تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مىڭ يىللىق ئۆزگىرىشتىن بۈگۈنكى دەۋرگە نەزەر

− دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جاۋاب قەغىزى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

ۋاقىت دەريا سۈيىدەك شىددەت بىلەن ئېقىپ ئۆتتى، كۆپ يىللاردىن بۇيان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەڭ مەيدانىدا جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى غەلىبە ئىپتىخارلىقى بىلەن 2021 - يىلىغا قەدەم قويدى.

كەلگەن يولىمىزغا نەزەر سالساق، شىنجاڭ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۇدا جەڭ قىلىپ، ئۇدا غەلىبە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان مۈشكۈل ۋەزىپىنى تاماملىدى.

2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا جەمئىي 772 مىڭ 500 ئائىلە، 3 مىليون 64 مىڭ 900 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 3666 نامرات كەنت نامراتلىقتىن چېكىندى، دۆلەت دەرىجىلىك 32 نامرات ناھىيە نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، نامراتلىقنىڭ يۈزبېرىش نىسبىتىنى ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، مۇتلەق نامراتلىق ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستىدىكى رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىق ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى.

مىڭ يىللىق ئارزۇ بۈگۈنكى دەۋردە ئەمەلگە ئاشتى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت بۇ جاۋاب قەغىزىدىكى نەتىجىلەر بىپايان شىنجاڭ تۇپرىقىغا چوڭقۇر نەقىشلەندى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا نەزەر سالساق، ھەربىر بۇلۇڭ - پۇچقاقتا ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇدى، كۈچ - قۇۋۋەت توپلاندى، ئۈمىدكە تولدى.

ھەقىقىي نامراتلارنى تونۇپ، «تۇنجى تۈگمە»نى چىڭ ئەتتى

ھەيۋەتلىك كوئېنلۇن تېغى مىڭ چاقىرىمغا سوزۇلغان، كۆز يەتكۈسىز تەكلىماكان قۇملۇقى ئالتۇندەك سېرىق قۇم بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل كۆرۈنگىنى بىلەن، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلگەنىدى.

2014 - يىلى، شىنجاڭدا نامراتلىقنىڭ يۈزبېرىش نىسبىتى %19.4 بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا نامراتلىقنىڭ يۈزبېرىش نىسبىتى %32.4 بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى ئادەتتىن تاشقىرى مۈشكۈل ئىدى.

نامراتلىقنىڭ سەۋەبى ھەر خىل، قىيىنچىلىق كۈرمىڭ، ئەھۋال چىگىش ۋە مۇرەككەپ ئىدى، قانداق كۈچەش كېرەك؟ 2013 - يىلى 11 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شياڭشى تۇجيازۇ - مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى خۇايۈەن ناھىيەسى پەيبى يېزىسىنىڭ شىبادۇڭ كەنتىدە تۇنجى قېتىم «نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش»نى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭ بىلەن «دەل جايىدا» دېگەن سۆز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئىزچىل ئەمەل قىلىنىدىغان مېتودولوگىيەگە ئايلاندى.

«دەل جايىدا بولۇش تەپەككۇرى» «يىلاننى ئۇرغاندا ئەجەللىك يېرىگە ئۇرۇش»تىكى ئەپچىللىك، «ئاز كۈچ بىلەن كۆپ يۈك كۆتۈرۈش»تىكى تايانچ نۇقتا، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىشنى باشلاش بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، قەدەم ئېلىش بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جەريانىدىكى غەلىبە ئەڭگۈشتەرى بولدى.

نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتە كۆڭۈلدە سان بولغاندىلا، خىزمەتتە تەدبىرلىك بولغىلى بولىدۇ، ئاچقۇچ نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، توغرا بېكىتىش. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى «تۇنجى مەيدان جەڭ» قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتلىرىنى پەرقلەندۈرۈشتىكى «تۇنجى تۈگمە»نى چىڭ، ھەقىقىي ئەتتى.

ئائىلىدە ئىشقا يارايدىغان ئەمگەك كۈچى قانچىلىك؛ كەپتەر، قوي، كالا بېقىش ئەھۋالى قانداقراق؛ پايدىلىنىشقا بولىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى قانچىلىك، ھەممىسىدىن پايدىلىنىلدىمۇ؛ بادام، ئۆرۈك، ياڭاق دەرىخىدىن قانچە تۈپ تىكىلدى، ھوسۇلى قانداقراق... 2014 - يىلى، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن نامرات نوپۇسقا ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىش خىزمىتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، نامراتلىق سانلىق مەلۇماتى بىرىنچى قېتىم كەنت، ئائىلە، ئادەمگىچە دەل جايىدا ئىگىلەندى. قايتا - قايتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالى تىزىپ چىقىلىپ، ھەربىر ئائىلىگە ياردەم بېرىدىغان - يۆلەيدىغان كادىر كىم، قانچىلىك ۋاقىتتا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى پىلانلىدى، قانداق ئۇسۇلدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ، دېگەندەك بىر قاتار، تەپسىلىي دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈشتىن كېيىن، بۇ نامرات ئائىلىلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلىدىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

2017 - يىلى، ئاپتونوم رايون 220 مىڭغا يېقىن كادىرنى كەنتلەرگە بېرىپ، ئائىلىلەرگە كىرىشكە تەشكىللىدى، ئېنىق پەرقلەندۈرۈش ئۆلچىمى («ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»)، قېلىپلاشقان پەرقلەندۈرۈش تەرتىپى (نامرات ئائىلىلەرنى پەرقلەندۈرۈشتىكى «بىرنى ئىلتىماس قىلىش، ئىككىنى ئېلان قىلىش، ئىككىنى باھالاش، بىرنى سېلىشتۇرۇش، بىرنى ئۇقتۇرۇش» تەرتىپى) ئارقىلىق، دەل جايىدا قايتا سېلىشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، نامراتلار ئاساسى سانىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، ئۇچۇر سىستېمىسى، قەغەز ئارخىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىكى نوپۇس، ئائىلىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنىڭ بىردەك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئائىلىلەردە كارتا بولۇش، كەنتتە جەدۋەل بولۇش، يېزىدا دەپتەر بولۇش، ناھىيەدە ئارخىپ بولۇش، ۋىلايەتتە توپلام بولۇش، ئاپتونوم رايوندا ئامبار بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش بايلىقىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتلىرىغا دەل جايىدا قارىتىلىپ، ئەڭ چوڭ ئۈنۈم ئېففېكتىنى قويۇپ بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ماڭشىن يېزىسى ئاققۇش كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئوبۇلقاسىم تابىرنىڭ نامرات بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب تېرىلغۇ يېرى ئاز بولۇپ، پەقەت چارۋا بېقىشقىلا تايىناتتى، ئەمما قوتان كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە مەبلەغ بولمىغاچقا، كۈنلىرى ھەمىشە غورىگىل ئۆتەتتى.

نامرات ئائىلە دەپ پەرقلەندۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇ 50 مىڭ يۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلى ئالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆسۈمىنى ھۆكۈمەت تۆلەپ بەرگەچكە، ئۆزى بىر پۇڭ ئۆسۈم تۆلىمىسىمۇ بولىدىغان بولدى. «قەرز ئالغان تۇنجى يىلىلا 10 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىپ، نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتىم» دېدى ئۇ «<سەپتىن چۈشۈپ قالغان> كۈنلەرنى ئەمدى ئۆتكۈزگۈم يوق، كۆپچىلىككە ئوخشاش، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىمەن!»

تاكتىكا ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كۆپ تەرەپ تەڭ تۇتۇش قىلىپ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى

شىنجاڭ باشتىن - ئاخىر نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، «ئالتە دەل جايىدا بولۇش»نى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا، «كىمنى يۆلەش» «نېمىنى يۆلەش» «كىم يۆلەش» «قانداق يۆلەش»نىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلدى.

شايار ناھىيەسىنىڭ نۇرباغ يېزىسى سۆگەتتوقاي كەنتىدە، ھەر كۈنى كەنت ئاھالىسى مەمەت ئېزىزنىڭ كۆكتات پارنىكىغا كىرىپ - چىقىپ يۈرگەن سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇلتۇر، ئۇ بەسەي تېرىشقا تايىنىپ، 3000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى.

«بۇ بىرقانچە يىلدا، مەن دۆلەتنىڭ مەبلەغ جەھەتتىن قوللايدىغان نامراتلارنى يۆلەش قويى، ھويلا - ئاران ئىگىلىكى، ئىسسىق قوتان، كىچىك ئەگمە پارنىك قاتارلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ، بۇ تۈرلەردىن ناھايىتى زور پايدىغا ئېرىشتىم، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن بولدى» دېدى مەمەت ئېزىز.

نېمە كەم بولسا، شۇنى تولۇقلاش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇردى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى باشلانغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»كە تەسىر يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تېپىپ چىقىپ، نامرات ئائىلىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامرات كەنتلەرنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈشنىڭ كونكرېت كۆرسەتكۈچ تەلىپىگە توغرىلىنىپ، كونكرېت تۈرلەرنى ياخشى شەكىللەندۈرۈپ ۋە يولغا قويۇپ، تۈرلەرنى دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مۇشۇ ئاساستا، مەبلەغ سالىدىغان مۇھىم نۇقتىلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەخسۇس تۈر بويىچە نامراتلارنى يۆلەشتە دەل جايىدا، نىشانلىق كۈچەش، كەنت، ئائىلە، ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايون خامچوت ئىچىدىكى مالىيە مەخسۇس تۈرى بويىچە نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنىڭ %80تىن كۆپرەكىنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستىغا مايىللاشتۇردى؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا چۈشۈرۈپ بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مالىيە مەخسۇس تۈرى بويىچە نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى پۈتۈن ئاپتونوم رايون مەبلەغ ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ% 80تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى؛ ئېغىر نامرات ناھىيەلەرگە چۈشۈرۈپ بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مالىيە مەخسۇس تۈرى بويىچە نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ مەبلەغ ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %85تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشقا پۇختا ئاساس سالدى.

پۈتۈن كۈچنى توپلاپ ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، بىرلا جەڭ بىلەن غەلىبە قىلدى. دىققەتنى نامراتلار توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تومۇر تۇتۇپ كېسەل كۆرۈش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر قوللىنىپ، ئادەمگىچە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى زورايتىش»تەك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىرىنى تۇتقا قىلىپ، نامرات رايونلارغا شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىدى.

بۇرچ تاغدەك، مەسئۇلىيەت ئۇيۇلتاشتەك مۇستەھكەم بولدى. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، دېھقان تىلىدا سۆزلىشىپ، دېھقانلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون ھەر يىلى 70 مىڭدىن ئارتۇق كادىرنى تاللاپ ئەۋەتىپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 3666 نامرات كەنتكە 1 - شۇجى ئەۋەتىش ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇشۇ ئاساستا كەنت دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى يولغا قويۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى.

«بەش دەرىجىلىك شۇجى تەڭ تۇتۇش» مەسئۇلىيەت مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىش - ھەيدەكچىلىك قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش - چارلاپ تەكشۈرۈش، ياردەم بېرىش - يېتەكچىلىك قىلىش، سانلىق مەلۇمات سۈپىتىنى باھالاش، نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس تۈر بويىچە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى دائىم قانات يايدۇرۇپ، يىل ئاخىرىدا ئەڭ قاتتىق بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈپ باھالاش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجە - ئۈنۈمىنىڭ دەل جايىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

جاپا - مۇشەققەت، ئوڭۇشسىزلىقنى باشتىن كەچۈرگەندىلا، جاسارەتنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ، قىيىنچىلىق، خەۋپ - خەتەردە تاۋلانغاندىلا، ئاجايىپ گۈزەللىكنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ. كۈن - كۈنگە ئۇلاندى، يىل - يىلغا ئۇلاندى، ئاستا - ئاستا، ئۈن - تىنسىز ئۆزگىرىشلەر ھەرقايسى جايلاردا بارلىققا كېلىپ، سانسىزلىغان نامرات ئاممىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى.

ئورۇننى توغرا بەلگىلەپ، نىشانلىق كۈچەپ نامراتلىق يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلىدى

كېسەللىك سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، مېيىپلىك سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، بالىلىرىنى ئوقۇتۇش سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، ئاپەت سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، يەر كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، سۇ كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، تېخنىكا كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، مەبلەغ كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش... خىلمۇخىل نامراتلىشىپ كېتىش سەۋەبلىرىگە قارىتا، شىنجاڭ دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى زورايتىش» ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش چوڭ سىنىقىغا جاۋاب بېرىپ، نامرات ئائىلىلەر ۋە نامرات نوپۇسنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن قاراتمىلىق ياردەم بېرىپ، يۆلەپ، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇش، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«بالام كىچىك، سىرتقا چىقىپ ئىشلىيەلمەيمەن، لېكىن سىرتقا چىقىپ ئىشلىمىسەم پۇل تاپالمايمەن.» خوتەن ناھىيەسى يېڭىئاۋات يېزىسى غەجەك كەنتىنىڭ ئاھالىسى بۇئايشەم ئىمىن ئىلگىرى دۇچ كەلگەن «ئىلگىرىلەش - چېكىنىش قىيىن بولۇش»تەك قىيىن ئەھۋالغا قارىتا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن ئىبارەت بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقىدىغان ھەل قىلىش چارىسى تېپىلدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىچكىرى رايونلاردىكى بارغانسېرى كۆپ كارخانا شىنجاڭغا ماكانلاشتى، نۇرغۇن يېزا - كەنتلەردە نامراتلارنى يۆلەش سېخلىرى قۇرۇلدى، ھەرقايسى جايلاردىكى نامرات ئاممىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا «ئالتۇن تاۋاق»قا ئېرىشىشتەك ئاددىي ئارزۇسى ئىشقا ئاشتى.

پامىر ئېگىزلىكىدىكى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى چېگرا قوغدىغۇچىلار ياردەم پۇلىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئائىلە شارائىتى قىيىن بولغان چېگرا ئاھالىسىنى چېگرا قوغدىغۇچىلىققا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، چېگرا ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.

«دۆلەت بىزنىڭ ئايلىق ياردەم پۇلىمىزنى 2600 يۈەنگە ئۆستۈردى، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە تېخىمۇ ئىشەنچىمىز بار بولدى» دېدى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى ۋەچە يېزىسى شەبۇزقەلە كەنتىدىكى چېگرا قوغدىغۇچى دۆلەتمەن كەيمىك «پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت، بىز ۋەتەننى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش پولات سېپىلىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد مۇستەھكەملەيمىز».

«بىر جاينىڭ سۇ، تۇپرىقى شۇ جاينىڭ كىشىلىرىنى باقالماسلىق» مەسىلىسىگە قارىتا، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى. ئاقتۇ ناھىيەسى قىزىلتو يېزىسى قاپقا كەنتىنىڭ ئاھالىسى سىدىق سېتىۋالدى چوڭ تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىن ناھىيە بازىرىغا ئانچە يىراق بولمىغان نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش نۇقتىسى «سىلۇ جيايۈەن» ئولتۇراق رايونىغا كۆچۈپ كەلدى. يېڭى ماكانغا ماسلىشىپ، يېڭى تۇرمۇشقا سىڭىپ كىردى، ئۇ ئۆي بېزەش تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەچكە، ئايلىق كىرىمى 3000 يۈەنگە يېقىنلىشىپ، تەقدىرنىڭ مۇھاسىرىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈشنى تاماملىدى.

نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشى، نامرات كەنتلەرنى يۈكسەلدۈرۈش قۇرۇلۇشى، نامرات نوپۇسلارنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن ئەشيا ئوبوروتىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەپ بېيىش باشلامچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش - تەربىيەلەش، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بويىچە بىر كۆزنەكتە راسچوت قىلىش، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش... تۈرلۈك تەدبىرلەر خۇددى ئۆتكۈر يا ئوقلىرىدەك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىنى توسۇۋالغان قاتمۇقات توسالغۇلارنى دەل جايىدا بۇزۇپ تاشلىدى.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى %96.4 نامرات نوپۇس كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە قاتناشقان بولۇپ، جەمئىي 216 مىڭ كىشى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ئىش ئورنىغا چىقىرىلغان.

ئىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش، ئىش داۋامىدا قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، ئىشتىن كېيىن كاپالەتلەندۈرۈشتەك پۈتۈن بىر يۈرۈش نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمى نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئاساسنى تېخىمۇ پۇختىلىدى.

«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىزگە تىرەك بولغاچقا، بۇ نامراتلىق قالپىقىنى ئۈزۈل - كېسىل ئېلىۋېتەلىدۇق» ھەر قېتىم بۇلتۇر يۈزبەرگەن ئاشۇ ئىشنى ئويلىغىنىدا، پەيزاۋات ناھىيەسى قىزىلبويى بازىرى ئايدىڭ كەنتىنىڭ ئاھالىسى ھامۇت قادىر ھاياجېنىنى باسالماي قالىدۇ.

ئەينى چاغدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ھامۇتنىڭ بالىسى دوختۇرخانىدا يېتىپ ئوپېراتسىيە قىلىنغاچقا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تېببىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قاتارلىقلار بويىچە ئاتچوت قىلدۇرغاندىن كېيىنمۇ يەنە نۇرغۇن پۇل تۆلەشكە توغرا كەلگەنىدى، ئايدىڭ كەنتىدىكى نامراتلارنى يۆلەشكە مەسئۇل خىزمەتچى خادىملار بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، دەرھال ھامۇت قادىرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ زىيارەت قىلىپ، ئەھۋالنى تەپسىلىي ئىگىلىگەندىن كېيىن ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىغا مۇنداق ئىنكاس قىلدى: ھامۇت ئائىلىسى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، ھەر يىلى 6000 يۈەندىن كۆپرەك ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، 4 - ئايدا ئائىلىسىدىكى بىر ئادەم ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يەردىن ئالغان پايدا 2400 يۈەن، بۇنىڭغا تۈرلۈك ياردەم تولۇقلىمىلىرىنى قوشقاندا، يىللىق كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 8000 يۈەندىن ئاشىدۇ. ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ئىنكاس قىلىنغان ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ھامۇت ئائىلىسىنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش توغرىسىدىكى «قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش»نى بىكار قىلدى.

2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت دەرىجىلىك 32 نامرات ناھىيەدىكى دېھقانلارنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 2012 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 5986 يۈەندىن ئېشىپ 12 مىڭ 35 يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %12.3 ئاشتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1964.21 يۈەندىن ئېشىپ 11163 يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %28.17 ئاشتى.

يېڭى قىياپەت نامايان بولۇپ، كۈرەشنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدىن داۋاملاشتۇردى

پەيزاۋات ناھىيەسى جامباز يېزىسى يىپەكچى كەنتىنىڭ ئاھالىسى مۇسا ھاشىمنىڭ ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىدە، ئاشۇ كۈنى ئۇ جۈمەكتىن سۇ چۈشكەندىن كېيىنكى بىرىنچى ئىستاكان سۇنى ئىچىشنى ساقلاپ تۇرغانىدى. ئۇ سۇنى ئاغزىغا ئېلىپ ئالدىرماي «تېتىپ»، ئاندىن بىراقلا يۇتۇۋېتىپ، ھاياجانلانغان ھالدا ئائىلىسىدىكىلەرگە: «تاتلىقكەن!» دېدى.

پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ قىرتاق سۇ بىلەن خوشلىشىپ، تاتلىق سۇ ئىچىش ئارزۇسى بۈگۈنكى كۈندە ئاخىر ئىشقا ئاشتى − پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ شەھەر - يېزىلىرىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق نەچچە يۈز كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مۇز تاغ چوققىسىدىكى قار، مۇز سۈيى مۇقىم، ئەلا سۈپەتلىك سۇ مەنبەسى قىلىنىپ باشلاپ كېلىندى، 2000 كىلومېتىرغا يېقىن سۇ تۇرۇبىسى ياتقۇزۇلۇپ، پاكىز، بىخەتەر تۇرۇبا سۈيى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلدى.

ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ كۈنسېرى مۇكەممەللىشىشى، نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى پۇختا ھەم كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلدى.

گۇما ناھىيەسى چودا يېزىسى ئاياغ چودا كەنتىنىڭ ئۈچ تەرىپىنى قۇملۇق ئوراپ تۇرىدۇ، ئىلگىرى، شەھەرگە بېرىشتا پەقەت بىرلا قۇم توپىلىق يول بار ئىدى، بۇنداق قاتناش شارائىتى كەنتتىكى «تىجارەتچى» سۇلايمان مەخمۇتنىڭ بېشىنى قاتتۇراتتى. «كالا، قوي سېتىۋېلىپ سىرتقا ئېلىپ چىقىپ ساتماقچى بولساق، ئانچە يىراققا بارالمايتۇق، يەنە كېلىپ ئەتراپتىكى بازار چەكلىك بولغاچقا، ھېچقانچە پۇل تاپالمايتتۇق» دېدى ئۇ.

2019 - يىلى 7 - ئايدا، خوتەن - قەشقەر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلاندى. كەنتتىن چىقسىلا بىۋاسىتە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا كىرگىلى بولاتتى، سۇلايمان كەنتتىكى ئون نەچچە ئادەمنى باشلاپ، كالا، قويلارنى تېخىمۇ يىراقتىكى گۇما ناھىيەسى، خوتەن شەھىرى قاتارلىق جايلارغا ئاپىرىپ سېتىپ، كىرىمىنى نەچچە قاتلىدى.

2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى نامرات ئامما مائارىپ، داۋالىنىش جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، تۇرالغۇ ۋە ئىچىدىغان سۈيىنىڭ ھەممىسى بىخەتەر بولدى. نامرات رايونلارنىڭ ئۇل شارائىتى تارىخىي خاراكتېرلىك ياخشىلاندى، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى، سۇ، توك، يول، گاز، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى، بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول دەۋرىگە قەدەم قويدى.

«يېزىلاردىكى كەمتۈكلۈك»لەرنى تولۇقلاش، «قىل قان تومۇر»لارنى راۋانلاشتۇرۇش بىلەن بىللە، شىنجاڭ يەنە مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا «كۈچ قوشتى» − نامرات نوپۇسنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى بىردەك %100كە يەتتى؛ ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى «ئالدى بىلەن داۋالاش، ئاندىن ھەق تۆلەش» ۋە «بىر كۆزنەك»تە راسچوت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئۈچ يىلدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ئۈچۈن ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇش تارىخىغا ئىگە يېزا - كەنت دوختۇرىدىن 1330 كىشى نىشانلىق تەربىيەلەپ بېرىلىپ، نامرات يېزا - كەنتلەرنىڭ ھەممىسىگە لاياقەتلىك دوختۇرلار سەپلىنىپ، يېزا - كەنت دوختۇرخانا (داۋالاش ئۆيى)لىرىنىڭ ئۆلچەملىشىش نىسبىتى بىردەك %100كە يېتىپ، ئائىلىدە كىچىك دورا ساندۇقى بولۇش، كەنتتە داۋالاش ئۆيى بولۇش، يېزىدا دوختۇرخانا بولۇش، ۋىلايەت، ناھىيەدە 2A دەرىجىلىك دوختۇرخانا بولۇش ئىشقا ئاشتى.

تۇرمۇش مۇھىتى ياخشىلىنىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسى ئۆسكەنلىكتىن، ئاممىنىڭ روھىي قىياپىتىدىمۇ تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى − ئۆزىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، يېزا - كەنت مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى موللاشتى، كۈلكە - چاقچاقلار كۆپەيدى؛ كىشىلەر خاتىرجەم بولدى، كەيپىياتى ئىزىغا چۈشتى، بىرىكمە كۈچ يېتەرلىك بولدى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

شامال كۈچەيدى، دولقۇنلار مەۋج ئۇردى. نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. ھازىر، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلۈپ بولدى، ئارزۇ - ئارمانلار كۆڭۈلگە پۈكۈلدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئامما جاسارەت بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا يېتىش ئۈچۈن «سۈرئەتنى تېزلەتمەكتە».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.