تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

دۆلەت ئۈچۈن ئۆيدىن كېچىپ مەھكەم ئىرادە باغلاش

جاۋ يىمەن:

دۆلەت ئۈچۈن ئۆيدىن كېچىپ مەھكەم ئىرادە باغلاش

جاۋ يىمەننىڭ ئوغلى بىلەن چۈشكەن سۈرىتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ياڭ سەنجۈن، كاڭ جىنچيەن

باش ياز مەزگىلىدە، سىچۇەننىڭ يىبىڭ شەھىرى سۈيپىڭشەن تېغى ياپيېشىل قارىغاي - ئارچىلار بىلەن يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى. تاغ قاپتىلىغا جايلاشقان جاۋ يىمەن خاتىرە سارىيى مەيدانىدا، بۇ ئايال قەھرىماننىڭ ھەيكىلى قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قەتئىيلىك چىقىپ تۇرىدىغان بولۇپ، قىياپىتى مەردانە ئىدى.

«دۆلەت ئۈچۈن كېچىپ ئۆيدىن مەھكەم ئىرادە باغلىدىم، ھەر دېڭىز - دەريا كېچىپ ئايلىنىپ يۇرتلار ئارا. ئەر بولسىلا ئەزىمەت دەپ ھېسابلانماس ھېچقاچان، قېلىشمايمەن ئەرلەردىن گەرچە ئايال بولساممۇ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن جاننى پىدا ئەيلىدىم، رازىمەن جۇڭخۇانى ئىسسىق قېنىمدا سۇغىرىشقا. شەرقىي شىمالدا يوقىتىپ تاجاۋۇزچى دۈشمەننى، تەلپۈنىمىز ئوتقاشتەك شۇ قىپقىزىل بايراققا».

جاۋ يىمەن ئەينى يىلى يازغان «بىڭجياڭنى سېغىنىش» دېگەن شېئىرىدا ئىنتايىن قىزغىن ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ۋە قورقماس قەھرىمانلىق جاسارىتىنى نامايان قىلغان.

80 نەچچە يىل ئىلگىرى، بۇ ئايال قەھرىمان شەرقىي شىمالدىكى چەكسىز ئورمانلىق، قارلىق دالىدا ياپون قاراقچىلىرىغا قەھرىمانلىق، باتۇرلۇق بىلەن زەربە بەرگەن، دۈشمەنلەر ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىسا قورقۇپ ئەس - ھوشىنى يوقىتىدىغان بولۇپ قالغان.

جاۋ يىمەن، ئەسلىي ئىسمى لى كۇنتەي، 1905 - يىلى 10 - ئايدا سىچۇەننىڭ يىبىڭدا تۇغۇلغان. 4 - ماي ھەرىكىتى پارتلىغاندىن كېيىن، ئۇ چوڭ يېزنىسى − كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى جېڭ يوۋجىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە يېتەكلىشى بىلەن، ئىلغار كىتاب - ژۇرناللارنى ئوقۇپ، يېڭى مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى قوبۇل قىلغان.

ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە جاۋ يىمەن ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تەسىر قىلىش كۈچى ۋە چاقىرىق قىلىش كۈچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار داھىيسىغا ئايلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەپ، تۈرلۈك ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنى پائال قانات يايدۇرغان. 1926 - يىلى يازدا، جاۋ يىمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. شۇ يىلى كۈزدە، ئۇ ۋۇخەن مەركىزىي ھەربىي سىياسىي مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇغان. ئىككىنچى يىلى يې تىڭ قوماندانلىقىدىكى شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيەسىنىڭ ئەكسىيەتچىل مىلىتارىستلارغا جازا يۈرۈش قىلىش جېڭىگە قاتناشقان.

1927 - يىلى 9 - ئايدا، جاۋ يىمەن سوۋېت ئىتتىپاقى موسكۋا جۇڭشەن داشۆسىگە بېرىپ ئوقۇپ، كوممۇنىزم ئىشلىرىغا بولغان ئېتىقادىنى تېخىمۇ چىڭىتقان. 1928 - يىلى، دۆلەت ئىچىدىكى ئىنقىلاب ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئۇ تەشكىلنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ ئىنقىلابىي كۈرەش بىلەن شۇغۇللىنىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان.

«سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، جاۋ يىمەن ئۆمۈرلۈك ھەمراھى چېن داباڭ بىلەن تونۇشقان. ۋەتەنگە قايتىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان چاغدا، ئۇ ھامىلىدار ئىدى.» جاۋ يىمەن خاتىرە سارىيىنىڭ باشلىقى چېن خۇەيجۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: كۈچلۈك بولغان ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش روھى بىلەن جاۋ يىمەن قەتئىي ھالدا ۋەتەنگە قايتىشنى تاللىغان، يىچاڭ، نەنچاڭ ۋە شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا پارتىيە خىزمىتىنى مەخپىي قانات يايدۇرغان.

1931 - يىلى 18 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، جاۋ يىمەن شەرقىي شىمال رايونىغا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىشقا ئەۋەتىلگەن. يولغا چىقىش ئالدىدا، ئۇ سۈرەتخانىغا بېرىپ گۆدەك «نىڭئېر»نى قۇچاقلاپ تۇرۇپ، ئوغلى بىلەن بىللە چۈشكەن بىردىنبىر سۈرىتىنى قالدۇرغان.

شەرقىي شىمالدا، جاۋ يىمەن ئالدى بىلەن شېنياڭ، خاربىندا ئاممىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا مەخپىي قارشى تۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان، كېيىن جۇخې قاتارلىق جايلاردا دېھقانلارنى يېتەكلەپ قوراللىق كۈرەشنى قانات يايدۇرغان. ئۇ قەلەمگىمۇ، ئەلەمگىمۇ ماھىر بولۇپ، ناھايىتى زېرەك ئىدى، ئىلگىرى ياپونىيە قورچاق ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنى چۆچۈتكەن خاربىن تىرامۋاي ئىشچىلىرىنىڭ چوڭ ئىش تاشلىشىغا قاتنىشىپ ۋە رەھبەرلىك قىلىپ، شەرقىي شىمال خەلقىنىڭ «قورچاق مانجۇرىيە»گە قارشى تۇرۇش، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش قىزغىنلىقىغا ئىنتايىن زور ئىلھام بەرگەن.

1935 - يىلى كۈزدە، جاۋ يىمەن شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە ئارمىيەسى 3 - جۈنى 1 - شىسى 2 - تۇەنىنىڭ جېڭۋېيسى بولغان. بىر قېتىملىق ياپونىيە قورچاق ئارمىيەسى بىلەن بولغان جەڭدە، ئۇ قىسىمنىڭ مۇھاسىرىدىن بۆسۈپ چىقىشىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن، ئېغىر يارىلىنىپ، بەختكە قارشى ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان.

ياپونىيە ئارمىيەسى جاۋ يىمەننى دەھشەتلىك قىيىن - قىستاققا ئالغان، پولات يىڭنىنى يارا ئېغىزىغا سانجىپ، قىپقىزىل داغمالنى بەدىنىگە يېقىپ، ئۇنى ئىقرار قىلىشقا قىستىغان. ئۇ ئۆلسىمۇ تىز پۈكمەي، ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق جىنايىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئۇنىڭ ئاغزاكى ئىقرارىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ياپونىيە ئارمىيەسى ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ كۆزىتىپ داۋالاتقان. دوختۇرخانىدا، ئۇ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇشنىڭ داۋلىلىرىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچى ۋە كۆزەتچىلەرگە تەربىيە ئىشلەپ، ئۇلارنى قولغا كەلتۈرگەن. 1936 - يىلى 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، جاۋ يىمەن دوختۇرخانىدىكى ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچى ۋە كۆزەتچىلەرنىڭ ياردىمىدە دوختۇرخانىدىن قېچىپ چىققان، لېكىن ناھايىتى تېزلا قوغلاپ كەلگەن دۈشمەنلەر تەرىپىدىن يەنە تۇتۇلۇپ قېلىپ، تېخىمۇ دەھشەتلىك قىيىن - قىستاققا ئېلىنىپ سوراق قىلىنغان.

1936 - يىلى 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، جاۋ يىمەن ياپون قاراقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن، قۇربان بولغان چاغدا ئۇ ئاران 31 ياشتا ئىدى. جازا ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى، ئۇ گۆدەك ئوغلىغا بىر پارچە ۋەسىيەتنامە يېزىپ قالدۇرغان:

«نىڭ ئېر، ئاپاڭ سېنى تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىغانلىقىنى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش دەپ قارايدۇ. ئاپاڭ قەتئىيلىك بىلەن قورچاق مانجۇرىيەگە قارشى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۈرەش قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۈگۈن قۇربان بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئاپاڭ ھايات ۋاقتىدا سەن بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلىشىش پۇرسىتى بولمىدى. نىڭ ئېر! تېزرەك چوڭ بولۇپ، تۇپراق ئاستىدا ياتقان ئاپاڭغا تەسەللى بېرىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن! ئەڭ سۆيۈملۈك بالام! ئاپاڭنىڭ سېنى كۆپ سۆز بىلەن تەربىيەلىشى ھاجەتسىز، سېنى ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن تەربىيەلەيمەن. سەن چوڭ بولۇپ قۇرامىڭغا يەتكەندىن كېيىن، ئاپاڭنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بولغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭنى ئۈمىد قىلىمەن».

بۇ ۋەسىيەتنامە كېيىن «نىڭ ئېر» چېن يېشيەن تەرىپىدىن قايتىدىن كۆچۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ قىزى چېن خۇڭغا قالدۇرۇلغان. «مەيلى قەيەرگە باراي، بۇ ۋەسىيەتنامىنى مەن دائىم يېنىمدا ئېلىپ يۈرىمەن.» چېن خۇڭ: «دادام ماڭا، مومامنىڭ خېتىدە يەتكۈزۈلگەن ۋەتەننى سۆيۈش مۇھەببىتى ۋە ساپ قەلبىنى ئائىلە ئىستىلى قىلىپ، ئۇنىڭغا مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان» دېدى.

2009 - يىلى، جاۋ يىمەن «يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان 100 قەھرىمان نەمۇنىچى شەخس» قاتارىغا تاللاپ كىرگۈزۈلدى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، جاۋ يىمەننىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن كىنو، تېلېۋىزىيە تىياتىرى، دىراما قاتارلىق ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرى كەڭ تارقالدى. بۇ يىل، ئۇنىڭ يۇرتى يىبىندا «100 مەكتەپ بىرلىكتە دىراما <جاۋ يىمەن>نى بىللە ئورۇنلاش، بىللە كۆرۈش» پائالىيىتى باشلىنىپ، «جاۋ يىمەن روھى» مەشئىلىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.