تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

​چېن چۈەنگو قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى​

شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى  شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ قاتناشتى  جاڭ چۇنلىن تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى

5-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: يىغىن نەق مەيدانى.

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي، جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، جاڭ چۇنلىن، ئەركىن تۇنىياز، سارقىت ئاقان، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

سائەت 16دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يىغىن باشلاندى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغار شەخسلەر ۋە ئىلغار كوللېكتىپلارنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى» ۋە «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئوقۇدى. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.

چېن چۈەنگو سۆزىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا مۇھىم تۆھپە قوشقان ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ئورگانلىرى ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، يېزىلاردىكى كەڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما، بىڭتۇەندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى ۋە 1-شۇجىلار، پىدائىيلار، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى؛ شىنجاڭنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن، مەدەت بەرگەن مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر، ھەمدە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆزى جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنى يېتەكلەپ، مىڭ يىلدىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلىققا قارشى تۇرۇشىدا دەۋر بۆلگۈچ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى يارىتىپ، ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىدا مۇھىم ئابىدە تىكلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئارزۇغا ئىنتىلىش، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىش جاسارىتى ۋە غەيرىتىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە قوزغاتتى. ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ تۈگىتىپ، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، نامراتلىق قورغىنىنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلدى، نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىگە قارىتا «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىق تەلتۆكۈس تۈگىتىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى. شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى تەستە قولغا كەلگەن، بۇ، تۈپتىن ئېيتقاندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىشىدىن، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدىن بولدى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا يۆتكەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئورتاق بېيىش نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا جاسارەت بىلەن يېڭى سەھىپە پۈتۈش كېرەك.

بىرىنچىدىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى كۈچەپ مۇستەھكەملەش كېرەك. ئاساسلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، «تۆتنى توختاتماسلىق»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك ياردەم بېرىش-يۆلەش كۈچلىرى بىلەن ياردەم بېرىش-يۆلەش مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىنى ساقلاپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش-ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش-يۆلەش تۈزۈم مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈز بەرمەسلىكنىڭ تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن تەرتىپلىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ ئارقىلىق ئادەمنى خاتىرجەم قىلىش، كەسىپ ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، يېزا-كەنت كەسىپلىرىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىش كېرەك. بازار يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى خاس بايلىققا قويۇپ، ئىستېمال ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ماسلىشىپ، ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلاردىكى كەسىپلەرنى داۋاملاشما ئۇزاققىچە يېتىلدۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىپ، ئۈچ كەسىپ يۇغۇرۇلغان كەسىپلەرنى زورايتىپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتىنى سىجىل يولغا قويۇپ، زامانىۋى يېزا-كەنت كەسىپ سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، يېزا-كەنتلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەپ كۈچەيتىش كېرەك. يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن يولغا قويۇپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەپ، ئۆستۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، تولۇق كاپالەتلىك، ئۇل خاراكتېرلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى كۈچەپ ياخشى قىلىپ، يېزىلاردىكى ئاممىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش كېرەك.

بەشىنچىدىن، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىسلاھاتىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يېزىلاردىكى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، سىناق نۇقتىلىرىدا تەجرىبە قىلىش ۋاسىتىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا بايلىق مۇھىم ئامىللىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېزا تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى سىجىل ئاشۇرۇش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. سانائەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى تولۇقلاش، شەھەرلەر ئارقىلىق يېزىلارنى يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ناھىيە رايونلىرىنى شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم كىرىش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش ئېغىزى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكى بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، شەھەرلەر بىلەن يېزىلار بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان، ماس تەرەققىي قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان يېڭىچە سانائەت-يېزا ئىگىلىكى، شەھەر-يېزا مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك.

يەتتىنچىدىن، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان گۈزەل يېزا-كەنتلەرنى كۈچەپ قۇرۇش كېرەك. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دەريا، كۆل باشلىقى تۈزۈمى، ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت تەمىناتىنى ئاشۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداش كېرەك.

سەككىزىنچىدىن، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ كۈچەيتىش كېرەك. «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېزىلاردا ئىدىيە-ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، كونا ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىي يېزا ئىستىلى، ياخشى ئائىلە ئىستىلى، ئاددىي-ساددا خەلق ئىستىلىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

توققۇزىنچىدىن، يېزا-كەنتلەرنى ياخشى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى يېزا-كەنت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تىنچ-ئامان يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دېموكراتىك قانۇنچىللىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا-كەنت ئىدارە قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېزا جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېڭى دەۋردە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ پۈتۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

يىغىندا، ئاپتونوم رايون بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغار شەخس ۋە ئىلغار كوللېكتىپ ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

تەقدىرلەش يىغىنى سىن يىغىنى شەكلىدە يېزا-بازارلارغىچە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.