تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خەلقچىل ھېسسىياتتا چىڭ تۇرۇش  دەۋر زەپەر مارشىنى ياڭرىتىش

  قاغىلىق ناھىيەسى ئاقتاش نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش رايونى (2020 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت). كۆچۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى، ئاقتاش تەۋەلىك رايونىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى كىچىك كەنتتە تۇراتتى، ئىچىدىغان سۇنى ئەكېلەتتى، تۇرمۇشتا تەبىئەتكە تايىناتتى. «بىر يەرنىڭ سۇ، تۇپرىقى شۇ يەردىكى كىشىلەرنى باقالماسلىق» مەسىلىسىنى ئۈزۈل ـ كېسىل ھەل قىلىش ئۈچۈن، قاغىلىق ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ناھىيەلىك ھۆكۈمەت شەھەر رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاقتاش نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويدى.

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

   پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ جامباز يېزىسى يۇقىرى گال كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سۈزۈك، تاتلىق تۇرۇبا سۈيى بىلەن چاي دەملەپ قوشنىلىرىنى كۈتمەكتە (2020-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ شەھەر- يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك سۇ يەتكۈزۈلۈشىگە ئەگىشىپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى 15 مىڭ 300 نامرات نوپۇس «خاتىرجەم سۇ» ئىچەلەيدىغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدىكى بارلىق نامرات نوپۇس قىرتاق، تۇزلۇق سۇ بىلەن ئۈزۈل-كېسىل خوشلاشتى، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

      ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى

    كۇچا شەھەرلىك ياڭمىڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 4 ـ يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى شارنى تۇتقىنىچە خۇشال ـ خۇرام يۈگۈرمەكتە (2019 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى تارتىلغان سۈرەت). يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست مەجبۇرىيەت مائارىپى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئوقۇيدىغان مەكتىپى بولۇشىغا، ئوقۇيالايدىغان بولۇشىغا، ئوقۇشتىن توختاپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلدى ۋە ئۇنىڭدا غەلىبە قىلدى.
يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى
    گۇما ناھىيەسىنىڭ مۇكۇيلا يېزىسىدىكى ۋەنخې يېڭى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى يېڭى ئۆيگە كۆچۈش بىلەن ئالدىراش بولماقتا (2018- يىلى 10- ئاينىڭ 27- كۈنى تارتىلغان سۈرەت). ئۆتكەن بەش يىلدا، شىنجاڭ يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدىن 1 مىليون 169 مىڭ 800 ئائىلىلىك، شەھەر ـ بازارلاردا كاپالەتلىك تۇرالغۇدىن 1 مىليون 293 مىڭ 600 يۈرۈش سالدى، شەھەر ـ بازارلاردىكى كەپىلىك رايونلاردا 1 مىليون 122 مىڭ يۈرۈش ئۆينى ئۆزگەرتتى، 10 مىليونغا يېقىن ئامما خۇشال ھالدا يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى
    ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر يەكەن ناھىيەسى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا نان ياقماقتا (2020 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى تارتىلغان سۈرەت). يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ خاس نان كەسپى پۈتۈن شىنجاڭدا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تېز تەرەققىي قىلدى. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، ھەر مىللەت ئامما بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ نان مەھسۇلاتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، ناننى شۇ جاينىڭ كۈندىلىك يېمەكلىكىدىن دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكە ۋە چەت ئەل بازارلىرىدا سېتىلىدىغان بازارلىق مەھسۇلاتقا ئايلاندۇردى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

    خوتەن لوجيەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق پەن ـ تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچى ـ خىزمەتچىلىرى لوپ ناھىيەسىنىڭ سامپۇل بازىرى بوستانكۆل كەنتىدىكى ئۇزۇن يۇڭلۇق توشقان باقمىچىلىق بازىسىدا ئۇزۇن يۇڭلۇق توشقاننىڭ چوڭىيىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە (2020 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى تارتىلغان سۈرەت). يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خاس چارۋىچىلىق-باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇردى، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش، سىناق قىلىش ئارقىلىق توشقان كەسپى تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، بىر تۈرلۈك خەلقنى بېيىتىش كەسپىگە ئايلاندى، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاھالە توشقان بېقىشقا تايىنىپ بېيىش يولىغا ماڭدى.

      مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى

    شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 ـ دوختۇرخانىنىڭ كۆكرەك تاشقى كېسەللىكلىرى دوختۇرى زۇڭ لياڭ (ئوتتۇرىدا) يەكەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا ئاغرىقنى ئوپېراتسىيە قىلماقتا. (2020 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى تارتىلغان سۈرەت). يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى زىچ چۆرىدەپ، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، داۋالىنىش كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېغىر كېسەللەرنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامرات نوپۇسنىڭ ساغلاملىقىنى باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇش، ئاغرىپ قالغانلارنى داۋالايدىغان ئادەم بولۇش، كېسەل داۋالاتسا ئاتچوت قىلغىلى بولۇش، ئېغىر كېسەل بولسا قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش بار بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

      ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

    تېرىقچىلىق ئاھالىلىرى خوتەن شەھىرىنىڭ ئىلچى ئۇنىۋېرسال يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا قىزىلگۈللەرنى دەرىجىگە ئايرىماقتا (2020-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). خوتەن ۋىلايىتىنىڭ  قىزىلگۈل كەسپى دەرىجىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، يېتىشتۈرۈش، ئۆستۈرۈش، ئۈزۈشتىن سېتىۋېلىش، پىششىقلاش، ئىشلەپچىقىرىشقىچە بولغان مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى ھەم شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىگە تۈرتكە بولدى.

      ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

    2019 ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ قىزىل بازىرى ئارا مەھەللە كەنتىدىكى نامراتلارنى يۆلەش زەمبۇرۇغ بازىسىدا قارا مورنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرمەكتە. شۇ كۈنى، ئونسۇ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى سېتىۋېلىش سودىگەرلىرىنى تېرىقچىلىق بازىسىغا كېلىشكە تەشكىللەپ، نەق مەيداندا تېرىقچىلىق ئاھالىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سېتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

      يەن شۇۋلىن فوتوسى

    كوپىراتىپ ئەزالىرى قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ دافېڭ بازىرى شۇۋوزى كەنتىدىكى يۇڭخۇڭ لازا دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ لازا تېرىش بازىسىدا ئەمدىلا ئۈزۈلگەن لازىلارنى توشۇماقتا (2020-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى «شىركەت + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى.
تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

    خىزمەتچى خادىم قورغاس ناھىيەسى ئۈستىقۇددۇس مۇزېيىنىڭ مەھسۇلاتلار كۆرگەزمە رايونىغا ئۈستىقۇددۇس مەھسۇلاتلىرىنى تىزماقتا (2020-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). بۇ ناھىيە «ھەمكارلىق كوپىراتىپى + كارخانا + دېھقان ئائىلىسى + ئېلېكتىرونلۇق سودا» مەشغۇلات ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، 1000دىن ئارتۇق دېھقاننىڭ ئۈستىقۇددۇس كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

      ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ جېن فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.