تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​«يول ئىقتىسادى»دىن «ماكانلاشقان ئىقتىساد»قا يۈرۈش قىلىش

ئالاتاۋ:​

«يول ئىقتىسادى»دىن «ماكانلاشقان ئىقتىساد»قا يۈرۈش قىلىش

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ياۋېن خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گۈدۈك ئاۋازى بىلەن تەڭ، كىيىم - كېچەك، ئاياغ، باش كىيىم، تۇرمۇش ئۆي جاھازلىرى، كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار قاتارلىق يۈكلەر لىققىدە قاچىلانغان 49 كونتېينېرلىق مەخسۇس پويىز ئاستا - ئاستا ئالاتاۋ پورتىدىن يولغا چىقتى. 13 كۈندىن كېيىن، بۇ ماللار پولشانىڭ مالاشېۋىچقا يەتكۈزۈلىدۇ.

«ماللار ئالاتاۋغا توپلانغاندىن كېيىن، ئاندىن مەخسۇس پويىز ئارقىلىق ياۋروپاغا توشۇلىدۇ. دېڭىزدا توشۇشتا كېتىدىغان 39 كۈنگە سېلىشتۇرغاندا، مەخسۇس پويىزدا مال توشۇش ۋاقتى تېخىمۇ قىسقا بولىدۇ؛ خىراجەت جەھەتتىن قارىغاندا، مەخسۇس پويىزنىڭ توشۇش ھەققى ھاۋادا توشۇش خىراجىتىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىغا توغرا كېلىدۇ» دېدى ئالاتاۋ خەلقئارالىق كۈەيتيې چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ مىڭجۇ.

2020 - يىلى، تۆمۈريول خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرىنى ئالماشتۇرۇش پونكىتى سالاھىيىتىگە ئىگە ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا تايىنىپ، ئالاتاۋ شەھىرى مەبلەغ سېلىپ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەركىزىنى قۇردى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەكشۈرۈپ ئايرىش لىنىيەسىدىن ئىككىنى ھەمدە 5000 كىۋادرات مېتىرلىق ئامباردا ساقلاش ئىشخانا رايونىنى قۇرۇپ چىقتى.

ئالاتاۋ تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2020 - يىلى 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئالاتاۋ پورتى تۇنجى قېتىم چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنى يولغا قويۇپ بۇ يىل 5 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر، ئېكسپورت قىلىنىدىغان چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پوسۇلكىسىدىن جەمئىي 56 مىليون 64 مىڭ 500نى نازارەت قىلغان - باشقۇرغان بولۇپ، مال قىممىتى 155 مىليون دوللار بولغان.

تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش شارائىتىنىڭ قولايلىق بولۇشى ۋە تۈرلۈك يانداش ئىسلاھاتلارنىڭ سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشىنىڭ جەلپ قىلىشى بىلەن، بىر تۈركۈم خەلقئارالىق داڭلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرى بەس - بەستە ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونغا ماكانلاشتى، 506 مىڭ 700 ئېلېكتىرونلۇق سودا شېركىتى ئالاتاۋ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىغا ماكانلىشىپ، ئالاتاۋ پورتىنىڭ «يول ئىقتىسادى»دىن «ماكانلاشقان ئىقتىساد»قا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى.

«بىز تەرەققىيات پۇرسىتىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى <قوش ئۆستۈرۈش>نى ئالغا سىلجىتىپ، <ماكانلاشقان ئىقتىساد>نىڭ تەرەققىيات سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىمىز.» ئالاتاۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى پى لۈپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پورت تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە يانداش مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى، نۆۋەتتە تۆمۈريول پورت رايونى، تاشيول پورت رايونى، چېگرا ئاھالىسى چېگرا بازىرى رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون قاتارلىق توققۇز چوڭ فۇنكسىيەلىك رايون شەكىللىنىپ، تەسىر كۆرسىتىدىغان رايونى تېخىمۇ كەڭ، توپلىنىش ئېففېكتى تېخىمۇ كۈچلۈك، مۇلازىمەت ئىقتىدارى تېخىمۇ ئەلا، يۈرۈشۈش ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىندى.

بۈگۈنكى كۈندە، ئالاتاۋ پورتىغا ماكانلاشقان تاشقى سودا كارخانىسى 600گە يېقىنلىشىپ، ئىمپورت ئاشلىقنى پىششىقلاش، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاش، ئېكسپورت جابدۇقلىرىنى ياساش، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىياللار ۋە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق كەسىپلەر توپىنى شەكىللەندۈردى.

ئالاتاۋ پورتىدا ئەشيا ئوبوروتى كەسپى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا 16 يىل بولغان ۋاڭ ۋېي پورتتا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش سۈرئىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقانلىقىغا گۇۋاھ بولدى، ۋاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى تاموژنىغا مەلۇم قىلىشتا نەق مەيدانغا بېرىپ بېجىرىشكە توغرا كېلەتتى، ھازىر چېگرادىن كىرىپ مال يۆتكەش - توشۇش رەسمىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك توردا بېجىرگىلى بولىدۇ، پەقەت يېرىم سائەت ئەتراپىدىلا ۋاقىت كېتىدۇ».

ئالاتاۋ پورتى تاموژنىسىنىڭ مۇئاۋىن تاموژنا باشلىقى يەن گاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، پورتتا «چوڭ ئۆتەڭ» ماسلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مېخانىزمى ئورنىتىلدى، ئالاتاۋ تاموژنىسى، تۆمۈريول ۋە ۋاكالەتچى كارخانىلار ھەر كۈنىدىكى باش قوشۇش يىغىنى، ھەر ئايدىكى تاموژنا - تۆمۈريول بىرلەشمە يىغىنى قاتارلىق مېخانىزملار ئارقىلىق، پورتتىكى تاموژنىدىن مال ئۆتكۈزۈش مەسىلىلىرىنى ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈردى. پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە «ئىككى قەدەم بويىچە ئىلتىماس قىلىش»نى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالدىن باشلاپ، «رەقەملىك پورت» سىستېمىسىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا تەكشۈرۈپ دەلىللەشنى ئالغا سىلجىتىپ، پورت بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئورۇنلىرى بىرلىكتە «بىرلىشىپ تەكشۈرۈش، بىر قېتىمدىلا قويۇپ بېرىش»نى يولغا قويۇپ، «بىرلەشتۈرۈش شەكلى»دىكى مەشغۇلات، «بىر بېكەت شەكلى»دىكى مۇلازىمەتنى يولغا قويدى، «بىر كۆزنەك»تىكى ئاساسىي كەسىپنى ئەمەلىي قوللىنىش بويىچە قاپلاش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزدى، چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان - چىقىرىلىدىغان مالنى «كەلگەن ھامان مەلۇم قىلىش، مەلۇم قىلغان ھامان تەكشۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.