قىزىل ئىزنالار (12)
«شىنجاڭ گېزىتى» □ماتېرىيال سۈرەت
«شىنجاڭ گېزىتى» □ماتېرىيال سۈرەت
«شىنجاڭ گېزىتى» □ماتېرىيال سۈرەت
دۆلەت باج باش ئىدارىسىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق باج ئىدارىسىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار شىنجاڭ گېزىتى گېزىت تارىخى سارىيىغا كېلىپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى (4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تارتىلغان). □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن
ئۈرۈمچى خۇڭسەن تېغى ئېتىكىدە، شىداچياۋ كۆۋرۈكىنىڭ يېنىدا سېرىق تاملىق، قىزىل ئۆگزىلىك، كۈل رەڭ رامكا، يېشىل كېشەك دېرىزىلىك ئىككى قەۋەتلىك بىر كىچىك بىنا جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. 1952 - يىلى سېلىنغان بۇ كونا بىنا دەل بۈگۈنكى شىنجاڭ گېزىتخانىسىنىڭ گېزىت تارىخى سارىيى بولۇپ، بۇ يەردە «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ قىزىل گېنى ۋە شەرەپلىك ئەنئەنىسى خاتىرىلەنگەن.
مىللەتنى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرىدىغان ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئوتىدا قىزىل تامغا بېسىلىپ، شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنىشىغا ھەمراھ بولۇپ يېڭى مۇساپىنى باشلىدى. جۇمھۇرىيەت بىلەن جاپا - مۇشەققەتتە ھەمسەپەر بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلق بىلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولدى... گېزىت تارىخى سارىيىغا كىرسىڭىز، گويا ۋاقىت ماشىنىسىغا كىرگەندەك بولىسىز، بىز بىرلىكتە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ رەڭدار شانلىق مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتەيلى.
جۇڭگو كوممۇنىستلىرى شىنجاڭ گېزىتخانىسىغا كەلدى
4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ شىنخۇا باسما زاۋۇتى پارتىيە ئەزالىرىنى شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسىنىڭ گېزىت تارىخى سارىيىغا كېلىپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى. «بۇ يىلدىن بۇيان، ھەر كۈنى دېگۈدەك ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى، بەزىدە بىر كۈندە نەچچە مەيدان كۈتۈۋالىمىز» دېدى شىنجاڭ گېزىتخانىسى ماتېرىيال مەركىزىنىڭ مەسئۇل باشقۇرغۇچىسى، گېزىت تارىخى سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى خۇاڭ لى.
«جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ <شىنجاڭ گېزىتى>نى چىقىرىش تارىخىنى 1938 - يىلىغىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش داۋامىدا <شىنجاڭ گېزىتى> ئۈچۈن قىزىل گېن ئۇرۇقىنى چاچتى ھەم ھازىرغىچە ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ كەلدى.» ئېكسكۇرسىيە پائالىيىتى خۇاڭ لىنىڭ جانلىق چۈشەندۈرۈش ئاۋازى ئىچىدە باشلاندى.
«قىزىل گېن باشتىن - ئاخىر تومۇرداش» تېمىسىدىكى كۆرگەزمە رايونىدا، شىنجاڭ شىنخۇا باسما زاۋۇتىنىڭ كەسىپ باشقۇرغۇچىسى جاڭ شىنلەي بىر تەرەپتىن، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن، يان تېلېفونى بىلەن سۈرەتكە تارتتى. «<شىنجاڭ گېزىتى>دە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى باشلىنىش بىلەنلا مۇشۇنچىۋالا كۆپ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان قىزىل ئىش ئىزلار بوپتۇ، مەن تارىخىي ماتېرىياللارنى ئېلىپ كېتىپ تەپسىلىي تەتقىق قىلىمەن» دېدى ئۇ.
«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ ئاساسى 1915 - يىلى 10 - ئايدا تارقىتىلىشقا باشلىغان «شىنجاڭ ئاخباراتى». 1935 - يىلى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، تۇنجى پارچە «شىنجاڭ گېزىتى» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان، بۇ شۇ ۋاقىتتىكى شىنجاڭ چېگرا مۇداپىئە دۇبەن مەھكىمىسى ۋە شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئورگان گېزىتى ئىدى.
ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، شىنجاڭ گېزىتخانىسىغا كېلىپ خىزمەت قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى جەمئىي توققۇز كىشى ئىدى. 1938 - يىلى، ۋاڭ شياۋچۇەن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى ۋاڭ شياۋچۇن) دىخۇا (بۈگۈنكى ئۈرۈمچى)دىكى «يېڭى ئەسكەرلەر يىڭى»دىن شىنجاڭ گېزىتخانىسىغا يۆتكىلىپ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولغان، لى زۇڭلىن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى لى شياۋپىڭ) شىنجاڭ گېزىتخانىسىنىڭ مۇھەررىرلەر باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. شۇ چاغدا گېزىتخانىنىڭ ئىدارە باشلىقلىقىنى سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى جاۋ شى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى ۋاڭ باۋچيەن) ئۈستىگە ئالغان، گېزىتنىڭ تەشۋىقات خىزمىتىگە ئاساسلىقى ۋاڭ شياۋچۇن بىلەن لى شياۋپىڭ مەسئۇل بولغان.
«گېزىتنىڭ تەھرىرلىك يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ، گېزىتنىڭ مەزمۇن ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ياخشىلاپ، بۇ ئارقىلىق ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۈچۈن ئاممىۋى پىكىر پەيدا قىلىش ئەينى يىلى گېزىتخانىدا خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى ئىدى.» ۋاڭ شياۋچۇەن «ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى شىنجاڭ گېزىتخانىسى» دېگەن ئەسلىمىسىدە مۇشۇنداق يازغان.
1939 - يىلى كۈزدە، جوۋ ئېنلەي كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىش سەپىرىدە دىخۇادىن ئۆتكەندە، ۋاڭ شياۋچۇەنگە «چوقۇم پارتىيەنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مىللەتلەر بىرلىك سېپىنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك، چوقۇم ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بارلىق ئىلغار كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىگىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك، گېزىتنى پارتىيەمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى بىر ئاخبارات بازىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك» دېگەن.
شۇ ۋاقىتتا گېزىتنىڭ شىنجاڭ خەۋەرلىرى بېتىدىن باشقا ھەرقايسى بەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى باشقۇرغان. پۈتكۈل شىنجاڭ گېزىتخانىسىنىڭ گېزىت ئىشلىرى ۋە مەمۇرىي ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرى قولىدا ئىدى، شۇڭا بىرقەدەر ياخشى ھالدا پارتىيەنىڭ تەشۋىقات مەقسىتى بويىچە گېزىت چىقىرىلىپ، «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مىللەتلەر بىرلىك سېپى تەشۋىقات سۆز قىلىش سىستېمىسى ئورنىتىلىشقا باشلىغان.
خۇاڭ لى مۇنداق تونۇشتۇردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرى شىنجاڭ گېزىتخانىسىدا خىزمەت قىلغان ۋاقىتتا، تەشكىلنىڭ تەلىپى بويىچە، ئۆزلىرىنىڭ پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىمىغان، ئۇلار ئامما ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، ئۆزلىرىنىڭ نەمۇنىلىك ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر، بولۇپمۇ تەرەققىيپەرۋەر ياش زىيالىيلار ۋە تېخنىكا تايانچلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەتراپىغا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، «شىنجاڭ گېزىتى»نى ئورتاق ياخشى چىقىرىپ، «ئالتە چوڭ سىياسەت»نى تەشۋىق قىلىش، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇشنى تەشۋىق قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، ئارقا سەپنى مۇستەھكەملەپ ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئاممىۋى پىكىر پەيدا قىلغان.
ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇشنى تەشۋىق قىلىشتىكى ئاممىۋى پىكىر بازىسى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرى شىنجاڭ گېزىتخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن، 1 - بەت يەنى مەملىكەت خەۋەرلىرى بېتىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش ئالدىنقى سەپتىكى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا ئالاقىدار خەۋەر مەزمۇنىنىڭ كۆپەيگەنلىكى بولدى. بۇ مەزگىلدە، «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ باش بېتىگە كۈندە مەركەزلىك ھەم ئالاھىدە گەۋدىلىك قىلىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئالدىنقى سەپنىڭ ئۇرۇش خەۋەرلىرىنى ئېلان قىلدى. گېزىت يەنە جەڭگىۋارلىققا ئىلھام بېرىدىغان، كىشىنى روھلاندۇرىدىغان باش ماقالە ۋە قىسقا ئوبزورلارنى ئېلان قىلدى ھەمدە ئەينى ۋاقىتتا دۆلەت ئىچىدىكى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىنچىكە تەھلىل قىلىدىغان ئالاقىدار خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدى.
«گېزىتتە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىرىنىڭ قىلغان سۆزلىرى ۋە ماقالىلىرى بېسىلىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ۋەزىپىسى شەرھلەپ بايان قىلىندى. بۇ 1938 - يىلى 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى 2 - بەتكە بېسىلغان يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ <ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئۇرۇش توغرىسىدا>، بۇ <جۇڭگو چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ> دېگەن ئىشەنچنى چىڭىتتى، تولۇق تېكىستى ئۇدا 14 كۈن بېسىلدى، كېيىن توپلاپ كىتابچە قىلىنىپ جەمئىي8000 نۇسخا نەشر قىلىندى» دېدى خۇاڭ لى گېزىت بېتى كۆرگەزمە تاختىسى ئالدىدا بىر - بىرلەپ تونۇشتۇرۇپ.
قىممەتلىك تارىخىي بەتلەر «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئەڭ شانلىق پەيتلىرىنى خاتىرىلەپ ساقلاپ قالدى.
1941 - يىلى 1 - ئايدا، «شىنجاڭ گېزىتى» يەنئەن شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئاڭلاتقان جەنۇبىي ئەنخۇي ۋەقەسىنىڭ جەريانى قاتارلىق ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ئېقىمغا قارشى ھەرىكەت قىلغان ئەكسىلئىنقىلابىي جىنايەتلىرىنى پاش قىلىپ، كەڭ ئاممىنىڭ قارشىلىق بىلدۈرۈش ۋە غەزەپ دولقۇنىنى ئۇرغۇتقان. شۇ يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، «شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن بەتلىك ماقالە ئېلان قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلىگەن ھەم ماۋ زېدۇڭ بىلەن جۇ دېنىڭ سۈرىتىنى بېسىپ ئېلان قىلغان.
ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى قوللاش ئۈچۈن، «شىنجاڭ گېزىتى» كەڭ كۆلەمدە چوڭقۇر تەشۋىق قىلىشقا سەپەرۋەر قىلغان. زور كۈچ بىلەن چاقىرىق قىلىش ئارقىلىق، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئالتۇن - كۈمۈش ئىئانە قىلىش، قىشلىق كىيىم - كېچەك ئىئانە قىلىش، زەھەرلىك گازدىن مۇداپىئەلىنىش نىقابى ئىئانە قىلىش، ئالدىنقى سەپتىكى قوماندان - جەڭچىلەرگە ھال سوراش خېتى يېزىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بەس - بەستە ئەۋج ئالغان، دۆلەتنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇش بۇرچى ھەربىر ئاددىي پۇقرانىڭ قان - قېنىغا سىڭگەن.
«ئىئانە توغرىسىدىكى ماقالىلەرنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، 1938 - يىلىدىن 1939 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھەربىر سان گېزىتنىڭ ھەممىسىدە بار ئىدى. گېزىتتە يەنە <قىزىل رامكا> ئىستونى تەسىس قىلىنىپ، مەخسۇس ئىئانە قىلغان زاتلارنىڭ ئىسىم - فامىلىسىنى ئېلان قىلغان» دېدى خۇاڭ لى.
خۇاڭ لى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئەينى ۋاقىتتا «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ تىراژى 20 مىڭ پارچە ئەتراپىدا بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 15 مىڭ پارچىسىغا شىنجاڭ ئىچىدە مۇشتەرى بولغان، قالغانلىرىغا خەلقئارا ۋە ئىچكىرى رايونلاردا مۇشتەرى بولغان. «بىر پارچە گېزىتنى كىشىلەر تالىشىپ قولدىن - قولغا ئۆتكۈزۈپ كۆرگەن، كۆپچىلىككە گېزىت ئوقۇپ بېرىش بىر خىل مودىغا ئايلانغان» دېدى ئۇ.
1938 - يىلىدىن 1942 - يىلىغىچە شېڭ شىسەي گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىدىن ئاشكارا پاناھلىق تىلەشتىن ئىلگىرىكى تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە «شىنجاڭ گېزىتى» ھەرقايسى مىللەتلەرنى بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىق قىلىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مىللەتلەر بىرلىك سېپىنى تەشۋىق قىلىش جەھەتتە دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلىگەن.
بۇ مەزگىلدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» باشتىن - ئاخىر ئىنقىلابىي كەيپىياتقا تولغان بولۇپ، كۈچلۈك ۋەتەننى سۆيۈش كەيپىياتى يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن، ئەينى چاغدا ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن «<شىنخۇا گېزىتى>نىڭ ھەمشىرىسى» دەپ ئاتالغان تەرەققىيپەرۋەر گېزىتكە ئايلانغان.
ماركسىزم ۋە ئىلغار مەدەنىيەتنى تارقىتىش
ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» گەرچە مۇرەككەپ مۇھىتتا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، ماركسىزم - لېنىنىزمنى تەشۋىق قىلىشتا مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن بولغان. گېزىتتە ماۋ زېدۇڭ، جۇۋ ئېنلەي قاتارلىق يولداشلارنىڭ سۆزلىرى ۋە ماقالىلىرى كۆچۈرۈپ بېسىلىپلا قالماي، يەنە شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرى، مەسىلەن، ماۋ زېمىن، جاڭ زىيى، جۇ دەنخۇا، لىن جىلۇ قاتارلىق يولداشلارنىڭ ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. ئىچكىرى رايونلاردىن كەلگەن داڭلىق ئالىملار، تەرەققىيپەرۋەر زاتلاردىن ماۋ دۇن، دۇ جۇڭيۈەن، جاۋ دەن قاتارلىقلارمۇ گېزىتكە ماقالە يازغان.
ئەينى چاغدا شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن دېڭ فا، چېن تەنچيۇ گېزىت تەشۋىقات خىزمىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن، نۇرغۇن مۇھىم ماقالىلەر، باش ماقالىلەر، خەۋەرلەرنى ئۇلار كۆرۈپ ياكى تۈزىتىپ بەرگەن.
ئوقۇرمەنلەرگە ماركسىزم - لېنىنىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن، «شىنجاڭ گېزىتى» 1939 - يىلى 2 - ئايدىن باشلاپ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، گېزىتخانا دۆلەت ئىچى خەۋەرلىرى بېتىنىڭ مۇھەررىرى ۋاڭ مو(ئىمزاسى مو شىڭ)نىڭ «رېئاللىقنى تونۇش ۋە رېئاللىقنى ئۆزگەرتىش» ناملىق چوڭ ھەجىملىك پەلسەپەۋى ئەسىرىنى كەينى - كەينىدىن ئېلان قىلغان. 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، يەنە ۋاڭ مو(ئىمزاسى مو)نىڭ «يېڭى پەلسەپەۋى نۇتقى» «غايە ۋە رېئاللىق» ئېلان قىلىنغان. ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن كىشى بۇ ماقالىلەرنى گېزىتتىن كېسىپ ئېلىپ، ئۆگىنىش ماتېرىيالى سۈپىتىدە ساقلىۋالغان.
1942 - يىلى 1 - ئايدا، گېزىتتە پەلسەپەۋى ئەسەر «ماركسىزم - لېنىنىزم پەلسەپەسى دېگەن نېمە»نى كەينى - كەينىدىن ئېلان قىلىنغان. ئەمەلىيەتتە، 1940 - يىلى 1 - ئايدىن باشلاپ، گېزىتتە «مۇشتەرىلەردىن خەت» «بىلىم كۆزنىكى» «ئۇششاق ساۋاتلار» «كىچىك لۇغەت» قاتارلىق ئىستونلار ئېچىلىپ، بەزى ئىسىملارنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى ئېلان قىلىنغان، مەسىلەن: «ماركسىزم - لېنىنىزم» «بۇرژۇئازىيە (بۇرژۇئازىيە سىنىپى)» «سوتسىيالىزم» «پىرولېتارىيات دىكتاتۇرىسى» «دىيالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزم» «تارىخىي ماتېرىيالىزم» قاتارلىقلار.
ئەينى چاغدا شىنجاڭ گېزىتخانىسىدا خىزمەت قىلغان جاۋ شىنيا «ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرى باش مۇھەررىرلىكىدىكى <شىنجاڭ گېزىتى>»دېگەن ئەسلىمىسىدە مۇنداق دېگەن: «ئۇ چاغدىكى <شىنجاڭ گېزىتى> شىنجاڭ خەلقى ۋە ئىچكىرى رايونلاردىكى زاتلارنىڭ چوڭقۇر ئالقىشىغا ئېرىشكەنىدى. ھەرقايسى جايلاردىكى مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيەتلىرى ھەمكارلىشىپ تارقىتىپ بەرگەچكە، <شىنجاڭ گېزىتى> چەت، يىراق رايونلاردىكى يېزا ۋە چارۋىچىلىق مەيدانلىرىغىچە تارقىتىلغان. بەزى مەكتەپلەردە دەرسلىك كەمچىل بولغاچقا، گېزىت يەنە ئوقۇتۇش ماتېرىيالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن».
ئىنقىلابىي روھقا ۋارىسلىق قىلىپ، جاپا - مۇشەققەتلىك مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، 1949 - يىلى 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» (خەنزۇچە) نەشر قىلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسىنىڭ ئورگان گېزىتىگە ئايلانغان، شۇنىڭدىن باشلاپ، «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ ئاخبارات ئىشلىرىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە يېڭى بىر بەت ئېچىلغان. ئۇيغۇرچە، قازاقچە، موڭغۇلچە «شىنجاڭ گېزىتى»مۇ ئىلگىرى - كېيىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۆت خىل يېزىقتا نەشر قىلىنغان بىردىنبىر گېزىتكە ئايلانغان ھەم ھازىرغىچە ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە. 1955 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندىن كېيىن، «شىنجاڭ گېزىتى» ئىزچىل ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورگان گېزىتى بولۇپ كەلمەكتە.
70 نەچچە يىل قىزىل ئەنئەنىنى تارقىتىپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، «شىنجاڭ گېزىتى» «سىياسىيونلار گېزىت باشقۇرۇش»تا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن دەۋر دولقۇنلىرىدا مەزمۇت تۇرۇپ، تارىخىي بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات ئۈچۈن چۇقان سېلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان رەڭدار سەھىپىسىنى تارىخ ئابىدىسىگە ئويۇپ چىقتى.
بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ گېزىتخانىسى تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇپ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىش مۇساپىسىدە شىنجاڭ گېزىتچىلىك تاراتقۇ گۇرۇھى قۇرۇپ، گېزىت، ژۇرنال، تور، تېرمىنال، ۋىيشىن قاتارلىق 40 نەچچە سۇپا يولىنى بىرىكتۈرۈپ، پۈتۈن تاراتقۇ تارقىتىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى، پارتىيەنىڭ قىزىل گېنىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاخبارات ئىشلىرىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچماقتا.