تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكى «تېز دەۋر»ىنى بەرپا قىلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ دۇڭمېي، رېن چۇنشياڭ خەۋەر قىلىدۇ: «ئىلگىرىكى بىرقانچە يىلدا ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئىشقا بېرىش ياكى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىشقا بىر سائەت ۋاقىت كېتەتتى، ھازىر 20 نەچچە مىنۇتلا كېتىدۇ، ئاسما كۆۋرۈكلۈك يولدا مېڭىش ياكى يەر يۈزى يولىدا مېڭىش بولسۇن، يول يۈرۈش ناھايىتى قولايلاشتى» دېدى 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ياڭ گوپىڭ. ياڭ گوپىڭنىڭ تەسىراتى ئۈرۈمچى يول تورى قۇرۇلۇشىنىڭ تېز تەرەققىياتىدىن كەلگەن.

بۇ يىل ئۈرۈمچى 21 يول قۇرۇلۇشى تۈرىنى بېكىتتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 19 تۈردە قۇرۇلۇش باشلاندى. «ئۈرۈمچىدە ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىدىغان تېز سۈرئەتلىك يول تورى شەكىللەندى، شەھەرنىڭ شىمالىي قىسىمغا كېڭىيىشى، شەرق ۋە غەربتىن ئىبارەت ئىككى قاسنىقىغا ئۇزىرىشى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىپ، شەھەر تەرەققىيات رامكىسى تەدرىجىي زورايتىلدى» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسى(خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى ئىشخانىسى) نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جەي گوخۇا.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈرۈمچى زامانىۋى خەلقئارالىق شەھەر قۇرۇشنى تېزلىتىپ، «شەرققە ئۇزارتىش، غەربكە كىرگۈزۈش، جەنۇبنى تىزگىنلەش، شىمالغا كېڭەيتىش» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، شەھەر قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر يول تورىنى ئىلمىي پىلانلاپ، ئۆزئارا تۇتاشقان، تېز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قاتناش تورىنى قۇرۇپ، شەھەرنىڭ كۆتۈرۈش كۈچى ۋە راۋانلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئايلانما لىنىيەلىك تېز سۈرئەتلىك يول ۋە نۇرسىمان لىنىيەلىك تېز سۈرئەتلىك يول قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، ئۈرۈمچىدە جەنۇب، شىمال، شەرق، غەرب يول تورىنى تېز تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسى(خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى ئىشخانىسى)نىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تېز سۈرئەتلىك يول تورى دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولدى، شەھەرنىڭ يادرولۇق رايوندىكى يول تورىنىڭ ئىقتىدارى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، يول يۈرۈش ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرالايدۇ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە يەنە يول تورى رامكىسىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى «مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىدىكى مەركىزىي شەھەر» قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، قاتناشنىڭ راۋانلىقىنى كۈچەيتىپ، «ئىككى توغرىسىغا سوزۇلغان يول، ئىككى ئۇزۇنىسىغا سوزۇلغان يول، بەش ئايلانما يول، كۆپ يۆنىلىش» يول تورى قۇرۇلمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «نۇقتىلارنى تۇتاشتۇرۇپ لىنىيە ھاسىل قىلىش»تىن «لىنىيەنى تۇتاشتۇرۇپ تور ھاسىل قىلىش»قىچە، مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكى ئىچى - سىرتىنىڭ قاتناش ئالاقىسىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، «بىر سائەت»تە بېرىپ كېلىدىغان مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكى بەرپا قىلىدۇ.

ئۈرۈمچى مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىنىڭ تەرەققىياتى شەھەرلەر ئارىسىدىكى زىچ قاتناش ئالاقىسى ھەمدە ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مۇكەممەل قاتناش سىستېمىسىغا تايىنىدۇ، كەلگۈسىدە «ئىككى ئايروپورت، كۆپ ۋوگزال، توققۇز لىنىيە، يەتتە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول» يادرو قىلىنغان «ئاۋىياتسىيە، تۆمۈريول، تاشيول» زامانىۋىلاشقان ئۇنىۋېرسال قاتناش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى مەركىزىي رايونلارغا تېز تۇتاشتۇرۇلۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئاساسلىق شەھەرلەر بىلەن كۆپ يۆنىلىشتە تۇتاشتۇرۇلۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىشكە قولايلىق يارىتىلىپ، سىرتقا تۇتاشقان، ئىچكى جەھەتتە راۋان بولغان ئىستېرېئولۇق قاتناش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.