تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، مەخسۇس كۈرەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش كېرەك

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» بېسىپ تارقاتتى

قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، مەخسۇس كۈرەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، مەخسۇس كۈرەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىستېمىلىق تۈزەش، قانۇن بويىچە تۈزەش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەشنى كۈچەيتىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلىرىگە بولغان يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى سىجىل ساقلاپ، ئۈنۈملۈك چۆچۈتۈش شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرگە چېتىلىدىغان جىنايەتلەرنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، كەسىپ - ساھەلەرنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە مەخسۇس تۈزەشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى «چىۋىنگە زەربە بېرىش»، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، دېموكراتىك كېڭىشىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالەتلەندۈرىدىغان، پەن - تېخنىكا تىرەك بولىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر رايونىدا جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى يېتەكچى قىلغان باھالاش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش، كەسپىيلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال - خۇرام ئىشلىشىگە، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىغا، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەنبەدىن تۈزەيدىغان ئالدىنى ئېلىش، تۈزەش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. مەخسۇس تۈزەشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، كەسىپ - ساھەلەرنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ھالدا پۇل مۇئامىلە قەرز پۇلى، قۇرۇلۇش، قاتناش - تىرانسپورت، بازار ئوبوروتى، تەبىئىي بايلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، مەدەنىيەت - ساياھەت، مائارىپ - سەھىيە، ئۇچۇر تورى ۋە جەمئىيەت ئامانلىقى قاتارلىق كەسىپ - ساھەلەردە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە قالايمىقانچىلىقلارنى ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، «كەنت زومىگىرى» قاتارلىق قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ كاشىلا قىلىش، چىرىتىش، جەمەت كۈچلىرىنىڭ تەسىرى ئېغىر بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ سىجىل ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش كېرەك. ئەقلىي ئىقتىدارلىق، ئاشكارا بولغان پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. يىپ ئۇچىنى پاش قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش ئىشخانىسى 12337 ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان پاش قىلىش سۇپىسىنى دائىملىق يۈرۈشتۈرۈپ، ئامما پاش قىلغان قارا، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق يىپ ئۇچىنى بىرتۇتاش بۆلۈپ بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، دەرىجە بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك قايتا قاراپ چىقىپ بېجىرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە پاش قىلىنغان يىپ ئۇچىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش بويىچە ئۈچ دەرىجە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. بالدۇر زەربە بېرىش، كىچىكىدە زەربە بېرىشتەك قانۇن بويىچە جازالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش قاتارلىقلار ئارقىلىق قارا، رەزىل كۈچلەرگە چېتىلىدىغان جىنايەتلەرنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، تەتقىق قىلىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر، نۇقتىلىق سورۇنلار، نۇقتىلىق ساھەلەر قاتارلىقلاردىن قارا، رەزىل كۈچلەرگە چېتىلىدىغان يىپ ئۇچىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىپ، باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىش، كېيىنكى خەۋپنى تۈگىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، كۈندىلىك نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام بىلەن قانۇننىڭ ماسلىشىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇن - نىزام ھەم ئالاقىدار ئەدلىيە ئىزاھاتلىرى، قېلىپلاشقان ھۆججەت قاتارلىقلارنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشىنىڭ باشتىن - ئاخىر قانۇنچىللىق يولىدا يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك بولغان نازارەتچىلىك قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. مەركەز قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشقا نازارەتچىلىك قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش - تەكشۈرۈشنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇپ، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە ئۈچ دەرىجە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ نازارەتچىلىك قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش - تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، مەملىكەتلىك قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش ئىشخانىسى ھەر يىلى قارا، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق بىر تۈركۈم چوڭ دېلو، مۇھىم دېلولارنى ۋىۋىسكا ئېسىپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مەملىكەتلىك قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش ئىشخانىسىنىڭ نازارەتچىلىك قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش خاس ۋەكىللەر قوشۇنىنى ساقلاپ قېلىپ ھەمدە قۇرۇلمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە ئۈچ دەرىجە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ نازارەتچىلىك قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش خاس ۋەكىللەر قوشۇنىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، خاس ۋەكىل ئەۋەتىپ نازارەتچىلىك قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىشنى ھەرىكەتچان قانات يايدۇرۇپ، ۋاقتىدا مەسىلىلەرنى بايقاپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، نازارەتچىلىك قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش شەكلى - ئۇسۇلىنى سىجىل ياخشىلاپ، كەڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتلەرگە قارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. رىغبەتلەندۈرۈش، چەكلەشنى تەكشۈرۈش - باھالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشىنى تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى بويىچە تەكشۈرۈش - باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى بويىچە باھالاش، تەقدىرلەشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىپ، نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان رايون، ئورۇن ۋە شەخسلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەقدىرلەپ، زەربە بېرىشكە جۈرئەت قىلالمىغان، ھەقىقىي زەربە بەرمىگەن، چوڭقۇر زەربە بەرمىگەن ئارقىدا قالغان جايلارنى نۇقتىلىق ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ باھاسىغا قۇلاق سېلىپ، خەلقتىن ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش جاۋابكارلىقىنى كەينىگە ياندۇرۇپ تەكشۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىشقا، تاكامۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىجىل ئالغا سىلجىتىلىدىغان تەشكىلىي رەھبەرلىك مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئەسلىدىكى مەملىكەتلىك قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە ئىش تەقسىماتىغا ئاساسەن، مەركەز مەملىكەتلىك قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە ئۇنىڭ ئىشخانىسىنى قۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئالاقىدار تارماقلار مۇناسىپ رەھبەرلىك ۋە ئىش بېجىرىش ئاپپاراتلىرىنى ساقلاپ قېلىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشىنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىگە كىرگۈزۈپ پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ھەر تەرەپلىمە كاپالەتنى كۈچەيتىپ، كەسپىيلەشكەن قوشۇننى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىجابىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇندىن پايدىلىنىپ قارا، رەزىل كۈچلەرگە قارشى كۈرەش قىلىشتىكى ئىشەنچى ۋە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلاردىكى پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشىدىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇپ، ئۆزى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، قىيىنىغا تېگىشكە جۈرئەت قىلىپ، بايرىقى روشەن ھالدا قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشىنى قوللاپ، سىياسىي قانۇن ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە دېلو بېجىرىشى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى، «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»نى چوڭقۇر قېزىشى، تەلتۆكۈس تەكشۈرۈشى ئۈچۈن توسالغۇلارنى تۈگىتىشى، كۈچلۈك مەدەت بېرىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي قانۇن ئورگانلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشىدىكى بىۋاسىتە مەسئۇل كىشى بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي قانۇن ئورگانلىرى بىر دەرىجە تۆۋەن ئورگانلارنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشىگە بولغان نازارەتچىلىك قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېتەكچىلىك قىلىش، ماسلاشتۇرۇش ۋە قوللاش، ياردەم بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەت يۆنىلىشىنىڭ توغرا بولۇشىغا، دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر كەسىپ، ھەر ساھەلەرنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئۆز كەسىپ، ئۆز ساھەسىنى تۈزەشتىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇپ، كەسىپ - ساھەلەرنى تۈزەشكە پۈتۈن جەريان بويىچە رەھبەرلىك قىلىپ، ئۆتكەلنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، كەسىپ - ساھەلەرگە ئالاقىدار قائىدە - تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى ئاخىرغىچە تەكشۈرۈپ، قەتئىي يۈز - خاتىر قىلماي، بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، كەسىپ - ساھەلەردىكى قالايمىقانچىلىقنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەرگە ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.