تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھى ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىشقا يېتەكچىلىك قىلايلى

​ − ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□ گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ كۈرىشى، «يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە بولۇش، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇش، دەل جايىدا، ئەمەلىي بولۇش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق»تىن ئىبارەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى تاۋلاپ شەكىللەندۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى قالتىس مۇساپىسى ئەسلەپ ئۆتۈلدى، ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر تەقدىرلەندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئامما نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا سەپەرۋەر قىلىندى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، يۈز مىليونلىغان خەلق بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەن بىر مەيدان ئۇلۇغ ھەل قىلغۇچ جەڭ. شىنجاڭدا نامرات نوپۇس كۆپ، نامراتلىق دەرىجىسى چوڭقۇر، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست يەنە پۈتۈن مەملىكەتتىكى «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىن ئىبارەت ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ بىرى، ۋەزىپە مۈشكۈل، ۋەدە تاغدەك زور، شىنجاڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قولغا كەلتۈرگەن ھەل قىلغۇچ غەلىبە تەستە قولغا كەلگەن. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىسىگە ئالدى؛ دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن نامراتلىق قورغىنىنى ھۇجۇم قىلىپ ئالدى؛ تەرتىپلىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كىرىمنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ خاس كەسىپلەرنى زورايتىپ، قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى؛ مەبلەغ سېلىنمىسىنى زورايتىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ قىياپىتىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلىدى؛ ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتتى؛ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىدى؛ نامراتلارنى ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەشتىن ئىبارەت قوش يۆلەشنى كۈچەيتىپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تولۇق قوزغاتتى؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، نامراتلىق قورغىنىنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى.

تىللاردا داستان بولغۇدەك قاينام - تاشقىنلىق يىللارغا نەزەر سېلىشىمىز ئىلگىرىكى شان - شەرەپ دەپتىرىنى قۇچاقلاپ يېتىش بولماستىن، بەلكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئۇلۇغ كۈرەش داۋامىدا تاۋلاپ چىقىلغان ئۇلۇغ روھنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشنى پۈتمەس - تۈگىمەس ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈندۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى شانلىق مۇساپە توغرىسىدىكى چوڭقۇر مۇھەببەتلىك ئەسلىمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر توغرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى سىستېمىلىق شەرھلەپ چۈشەندۈرۈشىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھى توغرىسىدىكى ئىلمىي يەكۈنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر يەكۈنلىگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش داۋامىدا شەكىللەنگەن مۇھىم تەجرىبە ۋە تونۇشلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشكە، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىشقا، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

ئۇلۇغ ئىش ئۇلۇغ روھنى يارىتىدۇ، ئۇلۇغ روھ ئۇلۇغ ئىشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بىز ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، باتۇرانە كۈرەش قىلىشىمىز، قەتئىي تۈردە ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ - خەتەر ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، يېڭى دەۋردە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ پۈتۈپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.