تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

​پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك

5 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر غۇلجا شەھىرى قارادۆڭ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار سانائەت باغچىسىغا كېلىپ، كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىمەكتە. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قورغاس شەھىرى، غۇلجا شەھىرىدە نانچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئېلېكتىرون دېتال - زاپچاسلىرى، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كارخانا مەسئۇللىرى، ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمى قاتارلىق ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىشىنى، تىرىشىپ سەرخىللىشىشى، زورىيىشىنى قوللاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى، كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

چىڭسىخوزا 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك كەسىپلەر باغچە رايونىدا، چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر كەسىپ يىرىك پىلانى، كارخانا يېتىشتۈرۈش، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ مۇنداق تەكىتلىدى: سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى قىلىپ، تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش قۇتۇبىنى پائال بەرپا قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر غۇلجا شەھىرى ئازات يولى كوچا باشقارمىسى ئالتە شۇئار مەھەللىسىگە بېرىپ، خەلققە قولاي مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇش، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، خەلقنى كۆزلەش، خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلقنى خاتىرجەم قىلىش فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەھەللە تەشكىلاتىنى ياخشى قۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. مەھەللە ئاھالىسى ئابدۇكېرىم ھەسەن ۋە پەرھات ئابدۇكېرىمنىڭ ئۆيىدە چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر كۆپچىلىك بىلەن بىللە چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى، ئۇلارنىڭ خىزمەت، ئوقۇش، كىرىم قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى كۆڭۈل بۆلۈپ سورىدى، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

ئىلى دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا ياپيېشىل دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان بولۇپ، شۇ جايدىكى ئاھالىلەر ئارام ئېلىپ كۆڭۈل ئاچىدىغان ياخشى جاي ئىدى. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى ئېكولوگىيە رايونىغا كېلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، مۇنداق كۆرسەتتى: دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىلىدىغان سۇنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قوغداش، تۈزەش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغدىن ياخشى بولغان ئېكولوگىيە، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت ئۈنۈمى ھاسىل قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر غۇلجا شەھىرى چېڭدۇ جەنۇبىي يولى مەسچىتىگە كېلىپ، دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيىتى ۋە دىنىي ئېھتىياجىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. دىن ساھەسىدىكى كەڭ زاتلار ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇشقا، توغرا يولدا مېڭىشقا يېتەكلىشى كېرەك.

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر يەنە ئىلى لىن زېشۈ خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تارىخ ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.

چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىلىنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىپ كىرىش ئورنىنى توغرا تېپىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى موتور قىلىپ، «ئىككى قورغاس، ئىككى غۇلجا»نى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىساد، پورت ئىقتىسادى، ساياھەت ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خاس ئەۋزەل كەسىپلەر ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنى زورايتىپ، زامانىۋى چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ، ياخشىلاپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. دىننىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇمنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، يېشىل تەرەققىي قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك؛ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، چيۇ شۇخۇا قاتارلىقلار بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.