تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

خەلق قەھرىمانى ليۇ جىدەن

ليۇ جىدەننىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى خاۋ

«بوۋام ۋاپات بولغاندا، ئۇنىڭ پورتمانىدا نەچچە تال تاماكا ۋە يىرىمى قالغان قېرىنداشلا بار بولۇپ، ئائىلىدىكىلەرگە ھېچقانداق مال - مۈلۈك قالدۇرمىغانىدى، ئەمما قىممەتلىك مەنىۋى مىراس قالدۇرۇپ كەتتى.» قەھرىمان - قۇربان ليۇ جىدەننىڭ نەۋرە قىزىنىڭ ئېرى چاۋ ياڭ مۇنداق دېدى: ئائىلىمىزدىكىلەر ليۇ جىدەننىڭ ئىنقىلابىي روھىغا ئىزچىل ۋارىسلىق قىلىپ، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ئۆزىمىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ كەلدۇق.

«چاغان كەلدى، يېڭى يىل كەلدى، شىمالىي شەنشىدىن ليۇ جىدەن چىقتى...» ھازىرغىچە تارقىلىپ ئېيتىلىۋاتقان خەلق ناخشىلىرىدا شىمالىي شەنشى خەلقىنىڭ ليۇ جىدەنگە بولغان ھۆرمىتى ۋە سېغىنىشى ئىپادىلەنگەن. ئامېرىكىلىق مۇخبىر ئېدگار سىنو ليۇ جىدەننى «ھازىرقى زاماندىكى پالۋان روبىنھام» - «كەمبەغەللەرنىڭ ئارىسىدا ئۇنىڭ ئىسمى ئۈمىد ئېلىپ كەلدى» دەپ تەرىپلىگەن.

ليۇ جىدەن، 1903 - يىلى 10 - ئاينىڭ 4 - كۈنى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ باۋئەن ناھىيەسى (ھازىرقى جىدەن ناھىيەسى)دە تۇغۇلغان. 1922 - يىلى يۈلىن ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئىمىتىھان بېرىپ كىرگەن، ۋېي يېچوۋ، لى زىجوۋ قاتارلىق تەرەققىيپەرۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەسىرىدە، ماركسىزم - لېنىنىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشكە باشلاپ، ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى پائال تەشكىللىگەن.

1924 - يىلى، شىمالىي شەنشىدە سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ياچېيكىسى قۇرۇلۇپ، ليۇ جىدەن يۈلىن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىتتىپاق ئەزاسى بولغان. 1925 - يىلى، يۈلىندا پارتىيەنىڭ ئالاھىدە ياچېيكىسى قۇرۇلغان، ليۇ جىدەن ئارقىدىنلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، شۇ يىلى قىشتا تەشكىلنىڭ بېكىتىپ ئەۋەتىشى بىلەن خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن.

1926 - يىلى، ليۇ جىدەن خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، قوشۇن بىلەن بىللە شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1927 - يىلى بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ليۇ جىدەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەخپىي ئالاقە خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان. 1928 - يىلى 4 - ئايدا، ۋېيخۇا قوزغىلىڭىغا قاتناشقان ۋە رەھبەرلىك قىلغان، غەربىي شىمال ئىشچى - دېھقانلار ئىنقىلابىي ئارمىيەسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. شۇ يىلى كۈزدە، شەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ليۇ جىدەننى شىمالىي شەنشىگە قايتىپ خىزمەت قىلىشقا ئەۋەتكەن، ئۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىمالىي شەنشى ئالاھىدە خىزمەت كومىتېتى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

1931 - يىلى 10 - ئايدا، ليۇ جىدەن شيې زىچاڭ قاتارلىقلار بىلەن غەربىي شىمال جاھانگىرلىككە قارشى ئىتتىپاقداش ئارمىيەنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، مۇئاۋىن باش قوماندان بولغان. كېيىن جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى شەنشى - گەنسۇ چېگرا رايونى پارتىزانلار ئەترىتى قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن، ليۇ جىدەن باش قوماندان بولغان، جاۋ جىن، نەنلياڭنى مەركەز قىلغان شەنشى - گەنسۇ چېگرا رايونى سوۋېت رايونىنى ئاچقان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئارقا - ئارقىدىن شەنشى - گەنسۇ چېگرا رايونى قىزىل ئارمىيەسى ۋاقىتلىق قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى قوشۇمچە سەنموۋجاڭ، قىزىل ئارمىيە 26 - جۈنى 42 - شىسىنىڭ شىجاڭى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شەنشى - گەنسۇ چېگرا رايونى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، غەربىي شىمال ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ، شىمالىي شەنشى، شەنشى - گەنسۇ چېگرا رايونىدىن ئىبارەت ئىككى سوۋېت رايونىنىڭ تۇتۇشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرىنى ئورۇنلىشىش نۇقتىسى بىلەن تەمىنلىگەن.

1935 - يىلى 9 - ئايدا، قىزىل ئارمىيە 15 - جۈنتۇەننىڭ مۇئاۋىن جۈنتۇەنجاڭى قوشۇمچە سەنموۋجاڭ بولۇپ، لاۋشەن جېڭىگە قاتناشقان ۋە قوماندانلىق قىلغان. كېيىن شىمالىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى، قوشۇمچە 28 - جۈننىڭ جۈنجاڭى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تۇرۇشلۇق ۋاياۋباۋ گارنىزونىنىڭ سىلىڭى بولغان. جوۋ ئېنلەي مۇنداق دېگەن: «يولداش ليۇ جىدەن پارتىيەگە ئىنتايىن سادىق، ئىنتايىن كەمتەر، ئىنتىزامغا ئەڭ رىئايە قىلىدۇ، ئۇ كوممۇنىستىك پەزىلەتكە ئىگە ھەقىقىي پارتىيە ئەزاسى».

1936 - يىلى 3 - ئايدا، ليۇ جىدەن قىزىل ئارمىيە 28 - جۈنىنى باشلاپ، شەرققە يۈرۈش قىلىش جېڭىگە قاتنىشىپ، شەنشىنىڭ غەربىي شىمالىغا ئىلگىرىلەپ كىرىپ، دۈشمەن ئارمىيەسىنى قايتا - قايتا يەڭگەن. 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى جۇڭياڭ ناھىيەسىنىڭ سەنجياۋ بازىرىدىكى ئۇرۇشتا بەختكە قارشى قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئاران 33 ياشتا ئىدى. ئۇنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە شەنشى - گەنسۇ - نىڭشيا چېگرا رايونى ھۆكۈمىتى باۋئەن ناھىيەسىنىڭ ئىسىمىنى جىدەن ناھىيەسىگە ئۆزگەرتكەن.

1942 - يىلى، ليۇ جىدەننىڭ قۇربان بولغانلىقىغا ئالتە يىل بولغان چاغدا، يولداش ماۋ زېدۇڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق بېغىشلىما يازغان: «مەن شىمالىي شەنشىگە بارغاندا يولداش ليۇ جىدەن بىلەن پەقەت بىر قېتىم كۆرۈشۈپلا، ئۇنىڭ ناھايىتى ياخشى بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىنى بىلگەن، كۈتۈلمىگەندە، ئۇ قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى، ئەمما ئۇنىڭ پارتىيەگە، دۆلەتكە چەكسىز سادىق بولۇش روھى پارتىيە ۋە خەلق ئارىسىدا مەڭگۈ ساقلىنىدۇ، ھەرگىز ئۆچمەيدۇ.» 1943 - يىلى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە شەنشى - گەنسۇ - نىڭشيا چېگرا رايونىدىكى خەلق جىدەن ناھىيەسىدە ليۇ جىدەن ئۈچۈن چوڭ كۆلەمدە دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن، ماۋ زېدۇڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم بېغىشلىما يازغان: «ئاممىنىڭ داھىيسى، مىللەتنىڭ قەھرىمانى». جوۋ ئېنلەي مۇنداق بېغىشلىما يازغان: «5000 يىللار مابەينىدە قەھرىمانلار چىقتى تۈمەنلەپ، خەلق قەھرىمانى ليۇ جىدەننى ئەسلەيمىز ھەرۋاقىت تەرىپلەپ».

ليۇ جىدەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا كىرگەندە، ياپيېشىل قارىغاي، ئارچىلار قەد كۆتۈرگەن، قۇشلار سايرىشىپ، گۈللەر ئېچىلغان، ھەيۋەتلىك، تىمتاس ئىدى، بۇ يەر مەملىكەتلىك ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش ئىمارەتلىرى بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئورۇنغا، مەملىكەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىغا ئايلاندى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئەسلەش ۋە پارتىيە تارىخى تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە كېلىدىغان كادىرلار، ئاممىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.

جىدەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چۈ يۇڭفېڭ مۇنداق دېدى: ليۇ جىدەن «ھاياتى بىلەن خەلققە نەپ يەتكۈزدى، قۇربان بولۇپ خەلققە جاۋاب قايتۇردى»، ئۇ، بىز پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۈلگىسى، بىز قەھرىمان - قۇربانلارنىڭ ھېكايىلىرىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ ھەم ئۇنى ياخشى سۆزلەپ، يولداش ليۇ جىدەننىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، خەلقنى كۆزلەش، ساداقەتمەن بولۇش، كۈرەش قىلىش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، يېتىشىۋېلىش، ھالقىشتەك ئەمەلىي نەتىجە، ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق قەھرىمانلارنى مەدھىيەلەيمىز، قەھرىمانلارغا تەسەللى بېرىمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىئەن، 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.