تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چوڭ ئىشلار خاتىرىسى (15)

چوڭ ئىشلار خاتىرىسى (15)

1961 - يىلى

1 - ئايدا  ئاپتونوم رايون مەركەزنىڭ «تەڭشەش، مۇستەھكەملەش، تولۇقلاش، ئۆستۈرۈش»تىن ئىبارەت سەككىز خەتلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشقا باشلاپ، «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» ھەرىكىتىدىن بۇيان ساقلانغان كەمچىللىك ۋە خاتالىقلارنى تۈزەتتى.

2 - ئايدا  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئومۇمىي ئەزالار كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئېچىپ، يېزا ئىگىلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەڭشەپ، شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا ئاشلىق تېرىقچىلىقىنى نۇقتىلىق راۋاجلاندۇرۇشنى قارار قىلدى.

4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى «تەكشۈرۈش تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، رەھبەرلىك ئىستىلىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى قارار»نى تارقاتتى. ناھىيەدىن يۇقىرى رەھبەرلەرگە رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش توغرىسىدىكى پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈش، نۇقتىدا تۇرۇپ ئۆزى سىستېمىلىق تىپىك تەكشۈرۈشنى خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىشتىكى باش ۋەزىپە قىلىش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى.

10 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئومۇمىي ئەزالار كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىپ شەھەر - يېزىلارنى تەمىنلەش، خەلق ئىگىلىكىنىڭ نىسبەت مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى ۋاڭ ئېنماۋ ئوتتۇرىغا قويغان يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئائىت 11 ماددىلىق تەدبىر بىردەك ماقۇللاندى.

1962 - يىلى

5 - ئايدا  مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىڭتۇەندىن كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئاجرىتىپ خىزمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ چەت ئەلگە قېچىش ۋەقەسى يۈزبەرگەن ئىلى، تارباغاتاينىڭ چېگرا رايونلىرىغا بېرىپ «ئۈچ ۋاكالىتەن» (ۋاكالىتەن يەر تېرىش، ۋاكالىتەن چارۋا بېقىش، ۋاكالىتەن باشقۇرۇش)نى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى.

6 - ئايدا  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق كومىتېتى 22 - قېتىملىق ئەزالار (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزى يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ ۋەزىيىتى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەزىپىلەر توغرىسىدا دوكلات بەردى.

6 - ئايدا  گوۋۇيۈەن پىلاننىڭ سىرتىدا شىنجاڭغا تۈرلۈك تەكسە باھالىق تاۋارلارنى كۆپەيتىپ ئاجرىتىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ تاۋار تەمىناتىنى ياخشىلاشنى قارار قىلدى.

7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق كومىتېتى بىرلىشىپ «خەلق گۇڭشېسى گۇڭشې ئەزالىرىنىڭ قالدۇرۇق چارۋىسى، قالدۇرۇق يېرى ۋە قالدۇرۇق ئورمىنى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»نى ئېلان قىلدى.

12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى  لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولىدا ئۈرۈمچىگىچە رېلىس ياتقۇزۇلدى، ئون يىل داۋاملاشقان لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى.

12 - ئايدا  شىنجاڭ چېگرا مۇداپىئە قىسمى جۇڭگو - ھىندىستان چېگراسىنىڭ غەربىي بۆلىكىدىكى ئۆزىنى قوغداپ قايتۇرما زەربە بېرىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.

شۇ يىلى  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا «ئۈچ بىر» تەربىيەسىنى يەنى بىر ۋەتەن (جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى)، بىر يول (سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش)، بىر رەھبەرلىك (جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى) تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.

1963 - يىلى

3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى  ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتى بىرلىشىپ سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزالىرى، ئىنقىلابىي كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئەمگەكچى خەلقتىن ماۋجۇشىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، لېي فېڭنىڭ ئىنقىلابىي روھى ۋە يۈكسەك پەزىلىتىنى ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلدى.

8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى  بىڭتۇەن شىخەنزە 1 - ئاۋغۇست يۇڭ - توقۇمىچىلىق زاۋۇتى پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

9 - ئايدا  رەئىس ماۋ زېدۇڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى: شىنجاڭدا، بىرىنچى بولۇپ ئىقتىسادىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، چارۋىچىلىق، سانائەتنى يىلدىن - يىلغا راۋاجلاندۇرۇش، ئىقتىسادنى يىلدىن - يىلغا گۈللەندۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى يىلدىن - يىلغا ياخشىلاش كېرەك.

□ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى تەمىنلىگەن

□ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن خۇڭيى رەتلىگەن

□سۈرەتلەرنى رەتلىگۈچى \ لايىھەلىگۈچى لياڭ ۋېي

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.