تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

كۈرەش ئوتى ۋە جەسۇرلۇق ئىچىدە مەڭگۈ ياشاش

يې تىڭ:

كۈرەش ئوتى ۋە جەسۇرلۇق ئىچىدە مەڭگۈ ياشاش

يې تىڭنىڭ سۈرىتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى \ دىڭ لې

«مەن كۈرەش ئوتى ۋە جەسۇرلۇق ئىچىدە مەڭگۈ ياشاشنى ئۈمىد قىلىمەن» «جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن بارلىقىمنى بېغىشلايمەن»... بۇ يىل 4 - ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ، جياڭجۈن يې تىڭ خاتىرە باغچىسىدا تۇنجى قېتىم يې تىڭنىڭ 12 پارچە سالام خېتى، قول يازمىسى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىنىپ، بارلىق ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى تەسىرلەندۈردى.

يې تىڭ مۇستەقىل تۇەنىنىڭ قوماندانى ساۋ يۈەننىڭ نەۋرىسى ساۋ خەيچاۋ كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ سالام خەتلەردىن ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتى ۋە ئۇلۇغ روھىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم؛ يې تىڭ مۇستەقىل تۇەنىنىڭ پولات قوشۇن روھى ئارمىيە قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىدى، شۇنداقلا بۈگۈنكى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە جەمئىيەت قۇرۇلۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان روھ.

يې تىڭ خاتىرە سارىيى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى خۇيجوۋ شەھىرى خۇيياڭ رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، رەقەملىك كۆرگەزمە قىلىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئەمدىلا تاماملىغانىدى، كۆرگەزمە زالىغا ھەرىكەتچان سۈرەت - سىن، ئۈچ ئۆلچەملىك سانلىق مەلۇمات توپلاش ۋە كۆرسىتىش، رادار ئىندۇكسىيەسى، ھەمتۈرتكىلىك تەگكۈزۈپ كونترول قىلىش، نۇر سايە تەسۋىر ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىش قاتارلىق كۆپ خىل تېخنىكىلار يۇغۇرۇلۇپ، «ئەمەلىي ماددىي بۇيۇم بولمىغان، كۆرۈنۈشلەشتۈرۈلگەن، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىدىغان» ئېكسكۇرسىيە ئەندىزىسى يارىتىلىپ، كىشىلەرنى يې تىڭنىڭ قاينام - تاشقىنلىققا تولغان، پولاتتەك قەيسەر ھاياتىنى نەق مەيدانغا بارغاندەك ئەسلەپ ئۆتۈشكە يېتەكلىدى.

يې تىڭنىڭ ئەسلىي ئىسمى يې ۋېيشۈن، 1896 - يىلى گۇاڭدۇڭ خۇيجوۋدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىدىكى ئۇستازى چېن جىڭرۇ ئۇنىڭ ئىسمىنى «ئادەم ئالدىغا قاراپ مېڭىشى، يوپۇرماق ئۈستىگە قاراپ ئۆسۈشى كېرەك» دېگەن مەنىدە «يې تىڭ»غا ئۆزگەرتكەن، بۇ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، جۇڭخۇانى قۇتقۇزۇشتا ئۈمىد بار، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

يې تىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ گۇاڭدۇڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە باشلانغۇچ مەكتىپى، خۇبېي قۇرۇقلۇق ئارمىيە 2 - تەييارلىق مەكتىپى ۋە خېبېي باۋدىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفىتسېرلار مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1917 - يىلى ئۇ «يېڭى ياشلار» ژۇرنىلىدا ئۇزۇن ماقالە ئېلان قىلىپ، «بۇزۇلغان جاھاننى تۈزەپ، زەئىپلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش» ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن.

1924 - يىلى، يې تىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا بارغان، شۇ يىلى 10 - ئايدا جۇڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا كىرگەن، 12 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. 1925 - يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يې تىڭ خەلق ئىنقىلابىي ئارمىيەسى 4 - جۈن سەنموۋچۇنىڭ چۇجاڭى بولغان، كېيىن مۇستەقىل تۇەننىڭ تۇەنجاڭلىقىغا تەيىنلىنىپ، شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۇ مۇستەقىل تۇەننى باشلاپ يۇشيەنگە كىرگەن، لىلىڭغا ھۇجۇم قىلغان، پىڭجياڭ ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغان، تىڭسىنى تارتىۋالغان، شيەننىڭنى ئالغان، خې شېڭنى ئىگىلىگەن، ۋۇچاڭنى ئىشغال قىلىپ، ھەممە ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان، ھۇجۇم قىلغانلىكى يەرنى ئالغان، «پولات قوشۇن»نىڭ ھەيۋىسى شۇنىڭدىن كېيىن يىراقلارغا تارقالغان، «شىمالغا يۈرۈش قىلىشتىكى داڭلىق جياڭجۈن» دېگەن نامى جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە تارقالغان.

ئىنقىلابنىڭ ھايات - ماماتلىق پەيتىدە، 1927 - يىلى 8 - ئايدا نەنچاڭ قوزغىلىڭىنىڭ بۇرغىسى چېلىنىپ، يې تىڭ دۈشمەنگە قارشى ئالدىنقى سەپنىڭ باش قوماندانى بولغان؛ شۇ يىلى 12 - ئايدا گۇاڭجوۋ قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى زۇڭسىلىڭى بولغان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ چەت ئەللەرگە بېرىپ تۇرغان.

1937 - يىلى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلىدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھايات - ماماتلىق پەيتكە دۇچ كەلگەندە، پارتىيەنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، يې تىڭ يېڭى 4 - ئارمىيەنى ئۆزى تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، يەنە «پولات قوشۇن»نىڭ ھەيۋىسىنى قايتا نامايان قىلغان. 1940 - يىلى، يې تىڭ قىسىمنى باشلاپ تازىلاشقا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا مۇھىم، زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر ساھە تەرىپىدىن «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دۆلەت زېمىنىنى قوغدىغۇچى قوماندان» دەپ ئاتالغان.

1941 - يىلى جەنۇبىي ئەنخۇي ۋەقەسى جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنى زىلزىلىگە سالغان، يې تىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مەزگىلىدە قانۇنسىز تۇتۇپ قېلىنىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جياڭشى شاڭراۋ، گۇاڭشى گۇيلىن قاتارلىق جايلارغا قامالغان. يې تىڭ قامالغان بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، گومىنداڭنىڭ تەھدىت سېلىشى ۋە ئازدۇرۇشىدىن قورقماي، خەت يېزىپ «پەزىلىتىمنى ئۆلسەممۇ ئۆزگەرتمەيمەن» دەپ بىلدۈرگەن ھەمدە «مەھبۇسلار ناخشىسى»نى يېزىپ ئىرادىسىنى بىلدۈرۈپ، « كۈرەش ئوتى ۋە جەسۇرلۇق ئىچىدە مەڭگۈ ياشاش» توغرىسىدا قەسەم قىلغان.

1946 - يىلى 3 - ئايدا يې تىڭ ئاخىر قويۇپ بېرىلگەن. تۈرمىدىن چىقىپ ئەتىسىلا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا تېلېگرامما يوللاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە قايتا كىرىشنى ئۈمىد قىلغان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جاۋاب تېلېگرامما يوللاپ، يې تىڭ ساداقەتمەنلىك بىلەن جۇڭگونىڭ مىللىي ئازادلىقى ۋە خەلقنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن 20 يىلدىن ئارتۇق كۈرەش قىلدى، تۈرلۈك ئېغىر سىناقلارنى باشتىن كەچۈردى دەپ ماختاپ، يې تىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە يېڭىباشتىن كىرىشىنى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلغان. 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، يې تىڭ ئايروپىلان ھادىسىسى سەۋەبىدىن سەنشىنىڭ شىڭشيەن ناھىيەسىدىكى خېيچاشەندە قازا قىلغان، جەسىتى يەنئەندىكى «8 - ئاپرېل» ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.

جياڭجۈن يې تىڭ خاتىرە باغچىسى ئىچىدە، ئاتنى قامچىلاپ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان پولاتتەك قەيسەر جياڭجۈننىڭ ھەيۋەتلىك ھەيكىلى قەد كۆتۈرۈپ، ۋەتەننىڭ گۈزەل تاغ - دەريالىرىنى قوغداپ تۇرماقتا؛ جاراڭلىق ھەم كۈچلۈك پارتىيەگە كىرىش قەسىمى، چوڭقۇر ھېسسىيات يۇغۇرۇلغان سالام خەت دېكلاماتسىيەسى، جۇشقۇنلۇققا تولغان ياشلىق ناخشىسى دائىم مۇشۇ يەردە ياڭرايدۇ.

يې تىڭ خاتىرە سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى چېن تىڭ مۇنداق دېدى: بىز تېخىمۇ كۆپ كۆرۈنۈشلۈك تەربىيە ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كۆرگۈچىلەرگە «پولات قوشۇن روھى»نى تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلدۇرىمىز ۋە ئۆگىتىمىز، ئۇلارنىڭ غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتىمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇاڭجوۋ، 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.