تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش

​− ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□ گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

مىڭ يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئارزۇسى بۈگۈن ئاخىر ئەمەلگە ئاشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم تارىخىي تۈگۈندە، ئاپتونوم رايون نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى، بۇ، مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە.

بۇ قېتىمقى يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى قالتىس مۇساپىسى ئەسلەپ ئۆتۈلدى، ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر تەقدىرلىنىپ، قەلبلەر روھلاندۇرۇلدى، جەڭگىۋارلىق ئۇرغۇتۇلدى، بۇ جەزمەن تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلىنىش ئىشەنچى ۋە غەيرىتىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ.

2020 - يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ خەلققە، تارىخقا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، نامرات ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا رىشتە باغلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، چوڭقۇر مۇھەببەت سىڭگەن، كىشى قەلبىنى روھلاندۇرىدۇ، ئۇ، پارتىيەمىزنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى باشلانغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، پەۋقۇلئاددە كۈچ بىلەن پەۋقۇلئاددە ئىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

قارىماققا ئادەتتىكىدەك كۆرۈنسىمۇ، ناھايىتى ئالاھىدە، ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاساندەك بىلىنسىمۇ، ئەمما ناھايىتى جاپالىق. شىنجاڭدا نامرات نوپۇس كۆپ، نامراتلىق دەرىجىسى چوڭقۇر، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست يەنە پۈتۈن مەملىكەتتىكى «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» تىن ئىبارەت ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ بىرى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ تۈگىتىپ، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، «باشقىلار بىر ھەسسە تىرىشسا مەن ئون ھەسسە تىرىشىمەن، باشقىلار ئون ھەسسە تىرىشسا مەن يۈز ھەسسە تىرىشىمەن» دېگەندەك ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، نامراتلىق قورغىنىنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلدى، نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىگە قارىتا «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇردى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىقنى ئۈزۈل - كېسىل تۈگىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى.

شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى تەستە قولغا كەلگەن، بۇ، تۈپتىن ئېيتقاندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلغانلىقى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەنلىكىدىن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىشىدىن، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدىن بولدى. بۇ يەنە بىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئوخشاش مۇشۇنداق تېخىمۇ كۆپ شانلىق ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، غەلىبىدىن يېڭى، تېخىمۇ زور غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلىشىمىزنىڭ تۈپ كاپالىتى.

نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. يول ئۇزۇن، كۈرەش داۋاملىشىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا يۆتكەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئورتاق بېيىش نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا جاسارەت بىلەن يېڭى سەھىپە پۈتەيلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.