زو چۈەن:
ئىسسىق قېنى بىلەن تەيخاڭشەننى قوغدىغان مىللەت قەھرىمانى
زو چۈەننىڭ سۈرىتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى \ ليۇ فاڭجوۋ
خۇنەن ئۆلكىسى لىلىڭ شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا، جياڭجۈن زو چۈەننىڭ خاتىرە مۇنارى ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، ئالاھىدە ھەيۋەتلىك، تىمتاس ئىدى، جياڭجۈن زو چۈەننى ياد ئېتىپ كەلگەن جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى.
1905 - يىلى، زو چۈەن خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ لىلىڭ ناھىيەسى(بۈگۈنكى لىلىڭ شەھىرى)دىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1924 - يىلى خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنىڭ 1 - قارارىدا ئوقۇغان، 1925 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، كېيىن خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنىڭ تەلىم - تەربىيە تۇەنىدە پەيجاڭ، ليەنجاڭ بولغان، چېن جيوڭمىڭغا جازا يۈرۈشى قىلىنغان ئىككى قېتىملىق شەرققە يۈرۈش قىلىشقا قاتناشقان. 1925 - يىلى 12 - ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا بېرىپ، ئاۋۋال موسكۋا جۇڭسەن داشۆسىدە ئوقۇغان، كېيىن فىرۇنزې ھەربىي شۆيۈەنىگە كىرىپ بىلىم ئاشۇرغان، 1930 - يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مەركىزىي سوۋېت رايونىغا بېرىپ خىزمەت قىلغان.
1934 - يىلى 10 - ئايدا، زو چۈەن ئۇزۇن سەپەرگە قاتنىشىپ، دادۇخې دەرياسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈش، لازىكوۋغا ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق جەڭلەرگە قوماندانلىق قىلىشقا قاتناشقان. 1936 - يىلى، زو چۈەن قىزىل 1 - جۈنتۇەنىنىڭ مۇۋەققەت جۈنتۇەنجاڭى بولۇپ، قوشۇننى باشلاپ غەربكە يۈرۈش قىلغان ھەم شەنچېڭباۋ ئۇرۇشىغا قاتناشقان، قوماندانلىق قىلغان.
ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ئۇ 8 - ئارمىيەنىڭ مۇئاۋىن سەنموۋجاڭى، 8 - ئارمىيە ئالدىنقى سەپ باش ئىشتابىنىڭ سەنموۋجاڭى بولغان، كېيىن قوشۇمچە 8 - ئارمىيە 2 - زۇڭدۈيىنىڭ سىلىڭيۈەنى بولۇپ، جۇ دې، پېڭ دېخۇەيگە ياردەملىشىپ 8 - ئارمىيەنىڭ شىمالىي جۇڭگو ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئالدىنقى سېپىنى ئېچىشقا قوماندانلىق قىلىپ، ياپون ئارمىيەسى، قورچاق ئارمىيەنىڭ «تازىلاش»ىنى تارمار قىلىپ، 100 تۇەن ئۇرۇشى، خۇاڭيادۇڭنى قوغداش ئۇرۇشى قاتارلىق ئۇرۇشلارنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۈشمەن ئارقا سېپىنى ساراسىمىگە سالغان.
1937 - يىلى 8 - ئايدا زو چۈەن جۇ دې، پېڭ دېخۇەيگە ئەگىشىپ قوشۇننى باشلاپ شەرقتە خۇاڭخې دەرياسىدىن ئۆتۈپ، شىمالىي جۇڭگوغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تايانچ بازىسىنى ئاچقان. كېيىنكى بىرقانچە يىلدا، ئىزچىل 8 - ئارمىيە ئالدىنقى سەپ باش ئىشتابىنىڭ سەنموۋجاڭى بولغان.
زو چۈەننىڭ مۇھاپىزەتچىسى بولغان چېن لىسەي زو چۈەننىڭ ئالدىراش ھەم جىددىي بولغان جەڭ ھاياتىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇ ھەر كۈنى 16 سائەتتىن ئارتۇق خىزمەت قىلاتتى... بەزىدە، بىز ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ ئۇنىڭغا بىر ئىستاكان قايناقسۇ قۇيۇپ بەرسەكمۇ تۇيماي قالاتتى. بىز دائىم ئۇنىڭ كېچىچە ئۇخلىماي چارچاپ ئىككى كۆزىنىڭ قىپقىزىل قىزىرىپ كەتكىنىنى كۆرەتتۇق».
1939 - يىلى ئەتىيازدىن باشلاپ، قىسىمنىڭ ھەربىي - سىياسىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، زو چۈەن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم 8 - ئارمىيە باش ئىشتابىنىڭ ئارمىيەنى تەرتىپكە سېلىشىغا ياردەملەشكەن. ئۇ يەنە باش ئىشتاب كۆزىتىش ئۆمىكى تەشكىللەپ جەنۇبىي خېبېي، خېبېي، شەندۇڭ، خېنەن قاتارلىق تايانچ بازىلارغا بېرىپ، قىسىمنىڭ قىسقا مۇددەتلىك مەركەزلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، تەجرىبىلەرنى تارقىتىشى ۋە ئالماشتۇرۇشى، كادىرلارنى تەربىيەلىشىگە ياردەم بەرگەن. زو چۈەن «ھەربىي ئىشلارنى كۆزلەپلا قالماي، يەنە ئاشلىقنىمۇ كۆزلىگەن.» 1940 - يىلى قىشتا، 8 - ئارمىيە تۇنجى قېتىم ئارقا سەپ خىزمىتى يىغىنى ئاچقان، يىغىندا زو چۈەن «ئارمىيەمىزنىڭ ئارقا سەپ قۇرۇلۇشى توغرىسىدا» دېگەن تېمىدا دوكلات بەرگەن. ئۇ ئۆز قولى بىلەن سەنشىنىڭ لىچېڭ ناھىيەسىدە خۇاڭيادۇڭ مىلتىق - زەمبىرەك زاۋۇتى قۇرغان، بۇ تەيخاڭشەن تېغى رايونىدىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي قورال - ياراغ زاۋۇتى بولۇپ، «تەيخاڭدا ياسالغان» مىلتىقنى ئىشلەپچىقىرىپلا قالماي، يەنە زەمبىرەك ئوقى ۋە گىرانات ئاتقۇچ ئىشلەپچىقارغان. جۇ دې ئۇنى «چوڭ ئىشلاردا تەمتىرىمەيدۇ، كىچىك ئىشلارغا سەل قارىمايدۇ» دەپ تەرىپلىگەن.
ئالدىراش خىزمەتتىن سىرت، زو چۈەن ھەربىي ئىشلار ئوقۇشلۇقلىرىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان، جۇڭگو - ياپونىيە ئۇرۇشىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلغان. ئۇ ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن ھەربىر ئۇرۇشتىن تەجرىبە خۇلاسىسى يېزىپ چىقىپ، «شىمالىي جۇڭگودا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا» «پىستىرما قۇرۇش تاكتىكىسى» «ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسى» «ئۇرۇش تاكتىكىسى مەسىلىسى» «ھەربىي ئىشلار ئىدىيەسىنىڭ پىرىنسىپى توغرىسىدا» قاتارلىق 40 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە يازغان، بۇلار قىسىمنىڭ مەشىق قىلىش ئوقۇشلۇقى قىلىنغان. زو چۈەن شىمالىي جۇڭگو ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تايانچ بازىسى قۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى خەلق قوراللىق كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زورايتىپ، 8 - ئارمىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.
1942 - يىلى 5 - ئايدا، ياپون ئارمىيەسى تەيخاڭشەن تېغى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تايانچ بازىسىغا قارىتا كەڭ كۆلەمدە «تازىلاش» ئېلىپ بارغان. 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، زو چۈەن سەنشى لياۋشيەن ناھىيەسىنىڭ ماتيەن ئەتراپىدا قىسىمغا قوماندانلىق قىلىپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىمالىي بىيۇروسى ۋە 8 - ئارمىيە باش ئىشتابى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ يۆتكىلىشىنى ھىمايە قىلىۋاتقاندا، بەختكە قارشى قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئۇ ئاران 37 ياشتا ئىدى.
زو چۈەن 8 - ئارمىيەنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش جەڭ مەيدانىدا قۇربان بولغان ئەڭ ئالىي قوماندانى بولۇپ، يەنئەن ۋە تەيخاڭشەن تايانچ بازىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. جوۋ ئېنلەي ئۇنى «پارتىيەنىڭ ئۈلگىسى بولۇشقا تامامەن مۇناسىپ» دەپ تەرىپلىگەن، جۇ دې ئۇنى «جۇڭگونىڭ ھەربىي ئىشلار ساھەسىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان تالانت ئىگىسى» دەپ ماختىغان. زو چۈەننى خاتىرىلەش ئۈچۈن، سەنشى - خېبېي - شەندۇڭ - خېنەن چېگرا رايون ھۆكۈمىتى ئۇ قۇربان بولغان لياۋشيەن ناھىيەسىنىڭ ئىسمىنى زوچۈەن ناھىيەسى دەپ ئۆزگەرتىشنى قارار قىلغان.
قەھرىمان مەڭگۈ ياد ئېتىلىدۇ، شانلىق روھى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ. زوچۈەن بازىرى، زوچۈەن يولى، زوچۈەن قىزىل ئارمىيە باشلانغۇچ مەكتىپى... جياڭجۈن زو چۈەننىڭ يۇرتى لىلىڭدا، كىشىلەر تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق زو چۈەنگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەتلىك سېغىنىشىنى مۇجەسسەملەپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرماقتا.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭشا، 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى)