تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

بىر نىيەتتە شانلىق نەتىجىلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، كۈچنى يېڭى مۇساپىگە مۇجەسسەملەيلى

− سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز

□ گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

70 يىل جاپا - مۇشەققەتتە ھەمسەپەر بولۇش، 70 يىل ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇش. باش يازدا رەڭگارەڭ گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغاندا، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، بۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش، خۇشاللىنارلىق ئىش، بىز ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ۋەتەنپەرۋەرلىك، سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى. ھەيۋەتلىك كوئېنلۇن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمىنىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى ئەمەلىيىتى ۋە جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىشىغا گۇۋاھ بولدى؛ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا سىياسىي كېڭەشنىڭ خەلقنى مەركەز قىلىپ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى ئۈچۈن توختىماي ماڭغان ئىزلىرى ئويۇلدى. بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش سىياسىي كېڭەشنىڭ بىرلىك سەپلىك تەشكىللەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاكتىپ ئامىللارنى تىرىشىپ قوزغىتىپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمى كۆپ تەرەپلىك خاس ئەۋزەللىككە ئىگە، جەزمەن ھەسسىلەپ قەدىرلەش، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

كىشى قەلبى ئەڭ چوڭ سىياسى، ئورتاق تونۇش جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. شىنجاڭ خىزمىتى ئۇزاق مۇددەتلىككە، مۇرەككەپلىككە، مۈشكۈللۈككە ئىگە. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئىدېئولوگىيە ساھەسى بازىسىدا، سۈزۈك سۇ، كۆك ئاسماننى قوغداش ئېكولوگىيە مۇداپىئە لىنىيەسىدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش جەڭ مەيدانىدا، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىدە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يولىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇشتىكى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، سىياسىي كېڭەش ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي سەھىپىسىنى پۈتتى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات مۇساپىسى شۇنى قايىل قىلارلىق ئىسپاتلىدىكى، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن پارتىيەنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېرى، ئورنىنى توغرا ئىگىلەپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىچە سىياسىي پارتىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، دىققەتنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خەلق ئۈچۈن دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئىتتىپاقلىق تۆمۈر، ئىتتىپاقلىق پولات، ئىتتىپاقلىق كۈچ. يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا موھتاج، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيىتى مۇھىم، زور، بۇرچى شەرەپلىك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئاساسىي ئوقى قىلىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىشنى خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشنى مەركىزىي ھالقا قىلىپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە قويۇلغان تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.

بىر نىيەتتە شانلىق نەتىجىلەرنى روياپقا چىقىرىش، كۈچنى يېڭى مۇساپىگە مۇجەسسەملەش. بىز «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز ۋە بۇرچ تۇيغۇمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.