− ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا □ شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
بارلىق ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەممىسى داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىشنىڭ نەتىجىسى، بارلىق ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش داۋامىدا ئالغا سىلجىتىشقا موھتاج. ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا يۆتكەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئورتاق بېيىش نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا جاسارەت بىلەن يېڭى سەھىپە پۈتۈش كېرەك.
نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك، بۇ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك يۆتكىلىشى. بىز جەزمەن شۇنى چوڭقۇر تونۇشىمىز كېرەككى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ۋەزىپە، جەزمەن تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىشى، دېھقانلارنىڭ باي - باياشات بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.
غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش قىيىن ئەمەس، غەلىبىنى ساقلاپ قېلىش قىيىن. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنىڭ چوڭقۇرلۇق، كەڭلىك، قىيىنلىق دەرىجىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن قېلىشمايدۇ، بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، قانۇنىيەتنى ئىگىلەشكە ماھىر بولۇپ، توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى كۈچەپ مۇستەھكەملەپ، «تۆتنى توختاتماسلىق»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىكنىڭ تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلىشىمىز كېرەك؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى كۆپ خىل يول ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ ئارقىلىق ئادەمنى خاتىرجەم قىلىش، كەسىپ ئارقىلىق كىرىمنى كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك؛ يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زورايتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلاردىكى كەسىپلەرنى ئۇزاققىچە داۋاملاشما يېتىلدۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، زامانىۋى يېزا - كەنت كەسىپ سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىشىمىز كېرەك؛ يېزا - كەنتلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشكە كۈچەپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، تولۇق كاپالەتلىك، ئۇل خاراكتېرلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىپ، يېزىلاردىكى ئاممىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشىمىز كېرەك؛ يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىسلاھاتىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا بايلىق مۇھىم ئامىللىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېزا تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى سىجىل ئاشۇرۇشىمىز كېرك؛ شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكى بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، شەھەرلەر بىلەن يېزىلار بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، ماس تەرەققىي قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان يېڭىچە سانائەت - يېزا ئىگىلىكى، شەھەر - يېزا مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك؛ گۈزەل، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان يېزا - كەنتلەرنى كۈچەپ قۇرۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت تەمىناتىنى ئاشۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك؛ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ كۈچەيتىپ، كونا ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىي يېزا ئىستىلى، ياخشى ئائىلە ئىستىلى، ئاددىي - ساددا خەلق ئىستىلىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك؛ يېزا - كەنتلەرنى ياخشى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى يېزا - كەنت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يېزا - كەنت ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېزىلارنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى ساقلىشىمىز كېرەك.
بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر خەلقنىڭ كۈرەش قىلىشىدىن كەلگەن؛ بارچە گۈزەللىك خەلقنىڭ يارىتىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. بىز خەلققە مەھكەم تايانساقلا، ھەرقانداق قىيىنچىلىق، جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىپ كېلەلەيمىز، ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايمىز. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەيلى!