تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شەھەرنىڭ تارىخىي ئەسلىمىلىرىنى ئويغىتىش

− باركۆل چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاشلىق ئامبىرىنى زىيارەت

باركۆل قەدىمىي شەھىرىنىڭ يېڭى قىياپىتى (5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاۋ شىيا، لۇ فېڭباۋ

«ئىلگىرى ئاشلىق ئامبىرىغا قاچىلىنىدىغىنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ئاشلىق ئىدى، ھازىر بولسا ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ تارىخىي ئەسلىمىلەر ۋە مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇن سىڭىپتۇ، بۇلار ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان قىممەتلىك مەنىۋى ئوزۇق» دېدى «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» ساياھەتچى جاڭ لې چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاشلىق ئامبىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا.

باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدە، يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازارنىڭ شانلىق تارىخى خاتىرىلەنگەن چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاشلىق ئامبىرى كىچىك شەھەردىكى كوچىنىڭ بايقاش تەس بولغان ئىچكىرىسىگە جايلاشقان. ئاشلىق ئامبىرى چيەنلۇڭنىڭ 38 - يىلى(1773 - يىلى) قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 248 يىللىق تارىخقا ئىگە.

قەدىمىي ئاشلىق ئامبىرى نېمە ئۈچۈن باركۆلدە قۇرۇلىدۇ، قانداق قىلىپ بۈگۈنگىچە ياخشى ساقلىنىپ قالدى؟ 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش»نىڭ 3 - قىسىم ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى باركۆل چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاشلىق ئامبىرىنى زىيارەت قىلدى.

ئاشلىق ئامبىرى جەمئىي سەككىز ئامبار بولۇپ، ھەربىر ئاشلىق ئامبىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 21.6 مېتىر، كەڭلىكى 11.3 مېتىر، ئىچىدىكى تۆت لىم، سەككىز تۈۋرۈك ئۆگزىنى تىرەپ تۇرىدۇ، 300 مىڭ كىلوگىرامغا يېقىن ئاشلىق ساقلىغىلى بولىدۇ. ئاشلىق ئامبىرىغا كىرگەندە، بىز، ئامبار تام ئۇلىنىڭ تاشتىن قوپۇرۇلغانلىقىنى، چوققا تامنىڭ ئۈستى ۋە ئۆگزىنىڭ ھەممىسىدە شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان تۈڭلۈك بارلىقىنى، ئامبار لىمىنىڭ پۇختا يۇمىلاق ياغاچتىن ياسالغانلىقىنى كۆردۇق. ئۇنىڭ ئىچىدە جىمجىت تۇرغاندا، ئۇستا ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ئاشلىق ئامبىرىنى سېلىۋاتقان كۆرۈنۈشى كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولاتتى.

«قۇرۇلمىسى مۇستەھكەم بولغاچقا، ئاشلىق ئامبىرى يۈز يىللىق بوران - چاپقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلىگەن. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قۇرۇلغان ئاشلىق ئامبىرىنىڭ لايىھەلىنىشى ئاددىي كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئەمەلىي قوللىنىشچان، ئىلمىي بولغان ئامىللارنى ھازىرلىغان بولۇپ، ئەينى يىللاردىكى تىيانشاننىڭ شىمالىدىكى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ گىرۋىكىدە ياشىغان ئەمگەكچان خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.» باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە، رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جياڭ شياۋلياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاشلىق ئامبىرىنىڭ يەر يۈزىگە 20 سانتىمېتىر قېلىنلىقتىكى تاختاي ياتقۇزۇلغان، ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن، تاختاينىڭ ئاستىنقى قىسمىدا يەنە 20 سانتىمېتىر بوشلۇق قالدۇرۇلغان بولۇپ، قېلىن تام قوشۇلۇپ، ھەم ئامبار ئىچى تېمپېراتۇرىسىنىڭ مۇقىملىقى ساقلىنىپ، ئاشلىقنىڭ نەم تارتىپ قېلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنغان، يەنە قۇشلارنىڭ ئۇۋا ياسىشى، قۇرت - قوڭغۇز، چاشقانلارنىڭ تۆشۈك تېشىپ ئاشلىقنى بۇزۇۋېتىشى توسۇپ قېلىنغان.

كىلىماتى نەم، چەكسىز كەتكەن مۇنبەت دالا باركۆل ئىلگىرى غەربىي يۇرتنىڭ ئاشلىق ئامبىرى ئىدى. تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، خەن سۇلالىسىدىن تاڭ سۇلالىسىغىچە، يەنە چىڭ سۇلالىسىغىچە، مەركىزىي ھۆكۈمەت ئىلگىرى كۆپ قېتىم بۇ يەرنى قوغدىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ يىللىرىدا، باركۆل ئاشلىقنىڭ يېتەرلىك بولۇشى، ئەسكەرنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن شىنجاڭدىكى باش ئىشتابقا ئايلانغان، ئەسكەر تۇرغۇزۇپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزلەشتۈرگەن مۇنبەت ئېتىز بىر مەھەل 80 مىڭ مودىن ئاشقان، بۇ ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن مەملىكەتتە ئاز كۆرۈلىدىغان ئىش بولۇپ، ناھايىتى تېزلا «شەرقىي شىنجاڭدىكى ئاشلىق ئامبىرى» دېگەن نامى يىراقلارغا تارالغان، «بۇلۇتقا تاقاشقان ئاشلىق دۆۋىسى» باركۆلنىڭ كونا سەككىز مەنزىرىسىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئالغان بىلەن، ئۇنى ساقلاش بىر مەسىلە ئىدى. چيەنلۇڭنىڭ 38 - يىلى(1773 - يىلى)، خەنچېڭ جەنۇبىي كوچىسىنىڭ غەرب تەرىپىدە جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان ئىككى رەت سەككىز ئاشلىق ئامبىرى سېلىنىپ ئاشلىق ساقلانغان.

قوشۇن قوزغالماي تۇرۇپلا، ئاشلىق ئالدىن توشۇلىدۇ، ئاشلىق دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كېلىش ۋە شەھەرنى ساقلاپ قېلىشتىكى مۇھىم ئاساس. «چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭدىن شۈەنتۇڭغىچە بولغان 100نەچچە يىل ئىچىدە، مەركىزىي ھۆكۈمەت ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 73 لەشكەر بېشى(ھەربىي رايوننىڭ سىلىڭىغا باراۋەر)نى ئەۋەتىپ باركۆلنى ساقلىغان. جياڭ شياۋلياڭ مۇنداق دېدى: زو زۇڭتاڭ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋالغان مەزگىلدە، بۇ يەر ئارقا سەپ تايانچ بازىغا ئايلىنىپ، زو زۇڭتاڭنىڭ چوڭ قوشۇنىنى ھەربىي ئات، ئاشلىق قاتارلىق كۆپ خىل مەدەت بىلەن تەمىنلىگەن.

يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، باركۆل چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاشلىق ئامبىرى ئىككى قېتىم رېمونت قىلىنىپ، 2005 - يىلىغىچە ئىزچىل شۇ جاينىڭ ئاشلىق ئامبىرى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن. 200 نەچچە يىلدىن بۇيان، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاشلىق ئامبىرى باركۆللۈكلەر بېسىپ ئۆتكەن ھەربىر مول ھوسۇل پەسلىگە ھەمراھ بولۇپ كەلدى، ئەمگەكچان خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەجرىگە گۇۋاھ بولۇپ كەلدى.

2013 - يىلى، باركۆل چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاشلىق ئامبىرى ئاپتونوم رايوننىڭ 7 - تۈركۈمدىكى قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى. ئاشلىق ئامبىرىنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا، باركۆل ئاشلىق ئامبىرىنىڭ مەدەنىيەت ئامىللىرىنى تولۇق قېزىپ، سەنئەت ئىجادىيىتى تەپەككۇرىنى قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ باشلىنىشى، شەھەرنىڭ گۈللىنىشى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىنى شەرھلەپ، باركۆل يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات تارىخى كۆرگەزمىسى، يېمەك - ئىچمەك بۇيۇملىرى تارىخىنىڭ تەرەققىيات جەريانى كۆرگەزمىسى، ئاشلىق بېلىتى كۆرگەزمىسى تەسىس قىلىپ، قەدىمىي ئاشلىق ئامبىرىنى دەۋر يېڭى ماھىيەتلىك مەزمۇنىغا ئىگە قىلىپ، كېيىنكىلەرنى ئاشلىق ئامبىرى ئارقىلىق ئۆتمۈشنى چۈشىنىپ، كەلگۈسىگە تېخىمۇ ياخشى يۈزلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

بۈگۈنكى باركۆلدە خەلق خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلىمەكتە، ئىقتىساد ساغلام تەرەققىي قىلماقتا، ئېكولوگىيە ساياھىتى دۇنيا سەھنىسىگە يۈزلەنمەكتە. بۇ يەردە، ھەر مىللەت ئامما ئەجدادلارنىڭ تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى گۈزەل تۇرمۇشنى بىرلىكتە ياراتماقتا.

□ سەپەر خاتىرىسى

شەھەر روھىنى ياخشى قوغداش

5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چارشەنبە ھاۋا ئوچۇق

ئۇزاق يىللارنى باشتىن كەچۈرگەن قەدىمىي ئاشلىق ئامبىرى 200 نەچچە يىل ئىلگىرىكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازارنىڭ سالاپىتى ۋە گۈزەل قىياپىتىنى بايان قىلىپ تۇراتتى. تارىخىي يادىكارلىقتىن مەدەنىيەت - ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىغىچە، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مۇكەممەل ياخشى ساقلانغان ئاشلىق ئامبىرىنىڭ ساقلاپ قالغىنى بىر شەھەرنىڭ يىلتىزى ۋە روھى.

چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاشلىق ئامبىرىدىن سىرت، باركۆلنىڭ كوچىلىرىدا ماڭسىڭىز، ھەممىلا جايدا ئۇچراتقىلى بولىدىغان قەدىمىي شەھەر تېمى، قەدىمىي بۇتخانا، تۇرالارنىڭ چېگرادىكى بۇ كىچىك شەھەرنىڭ قەدىمىي سالاپىتىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى بايقايسىز. رەڭگارەڭ چىراغلار چاقناپ، زامانىۋى ئىمارەتلەر بىلەن قەدىمىي ئىمارەتلەر ئارىسىدا جىلۋە قىلىپ، خۇددى ۋاقىت بىلەن بوشلۇق گىرەلىشىپ كەتكەندەك تۇيغۇ بېرەتتى.

«تارىخىي قۇرۇلۇشلارنى ياخشى قوغداش كېرەك، ئۇلارغا قىلىنغان بۇزغۇنچىلىق بىر شەھەرنىڭ ئەسلىمىسىگە قىلىنغان بۇزغۇنچىلىق، ئەسلىمە بولمىسا، بىر شەھەر مەدەنىيەت ئاساسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.» زىيارەت داۋامىدا، بىر مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش خىزمەتچىسىنىڭ سۆزى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. 20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن باشلاپلا، باركۆل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قۇتقۇزۇش ئاپپاراتى قۇرۇپ «خەنچېڭ، مەنچېڭ» دىن ئىبارەت ئىككى شەھەرنى رېمونت قىلدى. نوپۇسى ئاز كىچىك شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆتكەن بەش يىلدا ناھىيە مالىيەسىدىنلا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى رېمونت قىلىشقا 80 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىندى.

بىر زامانىۋىلاشقان شەھەر دەۋر پۇرىقىغا ئىگە بولۇشتىن سىرت، تېخىمۇ مۇھىمى تارىخىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلغان بولۇشى، ئۆزىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە سالاپىتى بار بولغان بولۇشى كېرەك. بىر شەھەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۆزىنىڭ سۈپەتلىك ماركىسى ۋە خاسلىقىدۇر، بايلىقىدۇر.

(جاۋ شىيا)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.