تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

​پۈتۈن جەمئىيەتتە پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى تەشۋىقات - تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلىدۇ

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقاتتى​

پۈتۈن جەمئىيەتتە پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى تەشۋىقات - تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «پۈتۈن جەمئىيەتتە پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى تەشۋىقات - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە «تۆت تارىخ» تەشۋىقات - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى چۆرىدەپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى تەشۋىقات - تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈش، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈش، قەلبلەرگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەت ۋە مىللەت ئۈچۈن قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىسىنى چوڭقۇر تونۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشتىن - ئاخىر ئېغىشماي خەلقنى كۆزلەشتەك ئەسلىي مەقسىتى، ئاساسىي مەقسىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ شەكىللەندۈرگەن مۇھىم، زور نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى ئۆگىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەش داۋامىدا تاۋلاپ چىققان ئۇلۇغ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشقا يېتەكلەش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، بۇ مۇھىم ئىدىيەنىڭ نەزەرىيە لوگىكىسى، تارىخ لوگىكىسى، ئەمەلىيەت لوگىكىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، بۇ مۇھىم ئىدىيەنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى، بولۇپمۇ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ۋاقتىدا يېتىشىپ ئۆگىنىش، ئالدى - كەينىنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتكە باغلاپ ئۆگىنىش كېرەك. «تۆت تارىخ» تەشۋىقات - تەربىيەسىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، مەزمۇن جەھەتتە يۇغۇرۇپ تۇتاشتۇرۇش، لوگىكا جەھەتتە ھەممە ھالقىلارنى بىر - بىرىگە ئۇلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كەڭ خەلق ئاممىسى، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن قابىل ئىكەنلىكى، ماركسىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن يارايدىغانلىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكى قاتارلىق ئاساسىي داۋلىلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى چۈشىنىش ۋە ئىگىلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، پارتىيە نەزەرىيەسىنى چۈشىنىش ۋە تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تۈرلۈك تەشۋىقات - تەربىيە پائالىيەتلىرىنى ياخشى تەشكىللەش كېرەك. بىرىنچى، كىتاب ئوقۇپ تارىخنى ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. «كىتابتا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن 100 يىللىق ئۇلۇغ ئىشلار» ياخشى كىتابلارنى ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، «قىزىل نادىر ئەسەرلەر . 100 يىلغا سوۋغا تەقدىم قىلىش» كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈش، «ساپانى كۈچەيتىش . ئۈلگە بولۇش» كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى تەشكىللەش، پارتىيە قۇرۇلۇشىغا ئائىت ھۆججەت، ماتېرىياللارنى مەخسۇس تېمىلىق ئوقۇش - ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، ئاساسىي قاتلام لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى تەشكىللەش كېرەك. پۇقرالار لېكسىيە سۆزلەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ سەييارە لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇپ، كىچىك ھېكايىلەر ئارقىلىق چوڭ داۋلىلارنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش كېرەك. ۋەزىيەت دوكلاتى يىغىنى، «تۆت تارىخ» بويىچە مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈپ، رەھبىرىي كادىرلارنى باشلامچىلىق بىلەن دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئۆگىنىش - ھېس قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. قىزىل مەدەنىيەتنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر قېزىپ، بىر تۈركۈم نادىر كۆرگەزمىلەر، قىزىل ساياھەت نادىر لىنىيەلىرى، ئۆگىنىش - ھېس قىلىش لىنىيەلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەپ، يولغا قويۇش كېرەك. تەنتەنىلىك ۋە تەربىيەۋى ئەھمىيىتى بولغان مۇراسىم، پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش، مەدەنىيەت، پەن - تېخنىكا، سەھىيەدە «ئۈچنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈش» قاتارلىق جەمئىيەت ئەمەلىيىتى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنى قاتارلىق مۇھىم خاتىرە كۈنلەر ھەم باشقا ئەنئەنىۋى بايراملارغا بىرلەشتۈرۈپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاش - سۈپۈرۈش، گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش، تەزىيەنامە ئوقۇش، تەۋەررۈك بۇيۇملارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش كېرەك. «ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ تۇغقانلىرىنى ئىزدەش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «قەلبىمدىكى بايراق» قاتارلىق قىزىل چۈشەندۈرگۈچىلەر مۇسابىقىلىرىنى تەشكىللەپ، قەھرىمانلىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. بەشىنچى، ئىلغارلار، نەمۇنىچىلاردىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. «ئۈچ 100 مەشھۇر شەخس»نى مەركەزلىك تەشۋىق قىلىپ، ئېلان قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت تۆھپە شەرىپىگە ئېرىشكۈچىلەر، دەۋر نەمۇنىچىلىرى قاتارلىق ئىلغارلار، نەمۇنىچىلاردىن ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار، ئالدىنقى سەپكە ياردەم بەرگەن پېشقەدەم نەمۇنىچىلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر زىيارەت قىلىپ، ئۇلاردىن ھال سوراپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. ئالتىنچى، قىزىل ئائىلە ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. مەدەنىي ئائىلە، بەشتە ياخشى ئائىلە، ئەڭ گۈزەل ئائىلىلەرنىڭ ئۈلگىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سەييارە لېكسىيە سۆزلەش، باش تېما كۆرگەزمىسى، كۈەيشەن، ئائىلە ھېكايىلىرى توپلىمى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئائىلە ئىستىلى ھېكايىلىرىنى سۆزلەش كېرەك. يەتتىنچى، ئومۇمىي خەلق دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. «دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىش . ئارمىيە - خەلق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش» سەييارە لېكسىيە سۆزلەشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش، ھەربىي گازارمىلارنى ئېچىۋېتىش پائالىيىتىنى تەشكىللەش، ئالىي مەكتەپ ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەربىي مەشىقىنى ياخشى تۇتۇش، دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيە بازىسىغا تايىنىپ قىزىل تەتقىقات، ئۆگىنىش ئېلىپ بېرىپ، ئومۇمىي خەلق دۆلەت مۇداپىئەسى قارىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. سەككىزىنچى، ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش كېرەك. گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسى، مۇنەۋۋەر كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى كۆرسىتىش، مۇنەۋۋەر تور ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش، زېھىن سىناش مۇسابىقىسى، نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئىجادىي يولغا قويۇپ، «پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئامما ناخشا ئېيتىش، مەيدان ئۇسسۇلى ئويۇنى قويۇش، «كەنت كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، توغرا تارىخ قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنىڭ ئاساسىي تېمىسى، ئاساسىي لىنىيەسى، ئاساسىي ئېقىمى، ماھىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، بايرىقى روشەن ھالدا تارىخىي ئىنكارچىلىققا قارشى تۇرۇشى كېرەك. ياشلار، ئۆسمۈرلەر توپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەر توپىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئادىتىنى ئىگىلەپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە ياخشى تەشكىللەپ، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، قىزىل گېنغا، ئىنقىلاب مەشئىلىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلدۇرۇش كېرەك. پائالىيەت ۋاسىتىلىرىنى بېيىتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، نادىر كۆرگەزمىلەرنى كۈچەپ بارلىققا كەلتۈرۈپ، پائالىيەت مەزمۇنى ۋە ۋاسىتىسىنى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەپ، تەربىيەنىڭ تەسىرلەندۈرۈش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. تور سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يۇغۇرما تاراتقۇنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئاممىغا يېقىن، ئاسان تارقىلىدىغان، ئامما ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان، ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان تور مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىشلەپ كۆرسىتىش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «تۆت تارىخ» تەشۋىقات - تەربىيەسىنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى، «مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» ئاممىۋى خاراكتېرلىك باش تېما تەشۋىقات - تەربىيەسى پائالىيىتى قاتارلىقلار بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆزئارا بىر - بىرىنى تولۇقلاش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەمدە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپىنىڭ روھىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك. بىخەتەرلىك بويىچە باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تەشۋىقات - تەربىيە داۋامىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.