تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

غەلىبە شادلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز

​ − ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

قان - تەر ۋە جاپالىق ئەجىر بىلەن سۇغىرىلغان گۈللەر ئەڭ گۈزەل، يېتىشتۈرۈپ چىقىلغان مېۋىلەر ئەڭ تاتلىق بولىدۇ. 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىنى ئاڭلىدى، كۆردى، ئاڭلىغىنى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مەزمۇت قەدەم تىۋىشى، كۆرگىنى شىنجاڭنىڭ تولۇق ئىشەنچكە تولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا بەرگەن جاۋاب قەغىزى بولدى.

مەيلى ئىلگىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلغان بولسۇن ياكى ھېلىھەم دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇۋاتقان بولسۇن، مەيلى ئاۋۋال بېيىغانلار كېيىن بېيىغانلارغا ياردەم بەرگەن بولسۇن ياكى ئەمدىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلغىنىغا ئۇزاق بولمىغان بولسۇن، كۆپچىلىك جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مۇساپىسىنى بىرلىكتە ئەسلەپ، غەلىبە شادلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشقا بەل باغلىدى.

روھنى ئۇرغۇتۇپ قايتا ئارزۇغا ئىنتىلىش

ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنى سىنلىق يىغىن شەكلىدە يېزا - بازارلارغىچە ئېچىلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلار، چېگرا رايونلىرى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى شۆبە يىغىن مەيدانلىرىدا خۇشاللىق ۋە ھاياجانلىق، ئىشەنچ ۋە كۈرەش كەيپىياتى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

«يېزىمىز چەت - ياقىغا جايلاشقان، بۇ قېتىمقى تەقدىرلەش يىغىنىدا، پۈتۈن يېزا بويىچە ئىككى ئىلغار كوللېكتىپ، بىر ئىلغار شەخس شەرەپكە ئېرىشتى!» دېدى 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئونسۇ ناھىيەسى بوزدۆڭ قىرغىز يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ جىگاڭ پەخىرلەنگەن ھالدا.

شۇ كۈنى، بوزدۆڭ قىرغىز يېزىسىدا يېزا - كەنت ساياھەت بايرىمى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. تۆمۈر چوققىسى ئېتىكىدە، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشى، ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ياكى خاس تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىش، يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكى قاتارلىق كەسىپلەرگە قاتنىشىشتىن بەھرىلىنىۋاتقان دېھقان - چارۋىچىلار ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى ۋە تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىپادىلىدى.

بۇ پەيتتە، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى قاينار مىللىي قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى سەكەر قۇسان ئىنتايىن ھاياجانلاندى، شۇنداقلا زىممىسىدىكى ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلدى. بۇ يىللىق مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىدا، ئۇنىڭغا «مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغار شەخس» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى.

بۇ بىرنەچچە يىلدا، ئۇ مىللىي كەشتىچىلىك زاۋۇتى، قازاقلارنىڭ تەبىئىي دورا سوپۇن زاۋۇتى قاتارلىقلارنى كەنتلەردە قۇرۇپ، نۇرغۇن يېزا ئاياللىرىنى كىرىمگە ئېرىشىپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. سەكەر مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، مەن ئامال بار تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ كىرىمنى بىللە ئاشۇرىمەن.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەش

مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىنتىلىپ كېلىۋاتقان ئارزۇ بۈگۈن ئىشقا ئاشتى. ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىغا ئالاقىدار خەۋەرلەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق ساداسىنى قوزغىدى.

يەكەن ناھىيەسىنىڭ قوشئېرىق يېزىسى توغرىئېرىق كەنتىدە ھەممە ئائىلە ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، كۆپچىلىكنىڭ چېھرىدە بەخت جىلۋىلەندى.

«كەنتتە يول يۈرۈش قىيىن بولۇش، سۇ ئىچىش قىيىن بولۇش، توك ئىشلىتىش قىيىن بولۇش، خەۋەرلىشىش قىيىن بولۇش، مەكتەپتە ئوقۇش قىيىن بولۇش، داۋالىنىش قىيىن بولۇش قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش داۋامىدا بىر - بىرلەپ ھەل قىلىندى.» 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، كەنت ئاھالىسى يۈسۈپقادىر توختىقۇربان بۇ بىر نەچچە يىلدىكى ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئالدى. توغرىئېرىق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋېي ۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: 2018 - يىلىنىڭ بېشىدا پۈتۈن كەنت بويىچە نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى %46.3 ئىدى، 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا %0كە چۈشتى.

«بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش» «نامراتلىق قورغىنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىندى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىندى»... خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆزلەر قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قاراساي بازىرى باغچى كەنتىدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكى گەپلەر ئىدى. ھەر قايسى تەرەپ كۈچلىرىنىڭ ياردىمىدە، ئۇلار ئارزۇسىغا قاراپ قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلىدى.

كەنت ئاھالىسى مەمەتجان سىراجى: 2017 - يىلى كەنتىمىزدە كۆپ تۆللەيدىغان گۆش قويى بېقىش تۈرى يولغا قويۇلدى، مەن ۋە باشقا سەككىز دېھقان ئائىلىسى تۇنجى تۈركۈمدە سىناق قىلىپ، شۇ يىلى 16 مىڭ يۈەن پايدا ئالدۇق، دېدى. ھازىر، ئۇنىڭ قويى 300 گە كۆپەيدى، بۇلتۇر 100 مىڭ يۈەن ساپ كىرىم قىلدى.

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈپ يېڭى يولنى نامايان قىلىش

دېھقانلارنىڭ كىچىك ھېسابات دەپتىرى نامراتلارنى يۆلەشتىكى چوڭ ئىش. ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئاقچى ناھىيەسىنىڭ سومتاش يېزىسى ئاقتالا كەنتىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالە تۇرسۇن بايال ئائىلىسىنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ھېساباتى»نى قىلدى: 2017 - يىلى ئۇ 40 مىڭ يۈەن ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇلغا 25 قوي ۋە بەش قوتاز سېتىۋالغان، تېخنىكلار ئۆيىگە بېرىپ يېتەكچىلىك قىلغان، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ باقمىچىلىق كۆلىمى كېڭىيىپ قويى 130غا، قوتىزى ئونغا يەتتى.

«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتى بار، ئىشچان بولساقلا، كېيىنكى كۈنلىرىمىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ» دېدى تۇرسۇن.

ئاقچى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئاقتالا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى لى نىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 2015 - يىلىدىن بۇيان، ئاقتالا كەنتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئەمىن ئۆي قاتارلىق 20 گە يېقىن نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن بەھرىمەن بولدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقى تېخىمۇ كۈچەيدى. «بىز كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى سىزىپ چىقىمىز!» دېدى لى نىڭ.

5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ ئارال بازىرى دۇرگېن كەنتىدىكى تۆگە باقمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا دورگېن كەنتىدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى ئېدىنبېك رىيەن مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىدا «ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش» تەكىتلەندى، بۇنىڭدىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتىمىز «پارتىيە ياچېيكىسى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، چارۋىچىلارنىڭ تۆگىچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

(مۇخبىر جاڭ جىلى، قاتناشقان مۇخبىرلار خەن چىنيەن، گې يوۋجۈن، سۇڭ ۋېيگو، جاڭ تىڭ، پەرىزات ئابدۇل)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.