى گو بىڭشېڭ ئۆز قارىمىقىدىكى 5 - تۇەننى ئاسىيلىق قىلىپ دۈشمەنگە تەسلىم بولۇشقا قىستىماقچى بولغان. شۇ چاغدا شى جېڭۋېيسى بولغان پېڭ شۆفېڭ ئۆزى بىلەن بىللە كەلگەن قوراللىق خادىملارنى باشلاپ شىمالغا يوشۇرۇن يۈرۈش قىلىپ بەش كۈن قوغلاپ، بارلىق كوماندىر - جەڭچىلەرنى قايتۇرۇپ كېلىپ ئاساسىي كۈچ بىلەن ئۇچراشقان، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئۇنىڭغا «قىزىل يۇلتۇز مېدالى» بەرگەن.

1934 - يىلى، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە 5 - قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش»قا قارشى تۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولغان. پېڭ شۆفېڭ مەركىزىي ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتى 1 - ئىدارىسى(ئۇرۇش قىلىش ئىدارىسى)نىڭ ئىدارە باشلىقلىقىغا يۆتكىلىپ، جۇ دې، جۇ ئېنلەي قاتارلىقلارنىڭ ھەربىي قوماندانلىقىغا ياردەملەشكەن.

مەركىزىي قىزىل ئارمىيە 1 - قېتىم چىشۈي دەرياسىدىن ئۆتكەندە، پېڭ شۆفېڭ مۇھاپىزەت قىسمى ئەۋەتىپ، مەركىزىي زۇڭدۈينىڭ دەريادىن ئۆتۈشىنى مۇھاپىزەت قىلغان؛ 2 - قېتىم چىشۈي دەرياسىدىن ئۆتكەندە، ئۇ قىسقارتىپ تەشكىللەنگەندىن كېيىنكى قىزىل 13 - تۇەننى باشلاپ، قېرىنداش قىسىملار بىلەن بىرلىكتە ئېرلاڭتەندە ھايات - ماماتلىق جەڭ قىلىپ، مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ چىشۈي دەرياسىدىن 2 - قېتىم ئۆتۈشىگە شارائىت يارىتىپ بەرگەن.

لۇشەن ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلغاندا، پېڭ شۆفېڭ قىزىل 13 - تۇەننى باشلاپ ئۇدۇلدىن ئاساسىي ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، قېرىنداش قىسىملار بىلەن بىرلىكتە جەڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ جەڭگىۋارلىقىغا زور ئىلھام بەرگەن. كېيىن، يەنە قىسىمنى باشلاپ زۇنيى تەرەپكە قاراپ شىددەت بىلەن قوغلاپ مېڭىپ، مۇداپىئەدە تۇرۇۋاتقان دۈشمەن ئارمىيەسىنى قېرىنداش قىسىملار بىلەن بىرلىشىپ تولۇق يوقىتىپ، زۇنيىنى قايتا ئىشغال قىلغان. كېيىن، ئۇ پېڭ دېخۇەي قاتارلىقلارنىڭ باشچىلىقىدا لاۋياشەن تېغىنى ئىشغال قىلىپ، زۇنيى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن.

1936 - يىلى 9 - ئايدا، ماۋ زېدۇڭ ئۆزى كۆرسىتىپ پېڭ شۆفېڭنى «پەۋقۇلئاددە ئەلچى»لىككە تەيىنلىگەن، ئۇ گومىنداڭ - كومپارتىيە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «جياڭ جيېشىنى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشقا قىستاپ»، پارتىيەمىز ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك چوڭ مۇھىتتىكى پايدىلىق ۋەزىيەتنى قولغا كەلتۈرگەن. 1936 - يىلى 11 - ئايدا، ئۇ ماۋ زېدۇڭنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى 2 - قېتىم قوبۇل قىلىپ، يەن شىشەن بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا بىرلىشىپ قارشى تۇرۇش سەمىمىي ئارزۇسىنى بىلدۈرگەن.

شىئەن ۋەقەسى پارتلىغاندىن كېيىن، پېڭ شۆفېڭ يەن شىشەنگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە ماۋ زېدۇڭنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى تەشەببۇسىنى يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭ پوزىتسىيە جەھەتتە قارشى تۇرۇشتىن بىتەرەپ تۇرۇشقا، ئاندىن بىتەرەپ تۇرۇشتىن «چوڭ ۋەزىيەتنى بىرلىكتە قوغداش» مەيدانىغا ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىئەن ۋەقەسىنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشى، گومىنداڭ - كومپارتىيە ئىككى پارتىيە ھەمدە باشقا ھەرقايسى كۈچلەرنىڭ بىرلىشىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى قىلىشى ئۈچۈن ئاجايىپ تۆھپە قوشقان.

1937 - يىلى لۇگۇچياۋ ۋەقەسى پارتلىغاندىن كېيىن، پېڭ شۆفېڭ 8 - ئارمىيە باش ئىشتابى سەنمۇچۇسىنىڭ شاۋجياڭ سەنمۇ دەرىجىلىك باشلىقى، قوشۇمچە 8 - ئارمىيەنىڭ سەنشىدە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مۇدىرى بولۇپ تەيىنلىنىپ، 8 - ئارمىيەنىڭ كېيىن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىگە ئاتلىنىشىغا يول ئاچقان.

1938 - يىلى 1 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، پېڭ شۆفېڭ ماۋ زېدۇڭ تاپشۇرغان «غەربىي خېنەن دۈشمەن ئارقا سېپىدە پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرۇش»تىن ئىبارەت يېڭى بۇرچنى يەنە بىر قېتىم زىممىسىگە ئېلىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى پىلانلاشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلانغان. 1939 - يىلى 2 - ئايدا، خېنەن - ئەنخۇي - جياڭسۇ چېگرا رايونى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بويىچە دۈشمەن ئارقا سېپى تايانچ بازىسىنى ئېچىش ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىدە، پېڭ شۆفېڭ قىسىمنى باشلاپ دۈشمەن ئارقا سېپىگە ئىلگىرىلەپ كىرىپ، ئارقا - ئارقىدىن غەلىبە قىلغان.

1944 - يىلى 8 - ئايدا، پېڭ شۆفېڭ مەركەزنىڭ خېنەن دۈشمەن ئارقا سېپىگە يۈرۈش قىلىش يوليورۇقىنى ئىجرا قىلىپ، تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلغان. خېنەن شيايى شەرقىي بالىجۇاڭ كەنتىنى بېسىپ ياتقان دۈشمەن جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن، پېڭ شۆفېڭ جەڭگە ئۆزى قوماندانلىق قىلغان، بەختكە قارشى غايىب ئوق تېگىپ، ۋەتەن ئۈچۈن قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئۇ 37 ياشتا ئىدى.

يولداش پېڭ شۆفېڭنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ھاياتىنى تەقدىم قىلغانلىقىدەك قايغۇلۇق خەۋەر يەنئەنگە يېتىپ كەلگەندە، پۈتكۈل يەنئەن قاتتىق قايغۇغا چۆمگەن.

1984 - يىلى، پېڭ شۆفېڭنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بولغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىدا، جياڭجۈننىڭ يۇرتى − خېنەن ئۆلكىسى جېنپىڭ ناھىيەسىدە پېڭ شۆفېڭ خاتىرە سارىيى سېلىنغان. بۈگۈنكى كۈندە، خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈتۈۋېلىنىدىغان ئېكسكۇرسىيەچى 3500گە يېتىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جېڭجوۋ، 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.