تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

چاڭبەيشەن ۋە خېيلۇڭجياڭدا تاۋلانغان ساداقەتمەنلىك روھى

ياڭ جىڭيۈ:

چاڭبەيشەن ۋە خېيلۇڭجياڭدا تاۋلانغان ساداقەتمەنلىك روھى

ياڭ جىڭيۈنىڭ سۈرىتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى \جەي جو

«بىز كوممۇنىزم ئىز باسارلىرى، ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىمىز...» خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جۇماديەن شەھىرى يىچېڭ رايونىغا جايلاشقان جياڭجۈن ياڭ جىڭيۈ خاتىرە سارىيىنىڭ ئالدىدا، بىر توپ پىيونېر «بىز كوممۇنىزم ئىز باسارلىرى» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ، قەھرىمان ياڭ جىڭيۈگە ھۆرمەت بىلدۈرۈۋاتاتتى. ياڭراق ناخشا ساداسى نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيەگە كەلگەنلەرنى قەدىمىنى توختىتىپ ئاڭلاشقا جەلپ قىلدى.

ياڭ جىڭيۈ، ئەسلىي ئىسمى ما شاڭدې، 1905 - يىلى تۇغۇلغان، خېنەن چۆشەندىن. شەرقىي شىمالدا پارتىيەنىڭ يەر ئاستى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان چاغدا، ئىسمىنى جاڭ گۇەنيىگە ئۆزگەرتكەن. 1932 - يىلى جەنۇبىي مانجۇرىيەگە بېرىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش قوراللىق كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلغاندا، ئىسمىنى ياڭ جىڭيۈگە ئۆزگەرتكەن.

1923 - يىلى ياڭ جىڭيۈ كەيفېڭ توقۇمىچىلىق، بوياقچىلىق سانائىتى مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىپ، ماركسىزم تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان. 1925 - يىلى 6 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا كىرگەن. 1926 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.

1927 - يىلى 4 - ئايدا، ياڭ جىڭيۈ چۆشەن دېھقانلار قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1928 - يىلى كۈزدە كەيفېڭ، لوياڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ مەخپىي ئىنقىلابىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1929 - يىلى ئەتىيازدا شەرقىي شىمالغا بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى فۇشۇن ئالاھىدە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇپ، ئىشچىلار ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان.

ياڭ جىڭيۈنىڭ ئىلگىرى كىشىلەرگە ئېيتىشىچە، ئۇ ئىككى داشۆدە ئوقۇغان بولۇپ، بىرى «جەمئىيەت داشۆسى»، بىرى «تۈرمە داشۆسى» ئىكەن. ياڭ جىڭيۈ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بەش قېتىم قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە قامالغان، كۆپ قېتىم دەھشەتلىك قىيىن - قىستاققا ئېلىنغان بولسىمۇ، قەتئىي تىز پۈكمىگەن.

1931 - يىلى 18 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ياڭ جىڭيۈ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خاربىن شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە مانجۇرىيە ئۆلكىلىك كومىتېتى ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇۋەققەت شۇجىسى بولغان، شەرقىي شىمال خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە پائال رەھبەرلىك قىلغان.

1932 - يىلى كۈزدە، ئۇ جەنۇبىي مانجۇرىيەگە ئەۋەتىلىپ، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى 32 - جۈنى جەنۇبىي مانجۇرىيە پارتىزانلار ئەترىتىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، جېڭۋېيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، پەنشى شەھىرى خۇڭشىلازىنى مەركەز قىلغان پارتىزانلار تايانچ بازىسىنى قۇرغان. 1933 - يىلى 9 - ئايدا شەرقىي شىمال خەلق ئىنقىلابىي ئارمىيەسى 1 - جۈنى 1 - مۇستەقىل شىسىنىڭ شىجاڭى، قوشۇمچە جېڭۋېيسى بولغان. 1934 - يىلى 4 - ئايدا، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرىدىغان 17 قوراللىق كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابىنى قۇرۇپ، باش قوماندان بولغان. شۇ يىلى شەرقىي شىمال خەلق ئىنقىلابىي ئارمىيەسى 1 - جۈنىنىڭ جۈنجاڭى، قوشۇمچە جېڭۋېيسى بولغان. 1936 - يىلى 6 - ئايدا شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە ئارمىيەسى 1 - جۈنىنىڭ جۈنجاڭى، قوشۇمچە جېڭۋېيسى بولغان. 7 - ئايدا شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە ئارمىيەسى 1 - ئارمىيەسىنىڭ باش سىلىڭى، قوشۇمچە جېڭۋېيسى بولغان.

ياڭ جىڭيۈ قىسىمنى باشلاپ ئۇزاق مەزگىل شەرقىي جەنۇبىي مانجۇرىيە تۇپرىقىغا يۆتكىلىپ جەڭ قىلىپ، شەرقىي شىمالنى زىلزىلىگە سېلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا ماسلاشقان. ياپونىيە قورچاق ئارمىيەسى ئارقا - ئارقىدىن زەربىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە ئارمىيەسىگە قارىتىلغان ھەربىي جازا يۈرۈشى قىلىش، ئىقتىسادىي جەھەتتىن قامال قىلىش ۋە سىياسىي جەھەتتىن تەسلىم بولۇشقا قىزىقتۇرۇشنى كۈچەيتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياڭ جىڭيۈنى تۇتۇپ بەرگەنلەرگە مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئىنتايىن مۈشكۈل شارائىتتا، ئۇ «كاللىسى كەتسىمۇ، ئىسسىق قانلىرى ئاقسىمۇ، ساداقەتمەن بولۇش ئىرادىسى تەۋرەنمەسلىك»تەك ئالىيجاناب پەزىلىتى بىلەن، كۈرەش قىلىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرغان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 6 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى تېلېگرامما ئەۋەتىپ ياڭ جىڭيۈ ۋەكىللىكىدىكى شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش قوراللىق كۈچلىرىدىن ھال سوراپ، ئۇلارنى «قار - مۇز بىلەن قاپلانغان دالىدا دۈشمەن بىلەن يەتتە يىلدىن ئارتۇق ئېلىشقان، جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماي كۈرەش قىلغانلار نەمۇنىسى» دەپ تەرىپلىگەن.

1939 - يىلى، شەرقىي جەنۇبىي مانجۇرىيە رايونىدا كۈز - قىش پەسلىدىكى «جازا يۈرۈشى قىلىش»قا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا، ئۇ ۋېي جېڭمىن قاتارلىقلار بىلەن قىسىمنى تارقاقلاشتۇرۇپ، تارقاق پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىشقا قوماندانلىق قىلغان. 1940 - يىلى 1 - ئايدا، ئۇ ئۆزى مۇھاپىزەت لۈيىگە باشلامچىلىق قىلىپ مېڭجياڭ ئەتراپىغا يۆتكىلىپ جەڭ قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزى يالغۇز دۈشمەن بىلەن بەش كېچە - كۈندۈز ئېلىشىپ، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز كۈچلۈك ئىرادە بىلەن، دۈشمەنگە قارشى قەيسەرانە كۈرەش قىلىشنى تاكى ئوقى تۈگىگەنگە قەدەر قەتئىي داۋاملاشتۇرغان، 1940 - يىلى 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى جىلىننىڭ مېڭجياڭ ناھىيەسى(ھازىرقى جىڭيۈ ناھىيەسى)دىكى سەنداۋۋەيزىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئۇ 35 ياشتا ئىدى.

ياڭ جىڭيۈ ھايات ۋاقتىدا ۋە قۇربان بولغاندىن كېيىن ياپونىيە ئارمىيەسى ئۇنىڭدىن ئىنتايىن ھېيىققان. ئۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، ياپونىيە ئارمىيەسى خائىن ئەۋەتىپ ئۇنى تەسلىم بولۇشقا ئۈندىگەن، ياڭ جىڭيۈ: «مەن جۇڭگولۇق، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا تەسلىم بولمايمەن!» دېگەن. ئۇ قۇربان بولغاندىن كېيىن، ياپونىيە ئارمىيەسى ئۇنىڭ جەسىتىنى يېرىپ تەكشۈرۈپ، ئاشقازىنىدا پەقەت قۇرۇق ئوت - چۆپ، دەرەخ قوۋزىقى ۋە پاختا تالاسىلا بارلىقىنى، ئازراقمۇ ئاشلىق يوقلۇقىنى بايقىغان، نەق مەيداندىكى ياپونىيەلىكلەر بۇنى كۆرۈپ قاتتىق ھەيران قالغان.

جياڭجۈن ياڭ جىڭيۈنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئۇنىڭ يۇرتى چۆشەن ناھىيەسى تۇرۇشلۇق جۇماديەن شەھەر رايونىدا ياڭ جىڭيۈ مەيدانى ياسىلىپ، جياڭجۈننىڭ مىس ھەيكىلى تۇرغۇزۇلدى؛ جياڭجۈن ياڭ جىڭيۈنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى قايتىدىن رېمونت قىلىندى ھەم ئەسلىي تۇرالغۇسىنىڭ ئەتراپىدىكى چوڭ يولنىڭ يېنىغا جايلاشقان جياڭجۈن ياڭ جىڭيۈ خاتىرە سارىيى رېمونت قىلىندى. «قامەتلىك كۆرسەتكىنى بوي - بەستىلا ئەمەس؛ قەلبلەرنى لەرزىگە سالغىنى ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك جەسۇر روھى!» بۇ، ياڭ جىڭيۈنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئىگىلەش ئۈچۈن كەلگەن نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيەچىنىڭ ئورتاق تەسىراتى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جېڭجوۋ، 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.