تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش»نىڭ 3- قىسمى باشلاندى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاۋ شىيا، لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش»نىڭ 3 - قىسمى باشلاندى، كەلگۈسى ئون كۈندە، ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى(G7)نىڭ شىنجاڭ بۆلىكىنى بويلاپ «مەدەنىيەت يىلتىزىنى ئىزدەش سەپىرى» باش تېمىسىدىكى خەۋەر قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، سىزنى باشلاپ مىڭ يىللىق قەدىمىي يولنىڭ بۈگۈنكى زور ئۆزگىرىشلىرىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

بېيجىڭ − ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قىسقارتىلىپ بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى دېيىلىدۇ، ئۇ، دۆلەتنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورىدىكى پايتەختتىن چىقىدىغان 7 - لىنىيە بولۇپ، بېيجىڭ، خېبېي، سەنشى، ئىچكى موڭغۇل، گەنسۇ، شىنجاڭدىن ئىبارەت ئالتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن ئۆتىدۇ، ئومۇمىي مۇساپىسى تەخمىنەن 2768 كىلومېتىر. بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى شىنجاڭ بۆلىكىنىڭ تۇنجى بېكىتى مىڭشۇي(شىنجاڭ - گەنسۇ چېگراسى)غا جايلاشقان بولۇپ، ۋۇتۇڭ داچۈەن، ئاراتۈرۈك، باركۆل، مورى، گۇچۇڭ، جىمىساردىن ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچىگە كىرىدۇ.

ۋۇتۇڭ داچۈەن − ئاراتۈرۈك − باركۆل - مورى بۆلىكى بېيجىڭ − شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»ى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، 6 - ئاينىڭ ئاخىرىدا قاتناش باشلىنىدۇ، شۇ چاغدا، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ شىمالىي يولى ئومۇميۈزلۈك پۈتىدۇ.

خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بويىدىكى تارىخىي مەدەنىيەتنى قان تومۇر قىلىپ، كەڭ تورداشلار ۋە ئوقۇرمەنلەرنى باشلاپ ئاراتۈرۈكنى قوغداش جېڭى خاتىرە سارىيى، باركۆل يايلىقى، بېشبالىق قەدىمىي شەھىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، تارىخىي مەدەنىيەت ئىچىدىن قەلب ئورتاق ساداسىنى تېپىپ، شۇ جاينىڭ مەدەنىيەت - ساياھەتنى يۇغۇرۇش، ئېكولوگىيەسىنى قوغداش قاتارلىق يېڭى يوللىرىنى زىيارەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» قۇرۇلۇش نەق مەيدانىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلىشىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىدۇ. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى يۇغۇرما خەۋەر قىلىش ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، يول بويىدىكى قىزىل ئىزنالار، داڭلىق مەنزىرە رايونلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ نۇقتىدىن خاتىرىلەيدۇ ۋە نامايان قىلىدۇ.

بۇ قىسىمدا يارقىن نۇقتىلار كۆپ بولۇپ، گېزىتىمىز تەشەببۇس قىلغان «شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە ئېلىش» پائالىيىتى باشلىنىدۇ، ھەرقايسى جايلاردىكى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ مەشغۇلاتچىلىرى باركۆل كۆلىگە يىغىلىپ سىزگە يول بويىدىكى مەنزىرىلەرنىڭ گۈزەللىكىنى «بوشلۇق»تىن كۆرسىتىدۇ؛ گېزىتىمىز يەنە شىنجاڭ جۇڭلۇليەن ساياھەت سېلىنما چەكلىك شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش. ئۆي ئاپتوموبىلى كەلدى» سىنلىق مەخسۇس سەھىپىسىنى ئېچىپ، ئوقۇرمەنلەر ۋە تورداشلار بىلەن بىرلىكتە ئۆي ئاپتوموبىلى مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىدۇ.

«يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» باش تېمىلىق خەۋەر قىلىش پائالىيىتى 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى باشلانغان بولۇپ، ئالدىنقى ئىككى قىسىمدا ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۇرپان - خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G3012)نىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستىدىن خوتەنگىچە بولغان بۆلىكى، ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G30)نىڭ شىڭشىڭشيادىن شىخەنزىگىچە بولغان بۆلىكى، تۇرپان - خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G3012)نىڭ تۇرپاندىن ئاقسۇغىچە بولغان بۆلىكىگە كېرىپ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سەپىرى» «قىزىل ئەسلىمە سەپىرى» «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيە سەپىرى» باش تېمىلىق خەۋەر قىلىشنى قانات يايدۇردى، مۇخبىرلار زىيارەت قىلىپ خەۋەر قىلىشتا «ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى ئۆتكۈر» بولۇشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پۈتۈن تاراتقۇ ۋاسىتىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى خاتىرىلىدى ۋە نامايان قىلدى؛ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، بىر نىيەتتە ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىش ھېكايىلىرىنى جانلىق تەسۋىرلەپ بەردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن تەنتەنىلىك، قىزغىن، خۇشال - خۇرام، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتىنى ياراتتى.

پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق مۇھىم تارىخىي تۈگۈنىدە، «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» باش تېمىلىق خەۋەر قىلىش پائالىيىتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى قاپلاپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى تۈگۈن قىلىپ، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ شانلىق كۈرەش مۇساپىسىنى پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك نامايان قىلىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان شىنجاڭنى جانلىق نامايەن قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.