تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​«بىرىنچى چاسا سەپ»نىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇر بولۇشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

​«بىرىنچى چاسا سەپ»نىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇر بولۇشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى ۋە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، تەجرىبە، ئۇسۇللار ئالماشتۇرۇلدى، بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىن ئىبارەت «بىرىنچى چاسا سەپ»نىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۇتقۇنى تۇتۇپ، روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇر بولۇشى، پۇختا بولۇشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش كېرەك. «ئۆگىنىش» جەھەتتە قاتتىق، ئەمەلىي بولۇپ، شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، مەركەزلىك ئۆگىنىش قاتارلىقلاردا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش؛ «ئۆزلەشتۈرۈش» جەھەتتە يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۈرەش قىلىش يېڭى مۇساپىسىدىكى نەزەرىيە ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش؛ ئۇسۇل جەھەتتە پائال يېڭىلىق يارىتىپ، قىزىل بايلىق قاتارلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، قىزىل روھنى ئەۋج ئالدۇرۇش، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاساسنى پۇختىلاپ، ئەمەلىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئىشنى ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەردىن باشلاپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئىز قوغلاپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلاردا دىققەتنى مەركىزىي خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش، چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ئەمەلىي ئىستىل بىلەن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى قاتارلىق ئالتە ئورۇندىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.