تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​تارىختىن ئەقىل - پاراسەت قوبۇل قىلىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش جۇشقۇن روھىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش كېرەك

ئاپتونوم رايون رەھبىرى ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، مەدەنىيەت - ساياھەت، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش قاتارلىق سىستېمىلاردا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى

​تارىختىن ئەقىل - پاراسەت قوبۇل قىلىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش جۇشقۇن روھىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، مەدەنىيەت - ساياھەت، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش قاتارلىق مەسئۇل سىستېمىلاردىكى ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلارغا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

ئەركىن تۇنىياز «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش» «پارتىيە تارىخىغا ئائىت ئاساسلىق ئەسەرلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇساپىسى ۋە تارىخىي خاراكتېرلىك تۆھپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش» «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەش» قاتارلىق جەھەتلەردىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەنلىكىدەك 100 يىللىق تارىخىنى سىستېمىلىق شەرھلىدى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تارىختىن تەجرىبە، ئەقىل - پاراسەت قوبۇل قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەپ، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىق كۈرەش مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چوڭقۇر مەڭگۈ ئەستە ساقلاش؛ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچى ۋە بارلىققا كەلگەن غايەت زور نەتىجە ئۈنۈمىنى چوڭقۇر ھېس قىلىش؛ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش جۇشقۇن روھىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىققا ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.