تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چوڭ ئىشلار خاتىرىسى (14)

چوڭ ئىشلار خاتىرىسى (14)

1959 - يىلى

1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى  تاۋ جىيۆ، جاڭ جۇڭخەن شىخەنزىگە بېرىپ، بىڭتۇەن يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنى ئۈچۈن مەكتەپ ئورنىنى تاللاپ بېكىتتى.

5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى «ھازىر بار بولغان ئالىي مەكتەپلەرنى تەرتىپكە سېلىش توغرىسىدىكى قارار»نى تارقاتتى.

12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى  شىنجاڭدىكى تۇنجى زامانىۋىلاشقان ماشىنىدا شېكەر ياساش زاۋۇتى − شىخەنزە 1 - ئاۋغۇست شېكەر زاۋۇتى پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

1960 - يىلى

2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى  شىنجاڭ گېزىتى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبە ئاكادېمىيەسى تەييارلىق كومىتېتىنىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ فىزىكا، خىمىيە، ئىجتىمائىي پەنلەردىن ئىبارەت ئۈچ تەتقىقات ئورنى ۋە بىيولوگىيە تۇپراق، گېئولوگىيە جۇغراپىيە، پەن - تېخنىكا ئاخباراتتىن ئىبارەت ئۈچ تەتقىقات ئىشخانىسى ھەم سۈنئىي ھەمراھ كۆزىتىش پونكىتى قاتارلىق يەتتە كەسپىي تەتقىقات ئاپپاراتى قۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

3 - ئايدا  بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ جېن شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى.

4 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە  ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى ئۈرۈمچىدە 1 - قېتىملىق ۋەكىللەر يىغىنى ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى رەسمىي قۇرۇلدى.

5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبە ئاكادېمىيەسىنىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر ئىلمىي گۇرۇپپىسىنى قۇرۇش يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئىلمىي گۇرۇپپىنىڭ قارىمىقىدىكى پەلسەپە، سىياسىي ئىقتىساد ئىلمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى، ئىلمىي سوتسىيالىزم، مىللەت، تىل - يېزىق، ئارخېئولوگىيە، مائارىپ قاتارلىق سەككىز تەتقىقات ئورنى تەڭلا قۇرۇلدى.

8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى چېن يى چەت ئەلگە زىيارەتكە چىقىپ دۆلەتكە قايتىشتا غۇلجا ئارقىلىق ئۈرۈمچىگە كەلدى.

9 - ئايدا  مەركەز ئوتتۇرا جەنۇب، شەرقىي شىمال، غەربىي جەنۇب، غەربىي شىمال، شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي جۇڭگودىن ئىبارەت ئالتە مەركىزىي بىيۇرو قۇرۇشنى قارار قىلدى. كەينىدىن ليۇ لەنتاۋنى غەربىي شىمال بىيۇروسىنىڭ 1 - شۇجىلىقىغا تەيىنلەشنى قارار قىلدى.

11 - ئايدا  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش ئەترىتى تۆت يىل داۋاملاشقان تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تاماملاپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى.

□ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى تەمىنلىگەن

□ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن خۇڭيى رەتلىگەن

□سۈرەتلەرنى رەتلىگۈچى \ لايىھەلىگۈچى لياڭ ۋېي

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.