تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 3- قېتىملىق پاكلىق خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

​پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 3 - قېتىملىق پاكلىق خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، گوۋۇيۈەننىڭ 4 - قېتىملىق پاكلىق خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ھۆكۈمەت سىستېمىسىدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇلتۇردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت سىستېمىسى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، قاتتىق بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدا ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھۆكۈمەت سىستېمىسىدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پاك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قانۇن - بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىپ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىجتىمائىي كاپالەت، ياشانغانلار كۈتۈنۈش كاپالىتى قاتارلىق مالىيە، پۇل مۇئامىلە، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ تەستىق تۈرلىرىنى «توردا بېجىرىش» «بىر قېتىمدىلا بېجىرىش»كە تۈرتكە بولۇپ، 12345 ھۆكۈمەت ئىشلىرى قىزىق لىنىيەسىنى بىرلەشتۈرۈش، بىرىكتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، «ئالاقە تورى+نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش»نىڭ خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىكى كۆزنەكلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «يېقىن» «پاك» ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىپ، بازار سۇبيېكتىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادچانلىقىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش كېرەك؛ نۇقتىلىق ساھەلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، يېمەكلىك، دورا، مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمىتى، قاتناش، سەپەر قىلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك ۋە ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي تۈزەپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى «ئۇششاق چىرىكلىك»، قارا، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى «توسالغۇ»نى قەتئىي جازالاش كېرەك؛ ھۆكۈمەتنىڭ «ئىقتىسادچىل تۇرمۇش»ى ئارقىلىق پۇقرالارغا «ياخشى تۇرمۇش» يارىتىپ، تېجەشلىك بولۇشتا خەلقنى كۆزلەشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كۆرەلەيدىغان، ھېس قىلالايدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. بولۇپمۇ تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قىزىل سىزىقى، جان تومۇرىنى قەتئىي ساقلاپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ھەم ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»تىن ئىبارەت جاھىل كېسەلنى ئۇزاققىچە قاتتىق تۈزەپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزەش، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن پېڭ جيارۇي، جارۇللا ھېسامىدىن، جاۋ چۇڭجيۇ، مەڭلىك سىيىت، قادىلبېك قامزا، چېن مىڭگو، سۈن خۇڭمېي، ليۇ سۇشې، ياڭ فاسېن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.