تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

«پولات قوشۇندىكى ئارقا مۇھاپىزەتچى»لىك خىسلىتىنى نامايان قىلىپ، گاۋتەيدە قان كېچىپ شەرەپ قۇچۇش

دۇڭ جېنتاڭ:

«پولات قوشۇندىكى ئارقا مۇھاپىزەتچى»لىك خىسلىتىنى نامايان قىلىپ، گاۋتەيدە قان كېچىپ شەرەپ قۇچۇش

دۇڭ جېنتاڭنىڭ سۈرىتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى بەي مىڭشەن

خېبېي ئۆلكىسى شىنخې ناھىيەسىگە جايلاشقان دۇڭ جېنتاڭ ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسىغا كىرگەندە، قاتار تىزىلغان كۆرگەزمە تاختىلىرى، سۈرەتلەر، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى جياڭجۈن دۇڭ جېنتاڭ ۋە ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ قۇربان بېرىشتىن قورقماي، دۈشمەن بىلەن جان تىكىپ ئېلىشقان جەڭ كۆرۈنۈشلىرىنى بايان قىلىپ تۇراتتى.

قىزىل 5 - جۈنتۇەننىڭ ئارمىيە بايرىقى ئالدىدا، نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچى قەدەملىرىنى توختىتىپ خېلى ئۇزاق تۇردى. كۆرگەزمىخانىنىڭ باشلىقى سۇڭ شيۇيىڭ ئارمىيە بايرىقى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن سۆزلەپ بەردى، كىشىلەرنىڭ ئوي - خىياللىرى يەنە ئىنقىلابىي ئەجدادلار دۈشمەنلەر بىلەن جان تىكىپ ئېلىشقان ئۇرۇش يىللىرىغا قايتتى.

دۇڭ جېنتاڭ، 1895 - يىلى خېبېي شىنخې ناھىيەسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۆسمۈر چاغلىرىدىلا زېرەك بولۇپ، 1917 - يىلى بېيجىڭ چىڭخې قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن، 1923 - يىلى داڭلىق باۋدىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفىتسېرلار مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، فېڭ يۈشياڭنىڭ غەربىي شىمال ئارمىيەسىگە كىرىپ، ئۇرۇشتا ئالاھىدە تۆھپە كۆرسەتكەنلىكتىن، پەيجاڭلىقتىن دەرىجىمۇدەرىجە ئۆسۈپ شىجاڭلىققا تەيىنلەنگەن. 1930 - يىلى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك چوڭ ئۇرۇشىدىن كېيىن خەلق ئىنقىلابىي ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈۋېلىنىپ، 26 - ئارمىيە 73 - لۈنىڭ لۈجاڭلىقىغا تەيىنلەنگەن.

«18 - سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇ جياڭ جيېشىنىڭ «تاشقى كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن دۆلەت ئىچىنى تىنچىتىش» سىياسىتىگە قارشى تۇرۇپ، ئىدىيە جەھەتتە كۈنسايىن ئىنقىلابقا مايىللاشقان. ئارقىدىنلا جاۋ بوشېڭ، جى جېنتۇڭ قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە 26 - ئارمىيەنىڭ 17 مىڭدىن ئارتۇق ئوفىتسېر - ئەسكىرىنى باشلاپ نىڭدۇدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، قىزىل ئارمىيەگە قوشۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، جۇڭگو ئىنقىلابى تارىخىدا شانلىق سەھىپە پۈتكەن.

قوزغىلاڭچى قىسىم جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى 5 - جۈنتۇەنى بولۇپ تەشكىللىنىپ، دۇڭ جېنتاڭ جۈنتۇەننىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانلىقى، قوشۇمچە 13 - جۈننىڭ جۈنجاڭلىقىغا تەيىنلەنگەن، كېيىن قىزىل 5 - جۈننىڭ جۈنتۇەنجاڭلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قىسىمنى باشلاپ گەنجوۋ، جاڭجوۋ، نەنشيۇڭ شۈيكوۋ قاتارلىق جەنيىلەرگە قاتنىشىپ، كۆپ قېتىم جەڭدە تۆھپە كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق مەركىزىي ھۆكۈمىتى بەرگەن قىزىل بايراق ئوردېنىغا ئېرىشكەن. 1932 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.

1934 - يىلى 10 - ئايدا، دۇڭ جېنتاڭ قىسىمنى باشلاپ ئۇزۇن سەپەرگە قاتناشقان، قىزىل 5 - جۈنتۇەن ئەڭ جاپالىق «ئارقا مۇھاپىزەتچى»لىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئاساسىي كۈچىنىڭ شىمالغا يۈرۈش قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا كۆرۈنەرلىك تۆھپە كۆرسەتكەن، شۇڭا قىزىل 5 - جۈنتۇەن شەرەپ بىلەن «پولات قوشۇندىكى ئارقا مۇھاپىزەتچى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن.

1935 - يىلى 6 - ئايدا، 5 - جۈنتۇەننىڭ نامى 5 - جۈنگە ئۆزگەرتىلىپ، دۇڭ جېنتاڭ جۈنجاڭلىققا تەيىنلەنگەن. 1936 - يىلى 10 - ئايدا قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۈچ چوڭ ئاساسىي كۈچى خۇينىڭدا ئۇچراشقاندىن كېيىن، قىزىل 5 - جۈن غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىگە قوشۇۋېتىلىپ، نىڭشيا، گەنسۇ، شىنجاڭ تەرەپكە قاراپ ئىلگىرىلىگەن. 1937 - يىلى 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، دۇڭ جېنتاڭ قىسىمنى باشلاپ گەنسۇنىڭ گاۋتەي ناھىيەسىدە ئۆزىدىن ئالتە - يەتتە ھەسسە كۆپ دۈشمەن بىلەن قان كېچىپ جاپالىق جەڭ قىلغان، جەڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئادەم، بىر تال ئوق قالغۇچە داۋاملىشىپ، دۇڭ جېنتاڭ 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئۇ 42 ياشتا ئىدى.

دۇڭ جېنتاڭ قىزىل ئارمىيەنىڭ قۇربان بولغان ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك قوماندانلىرىنىڭ بىرى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شەنشىدىكى باۋتا تېغى باغرىدا تەزىيە بىلدۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزگەن، تەزىيە بىلدۈرۈش يىغىنىدا ماۋ زېدۇڭ ئۇنىڭغا باھا بېرىپ مۇنداق دېگەن: «ئات ئۇزۇن يولدا سىنىلىدۇ، دۇڭ جېنتاڭ قەتئىي ئىنقىلاب قىلغان يولداش».

سۇڭ شيۇيىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: كۆرگەزمىخانا مەخسۇس ئۆمەك تەكلىپ قىلىپ مۇكەممەل تەتقىقات - ئۆگىنىش دەرسلىك سىستېمىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئوقۇغۇچىلارنى دەرسخانىدىن چىقىپ، خاتىرە سارايغا كىرىپ، ئۇرۇش دەۋرىدىكى تۇرمۇشنى ھېس قىلىپ، تەستە قولغا كەلگەن تۇرمۇشنى قەدىرلەشكە ئىلھاملاندۇردى.

شىنخې ناھىيەسى جيۇخې دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىغا جايلاشقان بولۇپ، شورلىشىش، قۇملىشىشنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى %49.78كە يەتكەنىدى. شىنخې ئوغۇل - قىزلىرى پۇختا قەدەم بىلەن غەيرەتكە تولۇپ ئىشلەپ، 2019 - يىلى ناھىيە بويىچە نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، بۈگۈنكى كۈندە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىجياجۇاڭ، 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.