تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

​شاۋشەنچۇڭدىن چىققان «قىزىل ئائىلە باشقۇرغۇچى»

ماۋ زېمىن:

​شاۋشەنچۇڭدىن چىققان «قىزىل ئائىلە باشقۇرغۇچى»

ماۋ زېمىننىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۈەي سەي

باش يازدىكى شاۋشەنچۇڭ ياپيېشىل دەرەخلەر بىلەن ئورالغان بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىغا كىرگىنىمدە، ساياھەتچىلەر چۈشەندۈرگۈچىنىڭ ئەينى يىلى ماۋ زېدۇڭ ئاشخانىدىكى مەشنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، چوڭ ئىنىسى ماۋ زېمىن، كىچىك ئىنىسى ماۋ زېتەن ھەمدە نەۋرە سىڭلىسى ماۋ زېجيەنگە ئىنقىلاب داۋلىسىنى سۆزلىگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايىسىنى ئەستايىدىل ئاڭلاۋاتاتتى. شاۋشەندە، ماۋ زېمىن قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ھېكايىلىرى كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان.

ماۋ زېمىن، 1896 - يىلى تۇغۇلغان، خۇنەن شياڭتەن شاۋشەندىن. 1921 - يىلى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ، ناھايىتى تېزلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. 1925 - يىلى 2 - ئايدا ئاكىسى ماۋ زېدۇڭغا ئەگىشىپ شياڭتەن، شياڭشياڭغا بېرىپ دېھقانلار ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان، شۇ يىلى 9 - ئايدا گۇاڭجوۋ دېھقانلار ھەرىكىتى كۇرسىغا كىرىپ ئوقۇغان. ئارقىدىن، ماۋ زېمىن شاڭخەي، ۋۇخەن، تيەنجىن قاتارلىق جايلاردا يۆتكىلىپ يۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مەخپىي خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.

1931 - يىلىنىڭ بېشىدا، ماۋ زېمىن مەركىزىي ئىنقىلابىي تايانچ بازىغا كىرىپ، فۇجيەن - گۇاڭدۇڭ - جياڭشى ھەربىي رايونى ئىقتىساد بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 1931 - يىلى ماۋ زېمىن جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق مەركىزىي ھۆكۈمىتى بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى بولغان، ئۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۇل مۇئامىلە ئىختىساسلىقلىرى ئېغىر كەمچىل بولۇش، تەييارلىق فوندى بولماسلىق، سوۋېت رايونىدا كۆپ خىل پۇل قالايمىقان ئوبوروت قىلىنىش قاتارلىق قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان.

1933 - يىلى 5 - ئايدا، ماۋ زېمىن فۇجيەن - جياڭشى ئۆلكىسى سوۋېت ھۆكۈمىتى مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىقىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن، 1934 - يىلى 9 - ئايدا دۆلەت تاشقى سودا باش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقلىقىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن، سوۋېت رايونىنىڭ بانكا، مالىيە، سودا، زاۋۇت - كان قاتارلىق ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1934 - يىلى 10 - ئايدا، قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىشقا مەجبۇر بولغان، سوۋېت مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت بانكىسى 15 - دادۈينى تەشكىللىگەن، ماۋ زېمىن دادۈيجاڭ، قوشۇمچە مۇسادىرە قىلىش - توپلاش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئالدىن ئەۋەتىلگەن تۇەننىڭ مۇئاۋىن تۇەنجاڭى، باش تەمىنات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى بولغان. شۇ چاغدا كىشىلەر 15 - دادۈينى «ئەپكەش ئۈستىدىكى دۆلەت بانكىسى» دەپ ئاتىغان بولۇپ، ئۇلار ئۇزۇن سەپەردە توشۇش، يەرلىك زومىگەرلەرنى يوقىتىش، ئاشلىق توپلاش، پۇل توپلاش، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق مۈشكۈل ۋەزىپىلەرنى ھەل قىلغان.

1936 - يىلى 2 - ئايدا، ماۋ زېمىن جۇڭخۇا سوۋېت ئىشچى - دېھقانلار دېموكراتىك ھۆكۈمىتى خەلق ئىگىلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بولغان. ماۋ زېمىن ئۇزاق مەزگىل مالىيە چوڭ ھوقۇقىنى تۇتۇپ، ناھايىتى پاك - دۇرۇس بولغان، ئۆزىگە زەررىچە چاڭ - توزان قوندۇرمىغان، ئۇ دائىم مۇنداق دەيتتى: «بىر يارماقنىمۇ قالايمىقان خەجلەشكە بولمايدۇ، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىشى كېرەك، بىز ئىشچى - دېھقانلار ئۈچۈن پۇل باشقۇرىمىز، قىزىل ئارمىيە ئۈچۈن مالىيە باشقۇرىمىز، چوقۇم ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك بولۇشىمىز كېرەك!»

پۈتۈن مەملىكەتتە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، 1938 - يىلى 2 - ئايدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن، ماۋ زېمىن ئىسمىنى جوۋ بىنغا ئۆزگەرتىپ، چېن تەنچيۇ قاتارلىق يولداشلار بىلەن شىنجاڭغا كېلىپ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ئىشلىگەن، ئىلگىرى - كىيىن بولۇپ شىنجاڭ ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتى، خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ نازىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. كىشىنى ئېچىندۇرىدىغىنى شۇكى، 1942 - يىلى شىنجاڭدىكى مىلىتارىست شېڭ شىسەي شىنجاڭدا كوممۇنىستلارنى قولغا ئېلىپ ئۆلتۈرگەن، شۇ يىلى 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ماۋ زېمىن ۋە چېن تەنچيۇ قاتارلىق كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ئەكسىيەتچىل مىلىتارىست شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.

تۈرمىدە، دۈشمەنلەر ماۋ زېمىن قاتارلىقلارغا قاتتىق - يۇمشاق ۋاسىتىلەرنى تەڭ ئىشلىتىپ، ئۇلارنى قاتتىق قىيىن - قىستاققا ئېلىپ سوراق قىلغان، ئۇنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدا ئاتالمىش «توپىلاڭ كۆتۈرۈش» سۇيىقەستىنى ئىقرار قىلىشقا مەجبۇرلىغان، ئۇنى كوممۇنىستىك پارتىيەدىن ئايرىلىشقا، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ تەشكىلاتىنى تاپشۇرۇشقا قىستىغان. ماۋ زېمىن قاتارلىقلار قەتئىي تىز پۈكمەي، ئۆلۈمگە قىلچە پىسەنت قىلماي، قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «پارتىيەدىن قەتئىي ئايرىلمايمىز، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆزىگە خاس غۇرۇرى بار.» «مەن كوممۇنىزملىق مەيدانىمدىن ۋاز كەچمەيمەن!» 1943 - يىلى 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ماۋ زېمىن دۈشمەنلەر تەرىپىدىن مەخپىي ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن، شۇ يىلى ئۇ 47 ياشتا ئىدى.

ماۋ زېمىننىڭ قۇربان بولغىنىغا 70 نەچچە يىل بولدى، ئۇنىڭ ئەينى يىللاردىكى قالاق، بېكىنمە ھالەتتىكى يۇرتىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈزبەردى. بۈگۈنكى كۈندە، شاۋشەن قىزىل روھنى ئاساسىي رەڭ قىلىپ، قىزىل بايلىقنى تايانچ قىلىپ، «يېڭى بىر دۇنيا يارىتىش»تەك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى -- 2015 - يىلى نامرات ئائىلىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 2016 - يىلى نامرات كەنتلەرنىڭ ھەممىسى «قالپىقىنى ئېلىۋەتتى»، 2020 - يىلى 9 مىليارد 708 مىليون يۈەنلىك رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تاماملاندى، بۇ 2011 - يىلىدىكىنىڭ 2.46 ھەسسىسى...

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭشا، 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.