تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

ئۆلۈپ كەتسەم بوپتىكەن ياۋغا قارشى جەڭدە مەن، قالماس ئىدىم ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك قىسمەتكە

جى خۇڭچاڭ:

ئۆلۈپ كەتسەم بوپتىكەن ياۋغا قارشى جەڭدە مەن، قالماس ئىدىم ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك قىسمەتكە

جى خۇڭچاڭنىڭ سۈرىتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جەي جو

خېنەن ئۆلكىسى جوۋكوۋ شەھىرى فۇگوۋ ناھىيەسىدىكى جياڭجۈن جى خۇڭچاڭ خاتىرە سارىيى ئالدىدا، مىللىي قەھرىمان جى خۇڭچاڭنىڭ مىس ھەيكىلى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرگەن بولۇپ، سۈرلۈك ۋە مەردانە كۆرۈنەتتى. بۇ جاي فۇگوۋ ناھىيەسىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك ئىمارەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، نۇرغۇن ساياھەتچى يامغۇرغا قارىماي، جياڭجۈن جى خۇڭچاڭنىڭ مىس ھەيكىلى ئالدىغا كېلىپ، گۈلچەمبىرەك قويۇپ، سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈپ، ئىنقىلابىي قۇرباننى ياد ئەتتى.

جى خۇڭچاڭ 1895 - يىلى تۇغۇلغان، خېنەن فۇگوۋدىن. 1913 - يىلى فېڭ يۈشياڭ قوشۇنىغا قاتناشقان. 1921 - يىلى فېڭ يۈشياڭ قوشۇنى 11 - شى قىلىپ كېڭەيتىلگەندە، جى خۇڭچاڭ يىڭجاڭلىققا تەيىنلەنگەن. 1925 - يىلى 10 - ئايدا، جى خۇڭچاڭ سۈييۈەن دۇبەن مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاتلىق ئەسكەرلەر تۇەنىنىڭ تۇەنجاڭلىقىغا، قوشۇمچە ساقچى ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن، ئۇزاق ئۆتمەي يەنە 36 - لۈنىڭ لۈجاڭلىقىغا كۆرسىتىلگەن.

1926 - يىلى 9 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىدىن ليۇ بوجيەن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە، فېڭ يۈشياڭ قوشۇنى سۈييۈەن ئۆلكىسىنىڭ ۋۇيۈەندە قەسەمياد يىغىنى ئېچىپ، شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا ئاۋاز قوشقان، جى خۇڭچاڭ 36 - لۈنى باشلاپ نەچچە ئاي قورشاۋدا قالغان شىئەننى قۇتقۇزۇشقا دەرھال ئاتلىنىپ، مىڭ چاقىرىملاپ يول يۈرۈپ شىئەن شەھىرىنى خەتەردىن قۇتۇلدۇرغان.

1927 - يىلى 36 - لۈ 19 - شى قىلىپ كېڭەيتىلگەن، جى خۇڭچاڭ شىجاڭلىققا تەيىنلىنىپ، قىسىمنى باشلاپ تۇڭگۇەنگە كىرگەن. بۇ مەزگىلدە، ئۇ بىر تەرەپتىن، كوممۇنىستلارنىڭ قىسىمدا سىياسىي خىزمەتنى قانات يايدۇرۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ليۇ بوجيەن، شۈەن شيافۇ، ۋېي يېچوۋ قاتارلىق داڭلىق كوممۇنىستلار بىلەن قويۇق بېرىش - كېلىش قىلىپ، ئۇلاردىن ئىنقىلابىي داۋلىلارنى ئۆگەنگەن.

1927 - يىلى 7 - ئايدا، جياڭ جيېشى بىلەن فېڭ يۈشياڭنىڭ شۈجوۋ يىغىنىدىن كېيىن، 2 - جىتۇەنجۈننىڭ ئىچكى قىسمىدا پارتىيەنى تازىلاپ «مېھمان ئۇزىتىش» ئېلىپ بېرىلىپ، زور بىر تۈركۈم كوممۇنىستلار «ھۆرمەت بىلەن ئۇزىتىلىپ» قىسىمدىن ئايرىلغان، لېكىن 19 - شىدا جى خۇڭچاڭ «مېھمان ئۇزىتىش» قىلمىغان، بەلكى بىر تۈركۈم كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنى يوشۇرۇن قوغداپ قالغان. 1931 - يىلى يازدا، ئىشپىيونلارنىڭ پاش قىلىشى بىلەن، جى خۇڭچاڭنىڭ خۇاڭچۇەن قوزغىلىڭى پىلانى بۆشۈكىدىلا مەغلۇپ بولغان. 1931 - يىلى 8 - ئايدا، جياڭ جيېشى جى خۇڭچاڭنىڭ ھەربىي ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلاپ، مەجبۇرىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۇنى «چەت ئەلگە تەكشۈرۈش»كە ئەۋەتكەن.

جى خۇڭچاڭ بۇ قېتىم چەت ئەلگە چىققان ۋاقىت دەل «18 - سېنتەبىر» ۋەقەسى پارتلىغان چاغ ئىدى. جى خۇڭچاڭ ياۋروپا، ئامېرىكا قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەتنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىپ، يول بويى ھەرقايسى جايلاردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارغا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشنى پائال تەشۋىق قىلغان.

بىر قېتىم ئۇ دۆلەت ئىچىگە پوچتىدىن كىيىم - كېچەك ئەۋەتمەكچى بولغاندا، ئامېرىكا پوچتا ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى «جۇڭگونى بىلمەيمەن» دەپ تۇرۇۋالغان، جى خۇڭچاڭ ئىنتايىن غەزەپلەنگەن، ئۇنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ ئىشپىيونى ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ: «ئەگەر ئۆزىڭىزنى ياپونلۇق دېسىڭىز، ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا ئېرىشىسىز» دېگەن. ئۇ غەزەپ بىلەن: «سەن جۇڭگولۇق بولۇشنى نومۇس دەپ بىلگىنىڭ بىلەن، مەن جۇڭگولۇق بولۇشنى چەكسىز شەرەپ بىلىمەن!» دېگەن. ئۇ مېھمانخانىغا قايتقاندىن كېيىن، دەرھال ياغاچتىن ئىزناك ياساپ ئۈستىگە «مەن جۇڭگولۇق» دېگەن خەتنى ۋە ئىنگلىزچە تەرجىمىسىنى يېزىپ قويغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ھەر قېتىم زىياپەتكە بارغاندا ياكى كىشىلەر بىلەن باردى - كەلدى قىلغاندا، ئۇ دائىم بۇ ياغاچ ئىزناكنى مەيدىسىگە تاقىۋالغان.

1932 - يىلى 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، جى خۇڭچاڭ چەت ئەلدىن شاڭخەيگە قايتىپ كەلگەن. ئۇ دەرھال جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق يەر ئاستى پارتىيە تەشكىلاتىنى تېپىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى بۈيۈك پىلانى ئۈستىدە كېڭەشكەن. شۇ يىلى كۈزدە، ئۇ بېيپىڭدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.

1932 - يىلى 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، فېڭ يۈشياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا ئورتاق قارشى تۇرۇشقا بەل باغلىغان، جى خۇڭچاڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى قوراللىق كۈچلەرنىڭ چاخاردا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىش پىلانى ئۈچۈن تەرەپ - تەرەپكە چاپقان. ئۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۆي - بىساتىنى سېتىپ 60 مىڭ يۈەنگە قورال - ياراغ سېتىۋالغان. 1933 - يىلى 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئۇ پارتىيەنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، جاڭجياكوۋغا جىددىي بېرىپ، فېڭ يۈشياڭنىڭ تۇغ كۆتۈرۈپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشىغا ياردەملەشكەن.

1933 - يىلى 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چاخار خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئىتتىپاقداش ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىپ، جى خۇڭچاڭ 2 - جۈننىڭ جۈنجاڭلىقىغا تەيىنلەنگەن. 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، فېڭ يۈشياڭ جى خۇڭچاڭنى شىمالىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ ئالدىنقى سەپ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىگەن. ئۇ ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ ئاساسىي كۈچىنى باشلاپ ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ شىمالغا يۈرۈش قىلغان، بىر ئاي ئىچىدە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئىتتىپاقداش ئارمىيە چاخارنىڭ شىمالىدىكى تۆت ناھىيەنى كەينى - كەينىدىن قايتۇرۇۋېلىپ، ياپون ئارمىيەسىنى 18 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ئېغىر زەربىگە ئۇچرىتىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنى زىلزىلىگە سالغان.

1934 - يىلى 5 - ئايدا، جى خۇڭچاڭ «جۇڭگو خەلقىنىڭ فاشىزمغا قارشى بۈيۈك ئىتتىپاقى»نى تەشكىللەشكە قاتنىشىپ، مۇدىر ھەيئەتلىكىگە سايلانغان. بۇ چاغدا جى خۇڭچاڭنىڭ تيەنجىندىكى فىرانسىيە كونسېسسىيەسىنىڭ شيافېي يولى 40 - نومۇردىكى ئۆيى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ يەر ئاستى ئالاقە پونكىتىغا ئايلانغانىدى. ئۈستۈنكى قەۋەتنىڭ بىر بۇرجىكىدە، ئۇ يەنە ئاددىي باسمىخانا تەسىس قىلىپ، فاشىزمغا قارشى بۈيۈك ئىتتىپاقنىڭ ئورگان ژۇرنىلى − «مىللەتنىڭ ئۇرۇش بايرىقى» ۋە پارتىيەنىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرىنى باسقان.

جى خۇڭچاڭنىڭ ئىش - ھەرىكىتى دۈشمەننىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان. جياڭ جيېشى بېيپىڭ شۆبە ھەربىي كومىتېتىغا ھەرقانداق ۋاسىتە قوللىنىشتىن باش تارتماي جى خۇڭچاڭنى قولغا ئېلىپ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا قاتتىق بۇيرۇق چۈشۈرگەن. 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى كەچتە، جى خۇڭچاڭ قولغا ئېلىنغان.

گومىنداڭنىڭ بېيپىڭ شۆبە ھەربىي كومىتېتى ئاتالمىش ھەربىي قانۇن بويىچە ئاچقان كوللېكتىپ سوتتا، ئۇ ھەققانىي سۆزلەرنى قىلىپ، دۈشمەننىڭ سوتىنى مۇنبەرگە ئايلاندۇرۇپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىل كۈچلىرىنىڭ دۆلەتكە ۋە خەلققە ئاپەت ئېلىپ كەلگەن، دۆلەت ئىچىدىكىلەرگە زورلۇق قىلىپ، چەت ئەللىكلەرگە خۇشامەت قىلغانلىق جىنايىتىنى بايان قىلىپ، تەنتەنە بىلەن: «مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، پارتىيەمىزنىڭ مەسلەكى ئۈچۈن، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلالىغانلىقىم، مېنىڭ پۈتكۈل ھاياتىمدىكى ئەڭ زور شەرىپىم» دەپ جاكارلىغان.

ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىش ئالدىدا، ئۇ دەرەخ شېخىنى قەلەم، يەرنى قەغەز قىلىپ مۇنداق مەردانە مىسرالارنى يازغان: «ئۆلۈپ كەتسەم بوپتىكەن ياۋغا قارشى جەڭدە مەن، قالماس ئىدىم ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك قىسمەتكە. ۋەتىنىم كۈلپەت ئىچىدە، غەم قىلماي تۇرالامدىم، مىڭ تەسەددۇق ۋەتەن ئۈچۈن ئۇشبۇ جانىم بولسا تەندە!» 1934 - يىلى 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، جى خۇڭچاڭ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئۇ 39 ياشتا ئىدى.

2009 - يىلى، جى خۇڭچاڭ «يېڭى جۇڭگو قۇرۇشقا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان 100 قەھرىمان نەمۇنىچى شەخس» بولۇپ باھالانغان.

جى خۇڭچاڭنىڭ قىزى جى رۇيجى مۇنداق دېدى: «دادامنىڭ بىزدىن ئايرىلغىنىغا 87 يىل بولدى، لېكىن مەن ئۇنى ئىزچىل يېنىمدا باردەك ھېس قىلىمەن، ئۇنىڭ روھى مېنى ئىزچىل رىغبەتلەندۈرۈپ كەلدى. دادام پارتىيەمىزنىڭ پەخرى، مىللەتنىڭ پەخرى، ئۇنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى ئۆچمەس مىللەت روھىغا ۋە تۈگىمەس روھىي بايلىققا ئايلاندى، ئۇنىڭدا نامايان بولغان يۈكسەك روھ ۋە مەردانە خىسلەت مۇقەررەر ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىشقا ئۈندەيدۇ».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جېڭجوۋ، 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.