تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​700 مىڭغا يېقىن كەنت ئاھالىسى پايچىكقا ئايلاندى

سانجى ئوبلاستى يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى باشلامچىلىق بىلەن تاماملىدى

​700 مىڭغا يېقىن كەنت ئاھالىسى پايچىكقا ئايلاندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن خەۋەر قىلىدۇ: « <قىزىل دەپتەر>ىمىز بار بولغاچقا، يىلدا پايدا تەقسىماتىغا ئېرىشەلەيمىز. بۇ بىرنەچچە يىلدا، ئائىلىمىز پايدا تەقسىماتىغا تايىنىپلا ھەر يىلى 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى» دېدى 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سانجى شەھىرى جۇڭسەن يولى كوچىسى شاۋچۈزى 1 - كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ليۇ شىنخۇا كەنت پاي ئىگىلىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پاي ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ، خۇشال ھالدا مۇخبىرغا.

ليۇ شىنخۇانىڭ قارىشىچە، ئىسلاھات كەنت ئاھالىلىرىنى ھەقىقىي تۈردە كەنت كوللېكتىپىنىڭ ئىگىسىگە ئايلاندۇرغان، يەنە ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرگەن.

«نۆۋەتتە، سانجى ئوبلاستى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى باشلامچىلىق بىلەن تاماملىدى، پۈتۈن ئوبلاست بويىچە 700 مىڭغا يېقىن كەنت ئاھالىسى يېزا پاي ئىگىلىكى ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ پايچىكىغا ئايلاندى.» سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى لۇ جىرۇڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: 2016 - يىلى، سانجى ئوبلاستى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان تۆت كەنتنىڭ يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، «مۈلۈك قىممىتىنى ئاشۇرۇش تىپى، مۈلۈك پايدىسىنى تەقسىم قىلىش تىپى، مۈلۈك كېڭەيتىش تىپى»دىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئىسلاھات ئەندىزىسىنى ئىزدىنىپ شەكىللەندۈردى. 2017 - يىلى، سانجى شەھىرى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ناھىيە، شەھەرلەردە نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، پۈتۈن شىنجاڭ، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ناھىيە، شەھەرلەردە ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشنى ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى. 2019 - يىلىدىن باشلاپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى بىردىنبىر ئىسلاھاتنى سىناق قىلىش نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سانجى ئوبلاستى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئوبلاست(ۋىلايەت، شەھەر) بويىچە ئالغا سىلجىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. نۆۋەتتە، بۇ تۈردىكى ئىسلاھات خىزمىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

سانجى ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، سانجى ئوبلاستى كەنت كوللېكتىپ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسىدىن جەمئىي 7 مىليارد 676 مىليون يۈەننى ئېنىقلىغان بولۇپ، پۈتۈن ئوبلاستتىكى 463 مەمۇرىي كەنتنىڭ ھەممىسى كەنت پاي ئىگىلىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرغان، بېكىتىلگەن ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئەزاسى 692 مىڭ 800 كىشى بولغان.

2016 - يىلى، شياۋچۈزى 1 - كەنتى ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان كەنت قىلىپ بېكىتىلدى. كەنتتە پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە تۇنجى پاي ئىگىلىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلدى، پۈتۈن كەنتتىكى 165 ئائىلىدىكى 407 كەنت ئاھالىسى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پايچىكىگە ئايلاندى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت پاي ئىگىلىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى ياڭ بىڭرۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: كەنتتە ئىجارىگە بېرىلىدىغان سودا ئىشخانا بىناسى ۋە دۇكان سېلىش، ئىگىلىك تىكلەش بازىسى قۇرۇش، يېمەكلىك كەسىپلەر باغچىسى تىجارىتى قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، كەنت كوللېكتىپ مۈلكى «قار پومى» شەكلىدە ئېشىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە تەقسىم قىلىنىدىغان پايدا يىلدىن - يىلغا كۆپەيدى. 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرى، بۇ كەنتتىكى پاي ئىگىلىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مۈلكى 100 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 20 مىڭ يۈەنگە يەتتى، ئائىلە بېشىغا تەقسىم قىلىنغان پايدا 10 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى.

«ئىسلاھات بايلىقنى مۈلۈككە، مەبلەغنى پايغا، دېھقانلارنى پايچىككە ئايلاندۇردى، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايدى، بۇ يەنە كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچلۈك ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى» دېدى ياڭ بىڭرۇڭ.

لۇ جىرۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، سانجى ئوبلاستىدىكى يېزا پاي ئىگىلىكى ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرى جەمئىي تەقسىم قىلغان پايدا 40 مىليون يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى. سانجى ئوبلاستىدا يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئىجادىي ھالدا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتىش بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا سىلجىتىلىپ، «ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن» سىستېمىلىق توپلاشقان ئىسلاھاتنى شەكىللەندۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. بۇلتۇر يىل ئاخىرى، سانجى ئوبلاستىنىڭ «ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن» سىستېمىلىق توپلاشقان ئىسلاھاتى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ «جۇڭگو ئىسلاھاتىدىكى(2020) يىللىق ئون چوڭ مىسال» قاتارىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.