تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چارۋىچىلار مەھەللە ئاھالىسىگە ئايلاندى، تۇرمۇشى يېڭى كەيپىياتقا تولدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك

5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئەتىگەندىلا، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى ئۇزۇنبۇلاق يېزا مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى جاقسىبېك كەنىمقان توكسىكلىتىنى مىنىپ مەھەللىنىڭ شەرقىدىكى ئىلى خۇايۈەنلى ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە ئىشقا كەلدى، بۇ يەر بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئارىلىقى بىر كىلومېتىرمۇ كەلمەيتتى.

«تاغدىن كۆچۈپ چۈشكەندىن كېيىن، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى. ھازىر مەن ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، باغ - ئورمان باشقۇرۇش - پەرۋىش قىلىشقا مەسئۇل بولدۇم، ھەر ئايدا 4000 يۈەن كىرىم قىلىمەن، بۇنى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم» دېدى جاقسىبېك.

ئۇزۇنبۇلاق يېزا مەھەللىسى 2014 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەتراپتىكى بەش - ئالتە يېزا - بازاردىكى 600دىن ئارتۇق باشقا جايدىن كۆچۈرۈلگەن ئاھالە توپلاشقانىدى. ئىلگىرى تاغدا تۇرىدىغان بۇ چارۋىچىلار بۇرۇن كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن 50 - 60 كىلومېتىر يول مېڭىپ ناھىيە بازىرىغا باراتتى، بالىلىرى مەكتەپكە بارغاندا تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە تۇرۇشقا توغرا كېلەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلار زامانىۋى مەھەللىدە تۇرىدىغان بولدى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلىدىمۇ زور ئۆزگىرىشلەر بولدى.

شۇ كۈنى، خالىجان دىمۇ ئەسۋابلىرىنى ئېلىپ پىيادە ئىش ئورنىغا ئىشلىگىلى باردى. «چۈشتە ئۆيگە قايتىپ خوتۇنۇمغا ياردەملىشىپ، ئائىلىمىزنىڭ دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ تىجارىتىنى يۈرۈشتۈرىمەن.» خالىجان كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ھازىر، ئەر - خوتۇن ئىككىمىزنىڭ كىرىمىنى قوشقاندا، بىر يىلدا 70 - 80 مىڭ يۈەن تاپالايمىز».

ئىلگىرى چارۋا باقىدىغان خالىجان ھازىر كەپشەرلىگۈچى، ئاشپەزلىك، قۇرۇلۇش ئۇستىسى، B2 ھەيدەش كىنىشكىسى قاتارلىق ماھارەت كىنىشكىلىرىنى ئىمتىھان بېرىپ ئالدى، بۇ ماھارەتلەرنىڭ ھەممىسىنى مەھەللە ئۇيۇشتۇرغان دېھقان - چارۋىچىلار كەسپىي ماھارەت تەربىيەلەش كۇرسىدا ئۆگەنگەن.

ئۇزۇنبۇلاق يېزا مەھەللىسىدە، ئىلگىرى سۇ، ئوت - چۆپ قوغلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بۇ چارۋىچىلار ئەمىن ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، بەزىلىرى ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇردى، بەزىلىرى دۇكان ئىجارە ئېلىپ يېمەك - ئىچمەك تىجارىتى قىلدى، بەزىلىرى تېخنىكا ئۆگىنىپ خىش قوپۇرۇپ ئۆي سالدى، بەزىلىرى كارخانىلارغا كىرىپ ئىشچى بولدى، ھەممىسى ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتى. 2020 - يىلى، مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 17 مىڭ 735 يۈەنگە يەتتى.

2019 - يىلىدىن باشلاپ، ئۇزۇنبۇلاق يېزا مەھەللىسى پۈتۈن ناھىيە بويىچە شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يېقىن قازاق مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيەت كەنتى بەرپا قىلىپ، ئاباسىتاۋ ساياھەت شىركىتىنى قۇرۇپ، 19 ئائىلىلىك ئاھالىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقا يېتەكلەپ، «كارخانا+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+ دېھقان ئائىلىسى» شەكلى ئارقىلىق ئاھالىلەرنى يېزا - كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قاتناشتۇردى.

«چۈشتە 20 ئادەم تاماق يېگىلى كېلىدۇ، مەن بالدۇرراق تەييارلىق قىلىشىم كېرەك.» خالىجاننىڭ ھويلىسىدا، ئۇنىڭ ئايالى جامىلا قامزا كۆكتات يۇيۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى. بۇ ھويلا - ئاران مەھەللىدىكى چولپان ھويلا بولۇپ، ھويلىنىڭ ئالدىدا ھەر خىل گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغانىدى، ھويلىدىكى يېشىل ئۈزۈم بارىڭى، ئىلەڭگۈچ ۋە بىر ئاق كىگىز ئۆي ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە ئىدى، ئەمدىلا تىكىلگەن ئەرمۇدون، خۇڭيې خەيتاڭ كۆچەتلىرى ساغلام ئۆسمەكتە ئىدى.

«بۇ يىل مەھەللىگە يەنە يېڭى يېشىللىق قوشۇلدى، بىز بىرلىكتە 10 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق كۆچەت تىكتۇق، ئىلگىرىكى 60 نەچچە مىڭ تۈپ كۆچەتنى قوشقاندا، ھازىر مەھەللىمىز يېشىللىققا پۈركەندى» دېدى جامىلا.

مەھەللىنى سەيلە قىلغاندا، تۈپتۈز ئاسفالت يوللار، قايناق كەچلىك بازار، ئىجادىيەتكە تولغان بەخت مەيدانى ۋە ھەممە ئائىلىلەرنىڭ مۇۋاپىق پىلانلانغان ھويلا - ئارانلىرى مۇخبىردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

«مەھەللە مەسىلىلەرنى كۆپچىلىك مۇزاكىرە قىلىش، ئىش بولسا كۆپچىلىك قىلىش، پايدىسى بولسا كۆپچىلىك تەڭ بەھرىمەن بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتەك ياخشى كەيپىياتنى ياراتتى.» مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ گۇاڭيى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئالدىنقى بىر مەزگىلدە مەھەللىدە كۆچەت تىكىلگەندە، ئاھالە دۈشەنئەلى كانالخان كۆچەتنى ئاپتوموبىلدىن چۈشۈرۈشتىن باشلاپ ئالدىراش بولۇپ كەتسە، ھەر كۈنى كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئىشلەپ ھەمىشە ئۆيىگە ئەڭ ئاخىرىدا قايتىپ، كۆپچىلىكنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

«ئىلگىرى تارقاق ئولتۇراتتۇق، كەنتتىكى نۇرغۇن ئىشلارغا قاتنىشالمايتتۇق. ھازىر كۆپچىلىك بىللە تۇرىمىز، پىكىر ئالماشتۇرۇشىمىز قولايلىق، تۇرمۇش شارائىتىمىزمۇ ناھايىتى ياخشى، بىز يۇرت - ماكانىمىزنى تېخىمۇ چىرايلىق ياسايمىز» دېدى دۈشەنئەلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.