تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چىڭىتىش جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىش

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۈندىلىك ئىشلارغا سىڭدۈردى، دائىم تۇتتى

​ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چىڭىتىش جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىش

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى باشلانغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۈندىلىك ئىشلارغا سىڭدۈردى، دائىم تۇتتى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى توردا ۋە تور سىرتىدا ئۆگىنىش، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، ئۆگىنىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى داۋامىدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چىڭىتىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

پارتىيە تارىخى كۆچمە دەرسى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ تولۇق قاپلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى

«سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك، بىز پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەگە مەڭگۈ ئەگىشىپ ماڭىمىز!» 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ سادىقيۈزى يېزىسى ئۈستۈنكى سادىقيۈزى كەنتىدىكى تەشۋىقاتچى چېن گۈيخۇا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە ئامما ئوقۇشلۇقىنى ئېلىپ كەنت ئاھالىسى ما شياۋلەننىڭ ئۆيىگە كەلدى، كۆپچىلىك ھويلىدا چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ پارتىيە تارىخىنى بىرلىكتە ئۆگەندى.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى سەييارە مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىشنى يەتكۈزۈش ئارقىلىق، 1752 «كۆچمە كىتاب ئوقۇش كۇرسى» تەشكىللەپ، سىنلىق لېكسىيە سۆزلەش، كىگىز ئۆي دەرسخانىسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، 485 مەيدان قېتىم سەييارە مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىشنى قانات يايدۇردى، قاتناشقان پارتىيە ئەزالىرى، ئامما 124 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

«پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز، بەختلىك تۇرمۇشىمىز كۆز ئالدىمىزدا. ئىلگىرى ئولتۇرغان سامان لايلىق ئۆيلەر بۈگۈنكى كۈندە قىزىل خىش تاملىق ئۆيلەرگە ئۆزگەردى...» 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ چۇرگۇل بازىرى شىگۇ كەنتىدىكى مېھرىبان ئانىلار پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى ھەربىر دېھقان - چارۋىچى ئائىلىسىگە يەتكۈزدى.

يېڭى تاراتقۇلار تارقىتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى جانلاندى

5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئالتاي شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىگەن «رىياسەتچى سىزنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشكە يېتەكلەيدۇ» سەھىپىسى تارقىتىلدى.

ئالتاي ۋىلايىتى يېڭى تاراتقۇ سۇپىسىنىڭ تارقىتىش ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، پارتىيە تارىخى ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ پۇختا قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. «ھەر كۈنى بىر قېتىم ئۆگىنىش، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم تەسىرات يېزىش، ھەر ئايدا بىر قېتىم سىناق ئىمتىھانى بېرىش، ھەر پەسىلدە بىر قېتىم باھالاش»تىن ئىبارەت پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، يېڭى تاراتقۇ سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ «ئاڭلاشنى خالايدىغان، كۆرەلەيدىغان، ئۆگىنىشنى سۆيىدىغان» تارقىتىش سىستېمىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، «گېزىت ئوقۇش ۋاقتى» «پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تارىخىنى ھەر كۈنى ئوقۇش» قاتارلىق نادىر رادىيو سەھىپىلىرىنى يولغا قويدى؛ نۆل ئارىلىق ۋىيشىن سۇپىسىدا «پارتىيە تارىخىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش» مەخسۇس سەھىپىسى قاتارلىقلارنى ئاچتى.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى كىتاب يەتكۈزۈش، گېزىت يەتكۈزۈش، ئۆگىنىشنى يەتكۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى مۇۋاپىق پەيتتە قانات يايدۇرۇپ، «مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە زېھىن سىناش مۇسابىقىسى، «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» «ئانار بۇلۇت» قاتارلىق سۇپىلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، كۆچمە پارتىيە ئەزالىرى، ئامما پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەركەزلىك ئۆگىنىشى قولايسىز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ تولۇق قاپلىشىغا، بىرمۇ ئادەمنىڭ چۈشۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

پارتىيە تارىخى ھەر كۈنى ئوقۇلۇپ، ئۆگىنىش ئاكتىپلىقى قوزغىتىلدى

5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى قارادۆۋە بازىرى بوستان كەنتىدە، كەنت كادىرى رىزۋانگۈل ھەمدۇل ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا ئولتۇرۇپ، يان تېلېفونىنى ئېلىپ ئۈنلۈك دېكلاماتسىيە قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر كۈنى «ئۆزىگە ئىشىنىدىغان جۇڭگولۇقلار» ۋىيشىن دېكلاماتسىيە توپى ئارقىلىق پارتىيە تارىخىنى دېكلاماتسىيە قىلىش بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ مەنىلىك ئىش ئىدى. قارادۆۋە بازىرىدىكى ھەرقايسى كەنتلەر «ئۆزىگە ئىشىنىدىغان جۇڭگولۇقلار» ۋىيشىن دېكلاماتسىيە توپى ئارقىلىق، پارتىيە تارىخىنى كۈندە ئوقۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

نۆۋەتتە، قومۇل شەھىرى كۆپ خىل شەكىلدىكى كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئېچىپ، ئەتىگەنلىك دېكلاماتسىيە، كېچىلىك كىتاب ئوقۇش كۇرسى، دېھقان - چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپى، ياش - ئۆسمۈرلەر دېكلاماتسىيە قىلىش - ئۆگىنىشتە بەسلىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پارتىيە تارىخى، قىزىل كىلاسسىك ئەسەرلەر، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆگىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.

سانجى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى «ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆگىنىش - ئىمتىھان بېرىش» بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «سانجى ئوبلاستى پارتىيەلىك كادىرلار ئۆگىنىش - ئىمتىھان بېرىش سۇپىسى» كىچىك پىروگراممىسى بەرپا قىلىپ، ئىمتىھان ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، توردا ئۆگىنىشنى نازارەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى ئۈنۈملۈك قوزغىدى.

(مۇخبىر شيا چىڭ، ئىلى مۇخبىرلار پونكىتىدىن شى شۆخۇڭ، ئالتاي مۇخبىرلار پونكىتىدىن خۇ جۈنشيۇ، قومۇل مۇخبىرلار پونكىتىدىن ئەن يەن، كوۋ جۈنفېڭ، سانجى مۇخبىرلار پونكىتىدىن ياڭ خەيجۈن قاتناشتى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.